«دېڭىز قاراقچىسى شاھى» (海贼王) ناملىق كارتوندا ئوتنى كونترول قىلالايدىغان ئادەم تىلغا ئېلىنسا، مەستانىلەر ئالدى بىلەن ئوت مۇشت ئەيسى (艾斯)نى ئەسلەيدۇ. ئەينى چاغدا ئەيسى تۇنجى مەيدانغا چىقىپ ئوت ئىقتىدارىنى نامايان قىلغاندا، قانچىلىك يۇقىرى ئالقىشقا ئېرىشىپ كەتكىنىنى مەستانىلەرنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ. ئەيسىدىن كېيىن ئوت چىقىرىش ئىقتىدارىغا ئىگە كىشىلەر ئارقا-ئارقىدىن مەيدانغا كەلدى. بۇ ئاپتور ئېچىرو ئودا (尾田荣一郎)نىڭ ئەيسىنى سېغىنغانلىقىدىن دېرەك بېرەمدۇ؟
تۆۋەندە يالقۇن ئىقتىدارىغا ئىگە كىشىلەر ئۈستىدە توختىلىمىز.

1. سانجى (山治)
سانجىنىڭ «قارام پۇت سانجى» دېگەن نامى بار، سانجىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئىقتىدارى پۇت ماھارىتى دېيىشكە بولىدۇ. سانجى رەقىبىگە ھۇجۇم قىلغاندا پۇتىنى ئوت يالقۇنى ئوراپ تۇرىدۇ، سانجىنىڭ پەشۋاسىنىڭ بۇزغۇنچىلىق كۈچى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. شۇنىىسى ئېنىقكى سانجى ھەرگىزمۇ ئالۋاستى مېۋىسى (恶魔果实)نىڭ ئىقتىدار ئىگىسى ئەمەس.

ئەمەلىيەتتە سانجى ئىزچىل تۈردە ئەمەلىي كۈچى كۈچلۈك ئەمەس دەپ گۇمان قىلىنىپ، كەلگۈسىدىكى دېڭىز قاراقچىسى شاھىنىڭ ئوڭ-سول قولى بولالمايدۇ دەپ قارالغان. لېكىن رەسىملىك كىتابىنىڭ يېڭى قىسىملىرىدا سانجى بىلەن كۇين (奎因) ئوتتۇرىسىدىكى جېڭىدە سانجىنىڭ قان سېستىمىسىدىكى ھەقىقىي كۈچى ئويغانغان. بۇ خىل قان سىستېمىسىدىكى كۈچ بىلەن ئوت يالقۇنى بىرلىشىپ سانجىنىڭ ئەمەلىي كۈچى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن. بۈگۈنكى كۈندىكى سانجىدا يەنە بىر سىرلىق جەڭ كۈچى بولغان «قارا كۆرۈنمەس كىيىم» بار. سانجى كايدونىڭ قول ئاستىدىكى بىر مىليارد 320 مىليون بېللى ئىنئام سوممىسىغا ئىگەن كۇيننى يەڭگەندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ئەمەلىي كۈچىنى مەستانىلەرگە ئىسپاتلايدۇ.

2. ساكازۇكى (萨卡斯基)
ساكازۇكى تىلغا ئېلىنسىلا، كۆپ ساندىكى مەستانىلەرنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ئۆچمەنلىكى قوزغىلىدۇ، گەرچە ئۇ ئادالەتنى قوغداش يولىدا بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ۋاسىتىسى ئىنتايىن رەزىل بولغاچقا، نۇرغۇن مەستانىلەر ئۇنى قوبۇل قىلالمايدۇ. ساكازۇكى ماگما مېۋىسىنىڭ ئىقتىدار ئىگىسى بولۇپ، ئۇنىڭ ئالۋاستى مېۋىسىنى ئوت مېۋىسىنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن نۇسخىسى دېيىشكە بولىدۇ. شۇڭا چوققىدىكى ئۇرۇشتا، ساكازۇكى ماگما مۇشتىنى ئىشلىتىپ، ئەيسسنىڭ ئوت مۇشتىنى مەغلۇپ قىلغان، ئەيسىمۇ رۇفى (路飞)نى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، رۇفىنىڭ كۆز ئالدىدا مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كەتتى.

ساكازۇكى ماگما ئىقتىدارىنى ئىشلەتكەندە، ھۇجۇم قىلىش كۈچى ئىنتايىن كۈچلۈك بولىدۇ، كۈچلۈك ماگما مۇشت، ئاقار يۇلتۇز يانار تېغى قاتارلىق ئىقتىدارلار غايەت زور بۇزغۇنچىلىق كۈچى ھاسىل قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ كۇزان (库赞) بىلەن ئون كېچە-كۈندۈز ئېلىشىپ، كۈچلۈك ئەمەلىي كۈچى بىلەن كۇزاننى يېڭىپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا مارشاللىق ئورنىنى قولغا كەلتۈرگەن.

3. كايدو (凯多)
بۈگۈنكى كۈندە «دېڭىز قاراقچىسى شاھى» سامۇرايلار سەھىپىسىگە كىردى، ئۇنداقتا بۇ دۆلەتتىكى ھايۋانات دېڭىز قاراقچىلىرى ئەترىتىنىڭ كاپىتانى كايدونى تىلغا ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئالۋاستى مېۋىسى بولسا بېلىق مېۋىسى-خىيالىي ھايۋان تۈرى-كۆك ئەجدىھا ھالىتى، ئوت يالقۇنى ئادەتتىن تاشقىرى كۈچلۈك، بىر تاغنى كۆيدۈرۈپ تۈگىتەلەيدۇ.
ئالۋاستى ئارىلىدىكى جەڭدە كايدو بىلەن ياماتو (大和) تۇتۇشىدۇ، كايدو يالقۇن بىلەن ھۇجۇم قىلسا، ياماتو مۇز ئارقىلىق ھۇجۇم قىلىدۇ. بىراق ساكازۇكى بىلەن كۇزاننىڭ سەۋىيەسىدىن خېلىلا تۆۋەن.

4. بىگمام (BIGMOM)
كايدونىڭ كەينىدىنلا ئەمدى چوقۇم تۆت پادىشاھنىڭ بىرى بولغان بىگمامنى سۆزلىشىمىز كېرەك، بىر مەھەل بىگمام بىلەن كايدونى بىر جۈپلەر دەپ ئاڭلىغان. ئەمەلىيەتتە بىگمامنىڭ ئوت چىقىرىش ئىقتىدارى يوق، بىراق ئۇنىڭ ئوت چىقىرىش ئىقتىدارغا ئىگە پرومېتى بار. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئەيسىنىڭ ئوت مېۋىسى ئارقىلىق قىلغىلى بولىدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى پرومېتى قىلالايدۇ، ھەتتا ئوت مېۋىسى ئارقىلىق قىلغىلى بولمايدىغان ئىشلارنىمۇ ئاساسىي جەھەتتىن قىلغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە پرومېتىمۇ جەڭ قورالى بولۇپ بىگمامنىڭ قولىدا پرومېتى غايەت زور ھالەتكە ئۆزگىرىپ، كۆزنى يۇمۇپ-ئاچقۇچە ئەتراپنى كۆيدۈرۈپ تۈگىتەلەيدۇ.

5. رۇفى (路飞)
ھەممىمىزگە مەلۇمكى رۇفى رېزىنگە مېۋىسىنىڭ ئىقتىدارىغا ئىگە ئادەم، گەرچە رېزىنگە بىلەن ئوتنىڭ مۇناسىۋېتى بولمىسىمۇ، رۇفى رېزىنگە ئوت مۇشتىنى تەتقىق قىلىپ چىقتى. بۇ ھەرىكەت ھەقىقەتەن ئوت يالقۇنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، شۇڭا مەستانىلەر رۇفى ئىجاد قىلغان ئوت مۇشتى ئۇنىڭ ئاكىسى ئەيسىنى ياد ئېتىش ئۈچۈن دەپ قارايدۇ.
مەيلى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر رېزىنگە مېۋىسىگە ئوت قېتىلغاندىن كېيىن، رۇفىنىڭ زەربە بېرىش كۈچى تېخىمۇ ئاشىدۇ.

6. كىڭ (KING)
ھايۋانات دېڭىز قاراقچىلار ئەترىتىدىكى ئۈچ چوڭ جەڭ كۈچىنىڭ بىرىنچىسى، شۇنداقلا قىزىل تۇپراق چوڭ قۇرۇقلۇقىدىن كەلگەن، ئوت يالقۇنىنى كونترول قىلالايدىغان بىر ئىرقتىن ئىدى. ئەمەلىيەتتە تاشقى قىياپەت ئالاھىدىلىكىدىن قاراشقىلا ئۇنىڭ ئارقىسىدا ئوت يالقۇنى بار، قارىغاندا «ئوت ئاپىتى» دېگەن نام ئاساسسىزلا كەلگەن ئەمەس.
ئېچىرو مۇئەللىمنىڭ كىڭغا بەرگەن باھاسىمۇ ناھايىتى يۇقىرى، كۈچلۈك بولغان ئەمەلىي كۈچنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن شەخس ئىدى، قاتناشقان جەڭلەردە ئاساسىي جەھەتتىن غەلىبىلىك ئاياغلاشتۇرۇپ، ئوت كۈچى بىلەن تېپىپ بىگمام دېڭىز قاراقچىلار ئەترىتىنىڭ پاراخوتىنى ئۆرۈۋېتەتتى، شۇنداقلا ئۇچار قۇش ھالىتىگە ئايلىنىپ ئوت يالقۇنى قويۇپ بېرەلەيدۇ، ئەمەلىي كۈچى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ.

ئەمەلىيەتتە ئوت يالقۇنىنىڭ خۇسۇسىيىتىنى بىلىدىغان يەنە بىر قىسىم كىشىلەر بار مەسىلەن: ئوت مېۋىسىنى يېگەن سابو (萨博)، ئۆلمەس قۇش ماركو (马尔高) قاتارلىقلار، ئەيسى ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئېچىرو مۇئەللىم يەنە شۇنچە كۆپ ئوت يالقۇنىنىڭ خۇسۇسىيىتىنى ياراتقان، ئېھتىمال ئېچىرو مۇئەللىممۇ ئەيسىنى ئەسلەش ئۈچۈن قىلغان بولسا كېرەك.