شياۋپىڭ P7 توكلۇق ئاپتوموبىلى 50 مىڭ دانىدىن ئارتۇق ئىشلەپچىقىرىلدى

يېقىندا شياۋپېڭ ئاپتوموبىلچىلىقى (小鹏汽车) ئورگان تەرەپ، جاۋچىڭ (肇庆) شياۋپېڭ ئاپتوموبىلى ئەقلىي ئىقتىدارلىق تور بىرلەشمە پەن-تېخنىكا كەسپى رايونىدا 50 مىڭ دانە شياۋپېڭ P7 ئاپتوموبىلى ئىشلەپچىقارغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇلتۇر 7-ئايدىن باشلاپ، شياۋپېڭ ئاپتوموبىلچىلىقى 496 كۈن ئىچىدە 50 مىڭ دانە شياۋپېڭ P7 ساپ توكلۇق ئاپتوموبىلىنىڭ رەسمىي زاۋۇتتىن چىقىشىنى ئىشقا ئاشۇردى.

شياۋپېڭ P7 ساپ توكلۇق ئاپتوموبىلى ئۇدا يۈرۈش مۇساپىسى ئۇزۇن بولغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئائىلە ئاپتوموبىلى بولۇپ، دۆلىتىمىز ئىچىدىكى باھاسى 229 مىڭ 900 يۈەندىن باشلىنىدۇ.

شياۋپېڭ ئاپتوموبىلچىلىقىنىڭ ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتى 8-ئاينىڭ 18-كۈنى 2-قارارلىق تۈر كېلىشىمى ئىمزالاش ۋە ئىش باشلاشنى رەسمىي يولغا قويۇپ مەبلەغنى كۆپەيتىش، ئىشلەپچىقىرىشنى كېڭەيتىش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش ۋە ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش قاتارلىق كۆپ خىل تەرەققىيات ئەندىزىسى ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىشنى تېخىمۇ ئەلالاشتۇرىدىكەن.

بۇ تۈر ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، جاۋچىڭ ئەقلىي ئىشلەپچىقىرىش بازىسىنىڭ يىللىق ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 100 مىڭدىن دانىدىن 200 مىڭ دانىغىچە يېتىپ، تېز سۈرئەتتە ئېشىۋاتقان بازار ئېھتىياجىنى قاندۇرىدىكەن.

发表评论

您的电子邮箱地址不会被公开。 必填项已用*标注