بىرىنچى ئاپتوموبىل گۇرۇھى مازدا ئاپتوموبىل سېتىش چەكلىك شىركىتى تارىخقا ئايلاندى

بىر يىلغا يېقىن سوزۇلغان مازدا (马自达)نىڭ بازاردىن چېكىنىش ۋەقەسىگە قارىتا ئاخىرى ھۆكۈم چىقىرىلدى.
8-ئاينىڭ 17-كۈنى چاڭئەن مازدا (长安马自达) دۆلەت بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇش ئىدارىسىغا «چاڭئەن مازدا ئاپتوموبىل چەكلىك شىركىتىنىڭ بىرىنچى ئاپتوموبىل گۇرۇھى مازدا ئاپتوموبىل سېتىش چەكلىك شىركىتىنىڭ پاي ھوقۇقىنى سېتىۋېلىشى» ناملىق بىر پارچە ئىلتىماسنى تاپشۇردى.

ئېلان قىلىش جەدۋىلىدىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، چاڭئەن مازدا ئاپتوموبىل چەكلىك شىركىتى پاي ھوقۇقى + نەق پۇل شەكلى ئارقىلىق، بىرىنچى ئاپتوموبىل گۇرۇھى مازدا ئاپتوموبىل سېتىش چەكلىك شىركىتىنىڭ ٪100 پاي ھوقۇقىنى سېتىۋالغان، بۇ بىرىنچى ئاپتوموبىل گۇرۇھى مازدا ئاپتوموبىل چەكلىك شىركىتىنىڭ يېقىن كەلگۈسىدە چاڭئەن مازدا ئاپتوموبىل گۇرۇھى قارمىقىدىكى تولۇق مەبلەغلىك تارماق شىركەتكە ئايلىنىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

ئىگىلىشىمىزچە، سېتىۋېلىش تاماملانغاندىن كېيىن، بىرىنچى ئاپتوموبىل گۇرۇھى چاڭئەن مازدانىڭ %5 پاي چېكىنى سېتىۋېلىپ، ئاخىرىدا چاڭئەن مازىدا شىركىتىنى چاڭئەن ئاپتوموبىل شىركىتى (长安汽车)، مازدا شىركىتى (马自达汽车) ۋە بىرىنچى ئاپتوموبىل گۇرۇھىدىن ئىبارەت ئۈچ شىركەتنىڭ «شېرىكلىشىپ مەبلەغ سالغان» شىركىتىگە ئايلاندۇرىدىكەن.

بۇ يىل 6-ئايدا چاڭئەن مازدا كاپىتالنى كۆپەيتىش شەكلى ئارقىلىق %5 پاي ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بەرگەن بولۇپ، كونكىرت سودا ئۇچۇرلىرىمۇ يېقىندا ئاشكارىلانغان.

发表评论

您的电子邮箱地址不会被公开。 必填项已用*标注