ناخشا ساھەسىدىكى بۇ ھەپتىلىك قىزىق نۇقتا خەۋەرلەر

«ئەركەك ئۆردەك» دەپ نامى بار كانادالىق داڭلىق ناخشىچى درەيىك (Drake)ئ‍ۆزىنىڭ ئ‍ەڭ يېڭى پىلاستىنكىسى «ئاشىق يىگىت» (Certified Lover Boy)نىڭ تەشۋىقاتىنى باشلىۋەتتى، مەزكۇر پىلاستىنكىنىڭ 9-ئاينىڭ 3-كۈنى يەنى بۈگۈن رەسمىي تارقىتىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. دېمەك ئ‍ۇنىڭ بۇ پىلاستىنكىسى ئ‍ۆزى بىلەن ئوخشاش ئۇسلۇپتا ناخشا ئېيتىدىغان يەنە بىر داڭلىق ناخشىچى كانيې ۋېست (Kanye West)نىڭ «DONDA» ناملىق يېڭى پىلاستىنكىسى بىلەن بەيگىگە چۈشىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

كانيې ۋېستنىڭ 3-قېتىملىق پىلاستىنكىنى ئالدىدىن سىناپ ئاڭلاش پائالىيىتىدىن ئ‍وخشاشلار يېڭىلىقلار ئۈزۈلمىگەن، ئ‍ۇنىڭ ئالدىنقى ئايالى كىم كارداشيان (Kim Kardashian) سىناپ ئاڭلاش پائالىيىتىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىدا توي كۆينىكى كىيىپ سەھنىدە پەيدا بولدى، بۇ پائالىيەت تور دۇنياسىنىڭ قىزغىن مۇنازىرىسىنى قوزغىغان. يېقىنقى ئ‍ەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا ئىككەيلەن يارىشىپ قالمىغان، ئەمما ئۇلار يەنىلا مۇناسىۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋېتىپتۇ، ئ‍ۇنىڭ ئۈستىگە كىم كارداشيان ھەر ۋاقىت ئاجرىشىش ئىلتىماسىنى قايتۇرۇۋېلىشى مۇمكىن ئىكەن.

ئۇنىڭدىن باشقا كانيې ۋېستنىڭ بۇ قېتىمقى سىناپ ئاڭلاش پائالىيىتىدە يەنە بىر چوڭ بەس-مۇنازىرە پەيدا قىلغان ئەھۋال بولسا كانيې ۋېست پۈتۈن تور دۇنياسىنىڭ قاتتىق ئەيىبلىشىگە ئۇچراۋاتقان داڭلىق ئ‍ىككى ناخشىچى «چوڭ قوزام» (Dababy) بىلەن مارىلىن مانسون (Marilyn Manson)نى نەق مەيداندا پەيدا بولۇشقا تەكلىپ قىلغان، خەۋەر قىلىنىشىچە يېڭى پىلاستىنكىدا يۇقارقى ئىككى سەنئەتكار بىلەن ھەمكارلاشقان يەككە ناخشا بار ئىكەن. كانيېدىن باشقا يۇقارقى ئىككى سەنئەتكارنىڭ تور دۇنياسىدا ئ‍ەيىبلىنىشكە ئۇچراشنىڭ سەۋەبى بولسا «چوڭ قوزام» بۇنىڭدىن ئىلگىرى ھەمجىنىسلار مۇھەببىتى سەۋەبىدىن ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەرنى كەمسىتىدىغان سۆزلەرنى قىلغانلىقىنى ئۈچۈن ھەر قايسى مۇزىكا سۇپىلىرىدىن ۋاقىتلىق ئۆچۈرۈلگەن. يەنە بىر سەنئەتكار مارىلىن مانسون بولسا ئائىلە زوراۋانلىقى، جىنسىي پاراكەندىچىلىك سېلىش، جىنسىي زوراۋانلىق قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلىنىپ قانۇن ئورۇنلىرىنىڭ تەكشۈرىشىنى قوبۇل قىلغان.

ئەنگلىيە ناخشا مۇنبىرىگە قارايدىغان بولساق يېڭى ئەۋلاد ئالقىشلىق ناخشىچى ئولىۋىيا رودرىگونىڭ (Olivia Rodrigo) يېڭى پىلاستىنكىسى «SOUR»نىڭ پاتېفون دېسكىسى نۇسخىسىنىڭ سېتىلىشى تېز ئ‍اشقان بولۇپ ئۇدا بەشىنچى ھەپتە تىزىملىكتە بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان، ئۇ 2000-يىلىدىن بۇيان مۇشۇ نۇسخىدىكى پىلاستىنكىسى ئەڭ كۆپ سېتىلغان ئ‍ايال ناخشىچىلارنىڭ بىرىگە ئ‍ايلانغان، شۇنداقلا 2020-يىلىدىن بۇيان چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن ھەپتىلىك سېتىلىش سانى ئەڭ كۆپ پىلاستىنكا بولۇپ قالغان.

ئۇنىڭدىن باشقا ئەنگلىيە يەككە مۇزىكا تىزىملىكىدە ئېد شېران (Ed Sheeran)نىڭ يېڭى يەككە ناخشىسى «يامان ئادەت» (Bad Habits) ئۇدا توققۇز قېتىم چېمپىيون بولدى، ئولىۋىيا رودرىگونىڭ يەككە ناخشىسى «شوپۇرلۇق پىراۋىسى» (drivers license)نىڭ رېكورتى بىلەن تەڭلىشىپ، بۇ يىل ئەنگلىيە ناخشا تىزىملىكىدە چېمپىيون بولغان ھەپتىلىك سانى ئەڭ كۆپ يەككە ناخشا بولۇپ قالغان.

ئاۋىستىرالىيەلىك ئ‍ەر ناخشىچى چىروي سىۋان (Troye Sivan)ئۆزىنىڭ ئ‍ەڭ يېڭى يەككە ناخشىسى «گۈزەل قوزام» (Angel Baby)نىڭ 9-ئاينىڭ 10-كۈنى تارقىتىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

يېڭى زېلاندىيەلىك داڭلىق ناخشىچى لورد (Lorde) مۇزىكا ژۇرنىلى (NME)نىڭ 9-ئايلىق مۇقاۋىسىغا چىقتى.

داڭلىق ناخشىچى جاستىن بىيبېر (Justin Bieber)نىڭ مەلۈم مۇزىكا سۇپىسىدىكى ئايلىق ئاڭلىغۇچىلار سانى 83 مىليون 300 مىڭغا يېتىپ، مەزكۇر سۇپىنىڭ تارىخىي رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىغان.

داڭلىق ناخشىچى ئادەل (Adele) ئ‍وغۇل دوستى رىچ پائۇل (Rich Paul) بىلەن بىرلىكتە جامېسنىڭ ئايالى ساۋاننا (Savannah)نىڭ تۇغۇلغان كۈن يىغىلىشىدا پەيدا بولغان، يەنە تېخى ئۇسۇل ئ‍وينىغان، ئ‍ادەلنىڭ ھازىرقى ئوغۇل دوستى جامېسنىڭ ۋاستىچىسى.

ئەنگلىيەلىك مودا ئېقىم ناخشىچى خوللي خۇمبېرستون (Holly Humberstone)نىڭ ئ‍ەڭ يېڭى «The Walls Are Way Too Thin» ناملىق مىكرو پىلاستىنكىسىنى 11-ئ‍اينىڭ 6-كۈنى رەسمىي تارقىتىلىدۇ.

داڭلىق ئ‍ايال ناخشىچى روسالا (ROSALA) بىلەن دومىنىكالىق ئ‍ايال رەپ ناخشىچىسى توكىشا (Tokischa) بىرلىكتە ئىجاد قىلغان ئ‍ەڭ يېڭى يەككە ناخشا «Lenda» مۇشۇ ئاينىڭ 2-كۈنى رەسمىي تارقىتىلغان.

发布日期:
分类:تاماشا

发表评论

您的电子邮箱地址不会被公开。 必填项已用*标注