
ياڭ مى (杨幂)، ئۇ 1986-يىلى 9-ئاينىڭ 12-كۈنى بېيجىڭدا تۇغۇلغان، تاماشا ساھەسىدىكى رول ئېلىش ماھارىتى ۋە ئەمەلىي كۈچى زور ئارتىسلارنىڭ بىرى، ئۇنىڭ «فۇ ياۋ رىۋايىتى» (扶摇)، «زاماندىن ھالقىغان رىشتە» (三生三世十里桃花)، «بېيجىڭدىكى مۇھەببەت ھېكايىسى»(北京爱情故事) قاتارلىق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى يۇقىرى كۆرۈلۈش نىسبىتى يارىتىش بىلەن بىرگە تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ۋە ياخشى باھالىرىغا ئېرىشكەن.

يېقىندا ياڭ مىنىڭ ئەڭ يېڭى سۈرەتلىرى ئاشكارىلاندى، بۇ سۈرەتلەر تورداشلارنىڭ قىزغىن مۇلاھىزىسىنى قوزغىدى، تۆۋەندە بىرلىكتە ئۇنىڭ بۇ سۈرەتلىرىنى كۆرۈپ چىقايلى:







