«خاررى پوتتېر»دىكى فوتوگراف ئېسىڭىزدىمۇ؟

«خاررى پوتتېر» (哈利波特) يۈرۈشلۈك رومانى 1997-يىلىدىن باشلاپ كىشىلەرنى سېھرىگەرلىك دۇنياسىغا باشلاپ كىرگەن، يۈرۈشلۈك كىنونىڭ مۇۋەپپەقىيىتىمۇ بۇ روماننى دۇنياغا تونۇتقان. خەۋەر قىلىنىشىچە، بۇ يۈرۈشلۈك كىنونىڭ ئىككىنچى قىسمى «خاررى پوتتېر: مەخپىي ئۆي» (哈利波特:密室)دە نەگىلا بارسا ئاپپارات كۆتۈرۈپ يۈرىدىغان، خاررىنىڭ مەستانىسىنىڭ رولىنى ئالغان ئەنگلىيەلىك ئارتىس خيۇ مىتچېل (Hugh Mitchell) چوڭ بولغاندىن كېيىن راستىنلا فوتوگراف بولغان.

كولىن كرېۋېي (Colin Creevey)نىڭ رولىنى ئالغۇچى خيۇ مىتچېل ئەينى يىلى «خاررى پوتتېر»نى سۈرەتكە ئالغان چاغدا 13 ياشتا بولۇپ، بۇ كىنومۇ ئۇ قاتناشقان تۇنجى كىنو ھېسابلىنىدۇ، كېيىن ئۇ يەنە «داۋىنچىنىڭ شىفىرى» (达芬奇密码) قاتارلىق كىنولاردا رول ئالغان.

بۇ يىل 31 ياشقا كىرگەن خيۇ مىتچېل ئارتىسلىق سالاھىيىتىدىن باشقا، يېقىندا يەنە ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىنىڭ ئۆزىنى تونۇشتۇرۇش سەھىپىسىگە «فوتوگراف» دېگەن تۈرنى قوشقان ھەم فوتو-سۈرەت ئەسەرلىرىنى ھەمبەھىرلىگەن.

发布日期:
分类:تاماشا

发表评论

您的电子邮箱地址不会被公开。 必填项已用*标注