
تاراتقۇلار خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا داڭلىق ئارتىس، رېژىسسور جوۋ شىڭچى (周星驰) ئادۋوكاتلىق خېتى چىقىرىپ بۇنىڭدىن بۇرۇنقى دېڭىز ساھىلىدا چۈشكەن سۈرەتلەرنى باشقىلارنىڭ ئاشكارىلىۋەتكەنلىكىنى، شۇ سەۋەبتىن پىتنە-ئىغۋا تارقىلىپ ئۆزىنىڭ ئىناۋىتىگە تەسىر يەتكەنلىكىنى، ئەگەر سۈرەتنى چىقارغۇچىنىڭ بارلىق سۈرەتلەرنى ئۆچۈرىۋەتمىسە قانۇن ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

ئەسلى ئىش مۇنداق: يېقىندا جوۋ شىڭچىنىڭ دېڭىز ساھىلىدا 17 ياشلىق جاڭ شياۋچى (张晓祺) ئىسىملىك قىز بىلەن بىللە ساياھەت قىلغان سۈرەتلىرى ئاشكارىلانغان. ئارقىدىنلا جوۋ شىڭچىنىڭ ئۇ قىز بىلەن مۇھەببەتلەشكەنلىكى توغرۇلۇق خەۋەر تارقىلىپ غۇلغۇلا قوزغىغان.
بۇ ئىشتىن كېيىن جوۋ شىڭچى جاڭ شياۋچى بىلەن مۇھەببەتلەشمىگەنلىكىنى، جاڭ شياۋچىنى ئەسلا تونۇمايدىغانلىقىنى ھەم ئۇ چاغدا ئۇلارنىڭ يېنىدا يەنە باشقا دوستلىرىنىڭمۇ بارلىقىنى بىلدۈرگەن.


ئاشكارىلانغان سۈرەتلەردە تاراتقۇلار يوشۇرۇنچە تارتىۋېلىش ئىمكانىيىتى بولمىغان نۇرغۇن سۈرەتلەر بار بولۇپ، جوۋ شىڭچى بۇ سۈرەتلەرنى جاڭ شياۋچىنىڭ قەستەن ئاشكارىلىۋەتكەنلىكىدىن گۇمان قىلغان. ئەينى چاغدا جوۋ شىڭچى بىللە ئوينىغانلار بىلەن تارتىلغان سۈرەتلەرنى ئاشكارىلىۋەتمەسلىك توغرۇلۇق كېلىشىم ئىمزالىغان، بىراق جاڭ شياۋچى كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلىپ سۈرەتلەرنى ئاشكارىلاپ يامان تەسىر پەيدا قىلغان، شۇ سەۋەبتىن جوۋ شىڭچى ئادۋوكاتلىق خېتى ئارقىلىق بارلىق ئىشلارنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، 17 ياشلىق جاڭ شياۋچى بىلەن مۇھەببەتلەشمىگەنلىكىنى ئېنىق بىلدۈرگەن.