
داشەننىڭ شياۋلى ئىسىملىك بىر ئايال خىزمەتدىشى بولۇپ، ئۇ بەك چىرايلىق بولغاچقا قوغلىشىدىغانلار كۆپ ئىدى، داشەنمۇ شياۋلىنى قوغلىشىدىغانلارنىڭ بىرى ئىدى.
بۇ كۈنى داشەن بىر داڭلىق ناخشا چولپىنىنىڭ بۇ شەھەرگە كېلىپ نەق مەيدان ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزىدىغانلىق خەۋىرىنى كۆردى. بۇ ناخشا چولپىنى دەل شىياۋلىنىڭ مەبۇدىسى بولۇپ، داشەن ئەگەر شىياۋلى بىلەن بىللە ناخشا كېچىلىكىنى كۆرگىلى بارالىسا، شىياۋلىنىڭ ئۆزىگە بولغان قىزىقىشىنىڭ ھەسسىلەپ ئاشىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلەتتى. بېلەتنى تالىشىپ سېتىۋالىدىغان كۈنى كەچتە، داشەن بالدۇرلا كومپيۇتېر ئالدىدا ساقلاپ ئولتۇرۇپ، ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپنىڭ بېلەت سېتىش ۋاقتىنى ساقلاپ تۇرۇپ، تېزلىكتە مەشغۇلات قىلىپ، ئاخىرى ئىككى مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل خەجلەپ، ئىككىنچى رەتتىكى ئىككى كىشلىك بېلەتكە ئېرىشتى.
ناخشا كېچىلىكىنىڭ بېلىتىنى ئالغاندىن كېيىن، داشەن خۇشال-خۇراملىق بىلەن شياۋلىنى ئىزدەپ كېلىپ، بېلەتنى ئۇنىڭغا بىرىپ ناخشا كېچىلىكىنى بىللە كۆرۈشكە تەكلىپ قىلدى، شياۋ لى خوشاللىق بىلەن ماقۇل بولدى.
كېيىنكى كۈنلەردە داشەن قەلبى خۇشاللىققا تولغان ھالدا ئۇچرىشىشتىن بۇرۇنقى تەييارلىقلارنى قىلىۋاتاتتى، ئەمما ئويلىمىغان يەردىن ئىككى كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، شياۋ لى تۇيۇقسىز بېلەتنى داشەنگە قايتۇرۇپ بېرىپ: «كەچۈرۈڭ، مەن سىز بىلەن بىللە ناخشا كېچىلىكىگە بارالمايدىغان بولدۇم، بىزنىڭ بۆلۈمدىكى ئاجيېنىڭمۇ بېلىتى بار ئىكەن، مېنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بىللە بېرىپ كۆرگۈم بار» دېدى.
داشەن كۆڭلىدە ھەم قايىل بولماي، ھەم چۈشەنمەي:«بۇ ئاجېنىڭ تەقى-تۇرقى ئانچە ئەمەس، مىجەزىمۇ چېچىلاڭغۇ، تېخى كومپيۇتېر تېخنىكىسى ماڭا يەتمەيدىغان تۇرسا، قانداقسىگە بېلەتنى تالىشىپ سېتىۋالالىغاندۇ؟» دەپ ئويلىدى.
داشەن نىيتىدىن يانماي:-ئاجېنىڭ راستنلا بېلىتى بارمۇ؟-دېدى. شياۋ لى بېشىنى لىڭشىتىپ، بېلەتنى ئېلىپ كۆرسەتتى. داشەن بېلەتنى قولىغا ئېلىپ كۆرۈپ ئاجېنىڭ بېلىتىدىكى ئورۇننىڭ ئارقا رەتتە ئىكەنلىكى، سەھنىدىن خېلىلا يىراق ئىكەنلىكىنى بايقاپ، شياۋلىغا بېلەتنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ:
-قاراڭ! ئۇ ئالغان بېلەتتىكى ئورۇن كەينىدە ئىكەن، مەن ئالغان بېلەتتىكى ئورۇن ئالدىنقى رەتتە، تېخىمۇ ئېنىق كۆرگىلى بولىدىغۇ!-دېدى.
ئويلىمىغان يەردىن، شياۋ لى پەرۋايىغىمۇ ئېلىپ قويماي:
-توغرا، ئۇنىڭ ئورنى ھەقىقەتەن كەينىدە ئىكەن.-دېدى.
داشەن چۈشەنمەستىن:
-ئۇنداقتا، سىز نېمىشقا ئۇنىڭ بىلەن بىللە بارىسىز؟-دېدى.
شياۋ لى مىيىقىدا كۈلۈپ قويۇپ: «چۈنكى بۇ ئىككى تال بېلەتنى ئاجيې ئىككى يۈرۈش ئۆي سېتىۋالغاندىن كېيىن ئۆي-مۈلۈك شىركىتى سوۋغا قىلغانكەن.» دېدى.