شاڭخەي لىنگاڭ ئورگان تەرەپ سالونى (上海临港官方公众号)دىن ئىگىلىنىشىچە، شاڭخەي نەنگاڭ پورتى 8 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى تۇنجى تۈركۈمدىكى پۈتۈن تېسلا ئاپتوموبىلى قاچىلانغان ئېكسپورت پاراخوتىنى كۈتۈۋالغان. ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى ئېكسپورتتا جەمئىي 4410 دانە Model 3 ئاپتوموبىل تىپى بار، ھەممىسى تېسلانىڭ شاڭخەيدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى زاۋۇتىدا ئىشلەپچىقىرىلغان بولۇپ، بېلگىيەگە ئېكسپورت قىلىنىدىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، شاڭخەي نەنگاڭ پورتى لىنگاڭ يېڭى رايونى بىلەن قۇرۇقلۇقنى تۇتاشتۇرىدىغان بىردىنبىر ئېچىۋېتىلگەن پورت ئىكەن. بۇنىڭدىن ئىلگىرى شاڭخەي شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئاشكارىلىشىچە، لىنگاڭ شىنپيەن رايونىنىڭ 2021-يىللىق ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 600 مىڭدىن، ئاپتوموبىل ئېكسپورت مىقدارى 100 مىڭدىن ئاشىدىكەن. لىنگاڭ شىنپيەن رايونىغا جايلاشقان تېسلا شاڭخەي زاۋۇتىنىڭ يىللىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 450 مىڭغا، ئومۇمىي ئېكسپورت مىقدارى 66 مىڭ 100گە، يىل ئاخىرىدا دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلىش نىسبىتى %90 ئەتراپىغا يېتىدىكەن.

ئاپتوموبىل بىرلەشمىسى ئېلان قىلغان دۆلىتىمىزدىكى ئاپتوموبىل سېتىلىش مىقدارى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 7-ئايدا تېسلانىڭ توپ سېتىش مىقدارى 32 مىڭ 968گە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %199 ئاشقان. 7-ئايغىچە تېسلانىڭ ئومۇمىي سېتىش مىقدارى 200 مىڭدىن ئاشقان. تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، 7 ـ ئايدا تېسلانىڭ ئېكسپورت مىقدارى تۇنجى قېتىم 20 مىڭ دانىدىن ئېشىپ، ئالدىنقى ئايدىكىدىن %38.5 ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە Model 3نىڭ ئېكسپورت مىقدارىدا يەنە يېڭى رېكورت يارىتىلىپ، 16 مىڭ 137 دانىگە يەتكەن. Model Yنىڭ ئېكسپورتى تۇنجى ئايدىلا 8210 دانە ئېكسپورت نەتىجىسىگە ئېرىشكەن.