
بىر كۈنى ئۆگزىدە كېتىۋاتسام بىر بېلىق ئۇچۇپ ئۆتۈپ كەتتى، بەك چىرايلىق مۆرەيدىكەن، پەيلىرىنى يۇلۇپ تاشلاپتىمەن، قوتاندا ھەلەپ بىلەن باققان تازا سەمرىگەن كېپىنەكتىن بىرنى بوغۇزلاپ، گۆشنى ئۆزىڭىز يەپ تېرىسىنى سويۇپ، بالىلىرىڭىزنى راسا بورداپ، تازا ئۇرۇپ خوتۇنىڭىزنى قويۇۋەتمەكچى بولسىڭىز، ئىشىكنى تاقاپ قويۇۋېتىڭ، خېتىمنى ئالىمەن دېسە دىپلومنى تۇتقۇزۇپ قۇيۇڭ، بالىڭىز يېتىم بولمايدۇ، كەسكەن چۆپتە پولۇ يەپ ياخشى غىزالىنىڭ، سەمىرسىڭىز قان بېسىمڭىز ئۆرلەپ تېزرەك ئورۇقلىشڭىزغا بەك پايدىسى بار، مىنىڭ بىر قوشنام بار ئىدى، ئۇ قوشنامنىڭ ئىسمى قاسىم.
قاسىم ئۆيىدىن ئايرىلىپ سىرتتا ئىشلەپ يۈرگىنىگە ئۈچ يىل بولغان ئىدى، بۈگۈن سەھەردە ئۇ سىرتقا چىقىپ، سېغىزخاننىڭ سايرىغانلىقىنى ئاڭلاپ قالدى. ئاھ، سېغىزخان سايرىسا خۇشخەۋەردىن بېشارەت ئەمەسمۇ...
ئۇ دەرھال ئايالىغا تېلېفون قىلىپ: «خوتۇنۇم، بۈگۈن سەھەردە سېغىزخاننىڭ سايرىغىنىنى كۆردۈم، بىرەر خۇشخەۋەر بارمۇ قانداق؟» ئايالىمۇ ھاياجانلىنىپ تۇرۇپ: «شۇنداق جېنىم، مېنىڭ بويۇمدا قاپتۇ!» دېدى.
قاسىم خۇشاللىقتا گۈلقەقەلىرى ئىچىلىپ، يۈرىكى قېپىغا پاتماي، دوپپىسى بېشىغا پاتماي موللاق ئاتقۇدەك بولدى:
-ھەقىقەتەن خۇشخەۋەر ئىكەن... ھاھاھاھا، دادا بولدۇم...
گەرچە ئۇلار ئىككى يەردە بولسىمۇ، بەخت شادلىقى ئىككىيلەننى تەڭ قاپلىدى...