
يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ياۋروپا-ئامېرىكا مودا مۇزىكا ساھەسىدە بىر قىسىم يېڭى ئەۋلاد چولپانلار ئارقا-ئارقىدىن باش كۆتىرىشكە باشلىدى، مەسىلەن كانادالىق ياش ناخشىچى شاۋن مېندېس (Shawn Mendes) دەل بۇلارنىڭ تىپىك ۋەكىلى. مۇزىكا ساھەسىدە مەڭگۈ سەل قاراشقا بولمايدىغان يېڭىدىن يېتىشىپ چىققان ماھىر بولۇش سۈپىتى بىلەن ھازىرقى ئورنى پېشقەدەملەرگە يېقىنلاشتى.

شاۋن مېندېس 1998-يىلى 8-ئاينىڭ 8-كۈنى كانادانىڭ ئونتارىئو ئۆلكىسىنىڭ تورونتو شەھىرىدە تۇغۇلغان ئەر ناخشىچى، ئانىسى كەيلۇن ئەنگلىيەلىك، كەسىپىئۆي-مۈلۈك ۋاستىچىسى، دادىسى پورتۇگالىيەلىك، ئادەتتىكى سودىگەر. بۇ خىل ئۈچ دۆلەت ئارقا كۆرىنىشىگە ئىگە ئائىلىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن شاۋن مېندېس كىچىكىدىن باشلاپلا مۇزىكىغا ئىشتىياق باغلىغان، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ۋاقىتلىرىدا گىتار چېلىشنى ئۆزلىكىدىن ئۆگەنگەن، بۇ جەرياندا ئۇ بىر تەرەپتىن ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرغاچ دەرىستىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدا باشقا ناخشىچىلارنىڭ ناخشىلىرىنى ئۆزلەشتۈرۈپ ئېيتىپ ئۆزى ئوقۇۋاتقان مەكتەپتە كۆزگە كۆرۈنۈشكە باشلىغان.

2013-يىلى ئەمدىلا 15 ياشقا كىرگەن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى شاۋن مېندېس ئۆزىمۇ ئويلىمىغان ھالدا جاستىن بىيبېر (Justin Bieber)نىڭ بازىرى ئىتتىك ناخشىسى «پەقەت سىز مېنى سۆيسىڭىزلا» (As Long As You Love Me)نى ئېيتىپ تور سۇپىسىغا يوللايدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ھاياتىدا ئويلىمىغان چوڭ ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىدۇ، قىسقىغىنا بىر نەچچە سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىتتا ئالاقە تورىدىكى بۇ سىن فىلىمىنىڭ كۆرۈلۈشى نەچچە مىليوندىن ئېشىپ ئەسلىدە ھىچقانداق نامى چىقمىغان بۇ ياش-ئۆسمۈر بىر كېچىدە پۈتۈن تور دۇنياسىغا تونۇلىدۇ. ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي ئۇنىڭ بۇ قىسقا سىن فىلىمى پىلاستىنكا شىركىتىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن 2014-يىلى رەسمىي ھالدا پىلاستىنكا شېركىتى بىلەن توختام ئىمزالاپ، ئۆزىنىڭ تۇنجى «مىكرو پىلاستىنكا» يەنى (EP) پىلاستىنكىسىنى تارقىتىدۇ، پىلاستىنكا تارقىتىلىپ 37 مىنۇت ئىچىدە ئامېرىكىدىكى نوپوزلۇق پىلاستىنكا تىزىملىكىدە چېمپىيونلۇق ئورنىغا چىقىدۇ.

ئالدىنقى مىكرو پىلاستىنكىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىدىن كېيىن شاۋن مېندېس 2015-يىلى ئۆزىنىڭ تۇنجى رەسمىي پىلاستىنكىسى «قول يازما» (Handwritten)نى تارقىتىدۇ، پىلاستىنكا تارقىتىلغاندىن كېيىن ئامېرىكا ئېلان تاختىسى پىلاستىنكا تىزىملىكىدە چېمپىيونلۇققا ئېرىشىپ، تۇنجى ھەپتىسى 100 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق سېتىلىش مىقدارى بىلەن رىكورت يارىتىدۇ، شۇنداقلا كانادالىق يەنە بىر ئەر ناخشىچى جاستىن بىيبېردىن قالسىلا ئەڭ ياش پىلاستىنكا تىزىملىكىنىڭ چېمپىيونى دىگەن نامغا ئېرىشىپ 2015-يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى ياۋروپا MTV مۇزىكا مۇكاپاتنىڭ «ئەڭ ياخشى يېڭى سەنئەتكار »ۋە «ئەڭ بۆسۈش ھاسىل قىلغان سەنەتكار»دىن ئىبارەت ئىككى تۈردە مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ، 2016-يىلى فوربېس ژۇرنىلى تەرىپىدىن دۇنيادىكى 30 ياشتىن تۆۋەن ئەڭ تەسىر كۈچكە ئىگە داڭلىق شەخس تىزىملىكىگە كىرىدۇ، قىسقىغىنە ئۈچ يىلدا گىتار چېلىپ ناخشا ئېيتىدىغان ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىدىن مەدىسىن مەيدانىدا ئويۇن قويىدىغان دەرىجىدىن تاشقىرى چولپانغا ئايلىنىدۇ.

2016-يىلى 9-ئاينىڭ 23-كۈنى شاۋن مېندېس ئۆزىنىڭ ئىككىنچى رەسمىي پىلاستىنكىسى «يورۇتۇش» (Illuminate)نى تارقىتىدۇ، بۇ پىلاستىنكىغا جەمئىي 12 ناخشا كىرگۈزۈلگەن بولۇپ «Treat You Better» ۋە روك ناخشىسى «Mercy» قاتارلىق يەككە چېمپىيون ناخشىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، پىلاستىنكا تارقىتىلىپ تۇنجى ھەپتىسىدىلا ئامېرىكا ئېلان تاختىسى پىلاستىنكا تىزىملىكىدە ئوخشاشلا چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرۈپ يەنە بىر قېتىم ياۋروپا MTV مۇزىكا مۇكاپاتىنىڭ «ئەڭ مۇنەۋۋەر ئەر ناخشىچى» مۇكاپاتىغا نائىل بولىدۇ.

ئەمما ئۇ بۇنىڭلىق بىلەن توختاپ قالمايدۇ 2018-يىلى ئۆزىنىڭ ئىسمى بىلەن ئوخشاش نامدىكى «Shawn Mendes» ناملىق ئۈچىنچى پىلاستىنكىسىنى تارقىتىدۇ، بۇ پىلاستىنكا شاۋن مېندېسنىڭ ئوخشىمىغان يەنە بىر تەرىپىنى نامايان قىلغان، ناخشىچىلىق ئىشلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، شاۋن مېندېس مىسلى كۆرۈلمىگەن بېسىمنى ھېس قىلىدۇ، شۇنداقلا ئىجادىيەتتە قىيىنچىلىققا ئۇچرايدۇ، پىسخىك ساغلاملىقىمۇ بارا-بارا ناچارلىشىپ تەشۋىشلىنىش كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ، شۇنداق بولسىمۇ ئۇ بۇنىڭلىق بىلەن چۈشكۈنلىشىپ كەتمەيدۇ، بەلكى ئاكتىپ پوزىتسىيە تۇتۇپ، ئۆزىنىڭ ئاشۇ مەزگىلىدىكى ئازابلىق كەچۈرمىشلىرىنى ناخشا تېكىستى قىلىپ يېزىپ چىقىدۇ. شۇنىڭ بىلەن پىلاستىنكىغا ئۆزىنىڭ ئىسمى بىلەن ئوخشاش نام بېرىپ، مۇزىكا ئارقىلىق ئۆز قەلبىنىڭ ئاجىزلىقى ۋە روھىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىكى يەنە بىر تەرىپىنى ئىپادىلەش بىلەن بىرگە 19 ياشتىن بۇرۇنقى تۇرمۇش تەسىراتلىرى، مۇھەببەت ۋە پىشىپ يېتىلىش ھەققىدىكى ھېس قىلغانلىرىنى ئۇستىلىق بىلەن مەزكۇر پىلاستىنكىغا كىرگۈزىدۇ.

ئۈچىنچى پىلاستىنكىسىنى ئېلان قىلىنىپ تۇنجى ھەپتىسى 182 مىڭ پارچە سېتىلىشتەك قالتىس نەتىجىسى بىلەن ئامېرىكا ئېلان تاختىسىدىكى 200 كۈچلۈك پىلاستىنكا تىزىملىكىدە بىرىنچى ئورۇنغا چىقىپ، شاۋن مېندېس ئۆزى ساقلاپ كىلىۋاتقان ئۇنىڭ ئىككىنچى پىلاستىنكىسى «Handwritten»نىڭ ھەپتىلىك سېتىلىش مىقدار رىكورتى 100 مىڭ پارچىلىق ئۆتكەلنى مۇۋەپپەقىيەتلىك بۇزۇپ تاشلاپ، ئۇدا ئۈچ پارچە پىلاستىنكىسى ئوخشاش چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرگەن ئەر ناخشىچىنىڭ بىرىگە ئايلىنىدۇ.

2019-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى 61 نۆۋەتلىك گىرەممىي مۇكاپاتلاش مۇراسىمىدا «ئەڭ ياخشى ئورۇنلاش مۇكاپاتى» ۋە «يىللىق ئەڭ نادىر پىلاستىنكا مۇكاپاتى» قاتارلىق قوش تۈردە نامىنى ئاتاش شەرىپىگە ئېرىشىدۇ ۋە شۇ يىلى كۇبالىق ئايال ناخشىچى كامىلا كابېللو (Camila Cabello) بىلەن ھەمكارلىشىپ چىقارغان ئالقىشلىق يەككە ناخشىسى «خانقىز» (Senorita)نى مەزكۇر پىلاستىنكىغا كىرگۈزىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا بۇ ناخشا 2020-يىللىق يەككە ناخشىلارنىڭ سېتىلىش مىقدارى جەھەتتە 16 مىليوندىن ئارتۇق سېتىلىش مىقدارى بىلەن يىللىق يەككە ناخشىلارنىڭ سېتىلىش تىزىملىكىدە ئالدىنقى ئۈچنىڭ ئىچىگە كىرىپ يەنە بىر قېتملىق يۇقۇرى يېڭى دولقۇننى كۈتىۋالىدۇ.

2020-يىلى 11-ئاينىڭ 20-كۈنى مەستانىلەر ئۇزاقتىن بۇيان كۈتكەن كۈن ئاخىرى يىتىپ كىلىدۇ، كانادالىق ئىككى دەرىجىدىن تاشقىرى چولپان جاستىن بىيبېر بىلەن شاۋن مېندېس ئىككىسى ھەمكارلىشىپ ئېيىتقان «ئالۋاستى» (Monster) ناملىق ئەڭ يېڭى يەككە ناخشا رەسمىي تارقىتىلىدۇ، بۇ ناخشىنىڭ تارقىتىلىشى كەڭ ناخشا مەستانىلىرىنى قەۋەتلا خۇش قىلىۋېتىدۇ، دەرۋەقە ئىككى داڭلىق چولپاننىڭ ھەمكارلىقى بىكارغا كەتمەيدۇ، ناخشا تارقىتىلغاندىن كېيىن تېزلىكتە ھەر قايسى دۆلەت ناخشا تىزىملىكىدە ئالدىنقى ئوننىڭ ئىچىگە كىرىش بىلەن بىرگە ئامېرىكا ئېلان تاختىسى ناخشا تىزىملىكى، ئەنگلىيە ناخشا تىزىملىكى، ياۋروپا مودا ناخشا تىزىملىكى، شۇنداقلا دۆلىتىمىزدىكى ھەر قايسى مۇزىكا تىزىملىىكلىرىنىڭ چىمپيونلۇق ئورنىغا چىقىپ شاۋن مېندېستىن ئىبارەت بۇ ئىسىمنى پۈتۈن دۇنياغا يەنە بىر قېتىم تونۇتىدۇ.