
78-نۆۋەتلىك ۋېنىتسىيە خەلقئارا كىنو بايرىمى ئىتالىيەنىڭ سۇ ئۈستى شەھىرى ۋېنىتسىيەدە ناھايتى قىزغىن داۋاملاشماقتا. شۇيەر ۋاقتى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى ئىتالىيەلىك 25 ياشلىق دەرىجىدىن تاشقىرى مودېل گرېتا فېررو (Greta Ferro) داڭلىق ماركا ئارمانى(Armani)نىڭ مەخسۇس بۇيرۇتۇپ تىكىلگەن مۇراسىم كۆينىكىنى كىيىپ قىزىل گىلەمدە پەيدا بولدى، قىزىل گىلەمدىكى بۇ داڭلىق مودېل ئۆزىنىڭ تەنناز كەلگەن بەدەن شەكلىنى تولۇق نامايان قىلىپ، پۈتۈن مەيداننىڭ دىققەت نۇقتىسىغا ئايلاندى.











