
يېقىندا «زاماندىن ھالقىغان رىشتە» (司藤) ناملىق تىياتىر ئارقىلىق يەنە بىر قېتىم ئالقىشلانغان ئارتىس جىڭ تيەن (景甜)نىڭ خىزمەت ئىشخانىسى ئۇنىڭ ئەڭ يېڭى مۇقاۋا سۈرەتلىرىنى ھەمبەھىرلىدى. سۈرەتتە جىڭ تيەن تولىمۇ چىرايلىق، يارىشىملىق كىيىملەرنى كىيىۋالغان بولۇپ، بۇ كىيىملەر جىڭ تيەننىڭ گۈزەل رۇخسارى ۋە بەدەن شەكلىگە تولىمۇ ياراشقان ھەمدە جىڭ تيەن ئۆزىگە خاس لاتاپىتى بىلەن نازاكىتىنى تولۇق نامايان قىلغان.







