
ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات ئىش-ئىزلىرى باش تېما قىلىنغان «مەن ۋە» يۈرۈشلۈكىنىڭ 3-بۆلۈمى «مەن ۋە ئەجدادلىرىم» (我和我的父辈) ناملىق كىنو 2021-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى دۆلەت بايرىمىدا مەملىكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ماس قەدەمدە قويۇلىدۇ.

«مەن ۋە ئەجدادلىرىم» ناملىق كىنوغا دۆلىتىمىزنىڭ ئالدىنقى سەپتىكى داڭلىق ئارتىسلاردىن ۋۇ جىڭ، شۈ جېڭ، جاڭ زىيى ۋە شېن تېڭ رېژىسسورلۇق قىلغان ۋە باش رول ئالغان، باشقا داڭلىق ئارتىسلاردىن خۇاڭ شۈەن، سوڭ جيا، تاۋ خوڭ، ئوۋ خاۋ، چېن داۋمىڭ، جاڭ يۈچى، ۋەن چيەن، جاڭ يىموۋ، لى نەيۋېن، دۇ جياڭ، ما لى، ۋۇ لېي، شا يى، جاڭ گوچياڭ، نىڭ لى ۋە جيا بىڭ قاتارلىق 40تىن ئارتۇق ئارتىس رول ئالغان.

«مەن ۋە» يۈرۈشلۈكىنىڭ 1-بۆلۈمى «مەن ۋە ۋەتىنىم» (我和我的祖国) ناملىق كىنو 2019-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى دۆلەت بايرىمىدا قويۇلغان، بۇ كىنو دۆلىتىمىزنىڭ شانلىق تەرەققىيات مۇساپىسىنى جانلىق ئىپادىلەپ بەرگەچكە زور ئالقىشلانغان، ئاخىرىدا مەزكۇر كىنونىڭ بېلەت كىرىمى ئۈچ مىليارد 169 مىليون يۈەنلىك يۇقىرى بېلەت كىرىمى ياراتقان.

«مەن ۋە» يۈرۈشلىكىنىڭ 2-بۆلۈمى «مەن ۋە يۇرتۇم» (我和我的家乡) ناملىق كىنو 2020-يىلى 10-ئاينىڭ 01-كۈنى دۆلەت بايرىمىدا قويۇلغان، مەزكۇر كىنو دۆلىتىمىزنىڭ مائارىپ ۋە ئوقۇ-ئوقۇتۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، يەر كۆكەرتىش ۋە تېرىقچىلىق، يېزا-ئىگىلىك تەرەققىيات ھېكايىلىرىنى يۇمۇرستىك ۋە تەسىرلىك ھالدا بايان قىلغان، بۇ بۆلۈممۇ قويۇلۇپ ئوخشاشلا زور ئالقىشلانغان. ئاخىرىدا مەزكۇر كىنونىڭ بېلەت كىرىمى ئىككى مىليارد 829 مىليونلۇق يۇقىرى بېلەت كىرىمى ياراتقان.
تۆۋەندە «مەن ۋە ئەجدادلىرىم»نىڭ بىر يۈرۈش مۇقاۋا سۈرەتلىرى ۋە ئوبراز تەشۋىق سۈرەتلىرى:

















