ئەڭ يېڭى فورد Fiesta ئاپتوموبىلى سىناق قىلىندى

تاراتقۇلار يېقىندا ئەڭ يېڭى فورد Fiesta ئاپتوموبىلىنىڭ بىر گۇرۇپپا يول سىنىقى سۈرەتلىرىنى ئاشكارىلىغان. 7-ئەۋلاد فورد Fiesta ئاپتوموبىلى 2017-يىلى تۇنجى قېتىم ئېلان قىلىنغان بولۇپ، 2019-يىلى بۇ ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىلىشتىن توختىغان. يېڭى ئاپتوموبىل ئوتتۇرا مەزگىللىك ئۆزگەرتىلگەن ئاپتوموبىل بولۇش سۈپىتى بىلەن، 2022-يىلى ئەتىيازدا رەسمىي ئېلان قىلىنىدۇ. يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ ئېلان قىلىنىشىغا ئەگىشىپ، تەنھەرىكەت نۇسخىسىدىكى ST ئاپتوموبىل تىپىمۇ بىرلىكتە ئېلان قىلىنىدۇ.

تاشقى كۆرۈنۈش جەھەتتە، يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ ئالدى يۈز قىسىمى ئاشكارىلانمىغان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا فورد جەمەتىنىڭ ئەڭ يېڭى لايىھە تىلىنى ئىشلەتكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. چوڭ رازمېرلىق ئىسلانغان ھەرە كۆنىكىسىمان شەكىللىك سالاسۇننىڭ ئىككى تەرىپىگە ئەڭ يېڭى پاسوندىكى باش چىراغ گۇرۇپپىسى ماسلاشتۇرۇلغان. ئاپتوموبىلنىڭ يان تەرىپىگە كۆپ شادىلىق گۈگۈسۈنسىمان چاق چەمبىرىكى، ئۇزۇن قوش ئىشىكلىك ئاپتوموبىل گەۋدىسىگە ماسلاشتۇرۇلغان بولۇپ، سىپورت تۇيغۇسى ئىنتايىن كۈچلۈك. ئاپتوموبىلنىڭ قۇيرۇق قىسىمى بىرقەدەر ئاددىي لايىھەلەنگەن بولۇپ، ئاستىنقى بىر تەرەپكە يۇمىلاق گاز چىقىرىش تۇرۇبىسى ئورنىتىلغان.

ئىچكى بېزەك لايىھەسى ۋاقتىنچە ئاشكارىلانمىغان بولۇپ، بىراق ئوخشاشلا فورد جەمەتىنىڭ ئىچكى بېزەك لايىھە تىلى قوللىنىش ئېھتىماللىقى چوڭ. ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ جەھەتتە، مۆلچەرلىنىشىچە، يېڭى ئاپتوموبىلغا 1.0T ئۈچ سىلىندىرلىق E Boost موتور + 48V ئېلېكتىر موتوردىن تەركىب تاپقان يېنىك ئارىلاش ئېنېرگىيەلىك سىستېما سەپلىنىشى مۇمكىن بولۇپ، ھەرىكەت ئۇزىتىش سىستېمىسىغا يەتتە خوتلۇق ئاپتوماتىك سۈرئەت ئۆزگەرتكۈچ ماسلاشتۇرۇلىدىكە

发表评论

您的电子邮箱地址不会被公开。 必填项已用*标注