ئېلېكترونلۇق پىراۋا 1-سېنتەبىر 28 شەھەردە رەسمىي يولغا قويۇلىدۇ

ج خ مىنىستىرلىقى قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىمىزچە، ئالدىنقى مەزگىلدە تيەنجىن، چېڭدۇ، سۇجۇ قاتارلىق ئۈچ شەھەردە سىناق قىلىنغان ئېلېكترونلۇق پىراۋا 1-سېنتەبىر رەسمىي يولغا قويۇلىدىكەن، ئالدىنقى مەزگىلدە يۇقىرىقى ئۈچ شەھەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 28 شەھەردە تۇنجى بولۇپ ئىشلىتىلىدىكەن.

ئېلېكترونلۇق پىراۋىغا ئېرىشىشنىڭ كونكرېت ئۇسۇلى مۇنداق: ئېلېكتىرونلۇق پىراۋا مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن «قاتناش باشقۇرۇش 12123» ئەپ دېتالى ئارقىلىق تارقىتىلىدۇ، ئېلېكترونلۇق پىراۋا مەملىكەت مىقياسىدا كۈچكە ئىگە بولىدۇ، قاتناش باشقۇرۇش كەسپىنى بېجىرىش، يولدا تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلغاندا ئىشلىتىشتىن سىرت، يولۇچى ۋە يۈك تىرانسپورتى، ئاپتوموبىل ئىجارىگە بېرىش، سۇغۇرتا سېتىۋېلىش قاتارلىق ئىجتىمائىي ساھەلەرگە كېڭەيتىلىپ، شوپۇرلارنى توردىلا «گۇۋاھنامە» كۆرسىتىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، ئىش بېجىرىش رەسمىيەتلىرىنى يەنىمۇ ئاددىيلاشتۇرۇپ، كىنىشكىنى ئىشلىتىش قولايلىقىنى ئۆستۈرۈپ، ئاممىنىڭ سىرتقا چىقىشىغا تېخىمۇ قولايلىق يارىتىپ بېرىدۇ.

كەلگۈسىدە باشقا شەھەرلەرمۇ ئارقا-ئارقىدىن ئېلېكترونلۇق پىراۋىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇپ، شوپۇرلار ۋە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئىش بېجىرىشىگە تېخىمۇ قولايلىق يارىتىدۇ.

发表评论

您的电子邮箱地址不会被公开。 必填项已用*标注