
نىسسان GT-R نۇرغۇن ئاپتوموبىل مەستانىلىرىغا نىسبەتەن ناتونۇش ئەمەس، ئەمما Skylineنى بىلىدىغان دوستلار ئانچە كۆپ بولماسلىقى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە بۇ ئىككى ئاپتوموبىل يۈرۈشلۈكى بىر-بىرىگە چەمبەرچەس باغلانغان، ئاساسلىقى GT-R يۈرۈشلۈكى Skyline جەمەتىدىن ئايرىلىپ چىققان، شۇنىڭ بىلەن يۇقىرى ئىقتىدار بىلەن تونۇلغان GT-R يۈرۈشلۈكى بىلەن ھەشەمەتلىك تۇيغۇسى بىلەن داڭق چىقارغان Skyline بارلىققا كەلگەن، بىراق، ئىككىسى بىر-بىرىگە زىچ باغلانغان تۇرۇپمۇ، ھازىر بۇ ئىككىسىنىىڭ مۇناسىۋىتى بارغانسېرى يىراقلىشىپ كېتىۋاتىدۇ. ياخشى يېرى، نىسسان يېقىندا يېڭى بىر ئەۋلاد Skylineنى رەسمىي نامايان قىلدى، شۇنىڭ بىلەن Skyline يەنە بىر قېتىم نىسساننىڭ ئەڭ كۈچلۈك جەڭچىسىگە ئايلاندى. نىسساننىڭ مەھسۇلات ئىستىراتېگىيەسىگە ئاساسلانغاندا، يېڭى بىر ئەۋلاد Skyline بەلكىم ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پىكاپ نۇسخىسى بولۇشى مۇمكىن.

يۇقىرىدا كۆرسىتىلگىنى دەل يېڭى ئەۋلاد Skylineنىڭ لايىھە سۈرىتى، ئوچۇق ئېيتساق، لايىھە سۈرىتىدىن بۇ ئاپتوموبىلنىڭ بېك Regal بىلەن ناھايىتى ئوخشىشىپ كېتىدىغانلىقىنى ھېس قىلىمىز، پەقەت ئالدىدىكى ماركىسى بۇنىڭ بىر نىسسان ئاپتوموبىلى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ تۇرىدۇ. يېڭى بىر ئەۋلاد Skylineنىڭ تەنھەرىكەت يۈرۈشلۈكى ئۇنى مۇشۇ دەرىجىدىكى ئپادىسى ئەڭ مۇكەممەل بىر ئاپتوموبىلغا ئايلاندۇرغان.

يان تەرىپىگە قارىساق، ئالدى بىلەن ئۇنىڭدىن GT-Rنىڭ سىماسىنى كۆرەلەيمىز، بولۇپمۇ بەل سىزىقى ئاپتوموبىلنىڭ باش تەرىپىدىن قۇيرۇق قىسمىغىچە سوزۇلغان، قۇيرۇق قىسمىغا بارغاندا، كەينى چاقنىڭ ئۈستى تەرىپىگە چىرايلىق ئەگمە سىزىق چىقىرىلغان، خۇددى پورسچى 911 بىلەن ئوخشاپ كېتىدۇ، بۇ پەقەت ئاددىي بېزەك بولۇپ قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى، بۇ خىل شەكىل چىقىرىش ئايرودىنامىكا قائىدىسىگە تېخىمۇ ئۇيغۇن كېلىشى مۇمكىن، شۇڭا بۇ خىل لايىھە يۇقىرى سۈرئەتتە يۈرگەندىكى شامال قارشىلىقىنى تۆۋەنلىتىشكە پايدىلىق.

سىرتقى كۆرۈنۈشى بىلەن ئوخشىمايدىغىنى، بۇ ئاپتوموبىلنىڭ ئىچكى بېزىكى يەنىلا كىلاسسىك Skyline ئۇسلۇبىنى ساقلىغان، ئىنفىنىتى ئاپتوموبىلىنى ياخشى بىلىدىغان دوستلار بۇ خىل ئىچكى بېزەك لايىھەسىنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن ئىنفىنىتى بىلەن بىردەك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالايدۇ، ئەمما ئوتتۇرا كونترول سۇپىسىنىڭ قىسمەن جايلىرىدا يەنىلا ئوخشىماسلىق بار، ئاستى-ئۈستى قوش قەۋەتلىك ئېكران، خوت دەستىسى ئورنىدىكى ياغاچ بېزەك تاختىسى قاتارلىقلار ئۇنىڭ ئىچكى بېزىكىنى ئالىي دەرىجىلىك تۇيغۇغا ئىگە قىلغان.

ئەڭ ئاخىرىدا ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى جەھەتتە توختالساق، بۇ ئاپتوموبىلغا چەتئەل نۇسخىسىدىكى 3.0Tلىق قوش تۇربىنلىق موتور سەپلەنمىگەن، بەلكى ئىنفىنىتىنىڭ 2.0Tلىق گاز چىقىرىش مىقدارى كىچىكرەك تۇربىنلىق موتورى ئىشلىتىلگەن. بۇنىڭدىن باشقا، چەتئەل نۇسخىسىدىكى 3.5L V6 ئارىلاشما ئېنېرگىيەلىك موتورنىمۇ ساقلاپ قالىدىكەن، شۇنداقلا ئۇنىڭغا CVT ۋە E-CVT سۈرئەت ئۆزگەرتكۈچ ئورنىتىدىكەن. نىسساننىڭ ھازىرقى ئىستىراتېگىيەسىگە ئاساسلانغاندا، بۇ ئاپتوموبىل كېلەر يىلى دۆلىتىىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلىدۇ، يېڭى بىر ئەۋلاد Skyline نىسساننىڭ رىقابەت كۈچى جەھەتتىكى ئاجىزلىقىنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلغان.