
يېقىندا، BMW شىركىتى بىلەن دۆلەت تورى توكلۇق ئاپتوموبىل شىركىتى تېخىمۇ چوڭقۇر ھەمكارلىق ئورنىتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئىككى تەرەپ كەلگۈسى ئۈچ يىلدا 100 دانە توك قاچىلاش ۋە قۇياش ئېنېرگىيەلىك توك قاچىلاش بىر گەۋدىلەشكەن يېشىل ئېنېرگىيە پونكىتى قۇرۇشنى مۆلچەرلىدى.

BMW گۇرۇھى يەنە «ئۈچ باسقۇچلۇق پىلان» ئارقىلىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئاپتوموبىللارنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىش سۈرئىتىنى تېزلىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يەنى بىرىنچى باسقۇچتا، Project i تۈرى ئارقىلىق BMW توكلۇق ئاپتوموبىللىرىنىڭ تۈرلىرىنى كۆپەيتىپ، يېڭىلىق يارىتىش تېخنىكىسىنى ئۈزلۈكسىز يېتىلدۈرۈپ، ئاخىرىدا مىقدارلاشتۇرۇپ ئىشلەپچىقىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش.

ئىككىنچى باسقۇچتا، BMW گۇرۇھى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئاپتوموبىل تىپى سۇپىسى قۇرۇلمىسى ۋە ئىشلەپچىقىرىش تورىغا تايىنىپ، 2023-يىلىغا بارغاندا يەر شارىنى تەخمىنەن 12 خىل ساپ توكلۇق ئاپتوموبىل تىپى بىلەن تەمىنلەپ، دەسلەپ قەدەمدە BMW 5 يۈرۈشلۈكى، BMW X1 تىپى، BMW 7 يۈرۈشلۈكى ۋە MINI CONTRYMAN قاتارلىق ئاپتوموبىللارنىڭ ساپ توكلۇق نۇسخىسىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش.

2023-يىلىغا بارغاندا BMW گۇرۇھى تەخمىنەن %90 ئېھتىماللىقتا ھەر قايسى ئاپتوموبىل تىپى بازارلىرىدا ئاز دېگەندە بىر خىل ساپ توكلۇق ئاپتوموبىل تىپى بىلەن تەمىنلەش.

ئۈچىنچى باسقۇچتا، 2025-يىلى «يېڭى دەۋر» ئاپتوموبىل تىپىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدىغانلىقىنى پىلانلىغان. مۆلچەرلىنىشىچە، 2030-يىلىغا بارغاندا ساپ توكلۇق ئاپتوموبىل تىپىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى ئاز دېگەندىمۇ BMW گۇرۇھىنىڭ ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ %50نى ئىگىلەيدىكەن. كېيىنكى 10 يىلدا BMW گۇرۇھى يەر شارىدا جەمئىي 10 مىليون دانە ساپ توكلۇق ئاپتوموبىل سېتىپ چىقىرىشنى پىلانلىغان.