نېمىشقا بەزى ئادەملەرنىڭ قورسىقى ئاچسىلا يۈرىكى سېلىپ، قولى تىترەيدۇ؟

قورساق ئاچسىلا يۈرەك سېلىپ، قول تىترەشنىڭ سەۋەبى تۆۋەندىكى ئۈچ خىل مەسىلە بولۇشى مۇمكىن.
1. قان شېكىرى تۆۋەنلەپ كېتىش. دوختۇرلارنىڭ دېيىشىچە، قان شېكىرى تۆۋەنلەش ئادەتتە ئاچ ھالەتتە دائىم كۆرۈلىدىغان بىر خىل نورمالسىز ئىپادە بولۇپ، تۆۋەن قان شېكىرى كۆرۈلگەندىن كېيىن، يېنىكرەك بولغاندا قورساق ئېچىش، يۈرەك سېلىش، قول تىترەش ھەمدە تەرلەش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ؛ ئېغىرراق بولغاندا تەشۋىشلىنىش، ئىچى تىتىلداش ۋە دىققىتىنى يىغالماسلىق قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ؛ بىر قەدەر ئېغىر بولغان قان شېكىرى تۆۋەنلىگەندە، ھوشسىزلىنىش، سېزىمىنى يوقىتىش قاتارلىق ئېغىر كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، ھەتتا ھاياتىغا خەۋپ يىتىدۇ.

2. قان شېكىرى تۆۋەنلەش رېئاكسىيەسى. قان شېكىرى تۆۋەنلەش رېئاكسىيەسى قان شېكىرى يۇقىرى بولغان كىشىلەردە كۆرۈلىدۇ، قىسمەن دىيابېت بىمارلىرىدا قان شېكىرى تۆۋەنلەش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، لېكىن بۇنداق بىمارلارنىڭ قان شېكىرىنى ئۆلچىگەندە قان شېكىرى نورمال بولىدۇ، مانا بۇ كىلىنىكىدا قان شېكىرى تۆۋەنلىك رېئاكسىيەسى دەپ ئاتىلىدۇ. قان شېكىرى تۆۋەنلەش رېئاكسىيەسى ئادەتتە دىيابېت بىمارلىرىنى داۋالاش جەريانىدا كۆرۈلىدۇ، بۇ قان شېكىرىنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە زور دەرىجىدە تۆۋەنلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. دىيابېت بىمارلىرىدا ئىنسۇلىننىڭ (胰岛素) ئاجرىلىشى يېتەرلىك بولماسلىق، ئىنسۇلىن بىلەن قارشىلىشىشتەك ئالامەتلەر مەۋجۇت بولۇپ، بەدەندىكى گىلۇكوزا (葡萄糖) ھۈجەيرە ئىچىگە كىرىپ نورمال ھەرىكەت قىلالماي بەدەنگە سۈمۈرۈلۈپ، قان شېكىرىنىڭ نورماللىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، لېكىن ھۈجەيرىدە گىلۇكوزا كەمچىل بولۇش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ.

3. قالقانبەز فۇنكسىيەسى كۈچىيىپ كېتىش. دوختۇرنىڭ دېيىشىچە، قورساق ئاچقاندا يۈرەك سېلىپ، قول تىترەش بەلكىم قالقانسىمان بەز خىزمىتىنىڭ كۈچىيىپ كېتىشتىن كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

يۇقىرى قان شېكىرىنىڭ زىيىنىنى كۆپچىلىك ئازدۇر-كۆپتۇر ئاڭلىغان، لېكىن قان شېكىرى تۆۋەنلىكنىڭ زىيىنىنى ناھايىتى ئاز ئاڭلىغان. كۆپ ھاللاردا قان شېكىرى تۆۋەنلەشنىڭ زىيىنى قان شېكىرى يۇقىرى بولغانغا قارىغاندا تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ. ئۇنداقتا بىز قان شېكىرى تۆۋەنلەشنىڭ قانداق زىيىنى بار كۆرۈپ باقايلى!!
1. بۆرەك زەخىملىنىدۇ. جىددىي خاراكتېرلىك قان شېكىرى تۆۋەنلەش كۆرۈلگەندە، بەدەندىكى بۆرەكنىڭ قان ئېقىمى ۋە بۆرەك شارچىلىرىنىڭ سۈزۈش نىسبىتى ئازىيىپ، زىيانلىق ماددىلارنىڭ بۆرەككە بولغان زىيىنىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.
2. يۈرەككە قان يېتىشمەسلىك ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. قان شېكىرى بەك تۆۋەن بولسا، بىمارنىڭ يۈرەك مۇسكۇلىغا قان يېتىشمەسلىك، يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى ۋە يۈرەك-مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتىش خەۋپىنىڭ ئېشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
3. بىمارنىڭ ھاياتقا خەۋپ يىتىدۇ. چوڭ مېڭە ئىچىدىكى ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەش پۈتۈنلەي گىلۇكوزا بىلەن تەمىنلەشكە تايىنىدۇ، قان شېكىرى تۆۋەنلەپ كېتىش يۈز بەرگەندە، مېڭە توقۇلمىلىرىغا كىرىدىغان گىلۇكوزىنىڭ سانى ئازىيىپ، ئاسانلا مېڭە توقۇلمىلىرىنىڭ زەخىملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. قان شېكىرى تۆۋەنلەپ ئالتە سائەتتىن ئارتۇق ھوشسىز ياتقاندا، مېڭە توقۇلمىلىرى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغان زەخىملىنىشنى شەكىللەندۈرۈپ، دېۋەڭلىكنى، ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

发表评论

您的电子邮箱地址不会被公开。 必填项已用*标注