يېقىندا تاراتقۇلار ماسېراتى Grecale ئاپتوموبىلنىڭ بىر يۈرۈش دۆلىتىمىز ئىچىدىكى يول سىنىقى سۈرىتىنى ئاشكارىلىدى. بۇ ئاپتوموبىل ماسېراتىنىڭ ماسېراتى Levanteدىن كېيىن ئىشلەپچىقارغان ئىككىنچىSUV ئاپتوموبىل تىپى ھېسابلىنىدۇ. ماسېراتى Greacle ئاپتوموبىلى ئوتتۇرھال تىپلىق ھەشەمەتلىك SUV ئاپتوموبىلغا تەۋە بولۇپ، ئالفا رومىئو Stelvio بىلەن ئوخشاش سۇپىدا ئىشلەپچىقىرىلغان، بۇ يىل 11-ئايدا رەسمىي ئېلان قىلىنىدۇ.
گەرچە يول سىنىقى جەريانىدا ئاپتوموبىل گەۋدىسى قاتمۇ-قات نىقابلانغان بولسىمۇ، لېكىن ماسېراتى Grecale ئاپتوموبىلىنىڭ ماسېراتىنىڭ جەمەت لايىھە ئۇسلۇبىنى داۋاملاشتۇرغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئالدى يۈزىگە داۋاملىق چوڭ رازمېرلىق تىك شارقىراتما شەكىللىك سالاسۇن سەپلەنگەن، ئىككى تەرەپتىكى ئالدى چوڭ چىراغ گۇرۇپپىسىغا تەرتىپسىز شەكىل چىقىرىش لايىھەسى قوللىنىلغان.
ئاپتوموبىلنىڭ قۇيرۇق قىسىمى جەھەتتە، ماسېراتى Grecale ئاپتوموبىلىنىڭ قۇيرۇق شەكلى ماسېراتى Levante ئاپتوموبىلنىڭ قۇيرۇق شەكلى لايىھەسىنىڭ بەزى ئىلمېنىتلىرىنى داۋاملاشتۇرغان، ئىككى تەرەپتىن ئىككىدىن جەمئىي تۆت گاز چىقىرىش تۇرۇبىسى سەپلەنگەن بولۇپ، ئاپتوموبىلنىڭ سىپورت تۈسى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن.
ئاشكارىلانغان سۈرىتىدىن قارىغاندا، گەرچە مەركىزىي كونترول سۇپىسىنى ئېنىق كۆرگىلى بولسىمۇ، لېكىن ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ شامال چىقىش ئېغىزىنىڭ شەكلىنى كۆرگىلى بولىدىغان بولۇپ، ئۈچ شادىلىق رول ۋە چوڭ رازمېرلىق خوت يۆتكەش ياپراقچىسى قاتارلىقلار سەپلەنگەن.
ئېنېرگىيە قىسىمى جەھەتتە، مۆلچەرلىنىشچە ماسېراتى Grecale ئاپتوموبىلغا 2.0T موتور + 48V يېنىك ئارىلاش ھەرىكەتلەندۈرۈش سىستېمىسى سەپلىنىشى مۇمكىن ئىكەن.
ئۇنىڭدىن باشقا MC20 تىپلىق ئاپتوموبىلغا ئىشلىتىلگەن 3.0Tلىق قوش تۇربىنىلىق بېسىم ئاشۇرغۇچى V6 موتورنىڭمۇ بۇ ئاپتوموبىلغا سەپلىنىشىدىن ئۈمىد بار ئىكەن.