تېخىمۇ زومىگەر لەند روۋېر قوغدىغۇچى 130 ئاپتوموبىلىنىڭ سۈرىتى ئاشكارىلاندى

تاراتقۇلارنىڭ يېقىندا خەۋەر قىلىشىچە، لەند روۋېر قوغدىغۇچى 90 ۋە 110دىن كېيىن يەنە، قوغدىغۇچى 130 نۇسخىسىنى چىقىرىدىكەن، نۆۋەتتە قوغدىغۇچى 130 تىپى يول سىنىقى باسقۇچىغا كىرگەن، ئىگىلىنىشىچە، لەند روۋېرنىڭ قوغدىغۇچى 130نى بازارغا سېلىش مەقسىتى پەقەت GlSغا ئوخشاش چوڭ تىپتىكى SUV بازىرىغا قارىتىلغان، قوغدىغۇچى 130 تىپى جۇڭگو، ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالىي ئامېرىكا قاتارلىق رايونلاردا سېتىلىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى.

ئىگىلىنىشىچە، لەند روۋېر قوغدىغۇچى 130نىڭ ئۈچىنچى رەت ئورۇندۇقنى تاللاشقا بولىدىكەن، قوغدىغۇچى 130نىڭ ئەمەلىي ئىشلىتىش مۇھىتى كېڭەيتىلگەن، بىراق ئۆلچەم چەكلىمىسىگە ئۇچرىغان، گەرچە ئۈچىنچى رەت تاللانغان بولسىمۇ، ئەمما بوشلۇقتا ئولتۇرۇش ئىپادىسى ئانچە ياخشى ئەمەس. چۈنكى قوغدىغۇچى 130 تىپىنىڭ ئوق ئارىلىقى قوغدىغۇچى 110 تىپى بىلەن ئوخشاش ، ھەممىسى 3022mm، قوغدىغۇچى 130 تىپىدا پەقەت ئاپتوموبىل قۇيرۇقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئۇزارتىلغان.

ئاشكارىلانغان سۈرەتتىن قارىغاندا، قوغدىغۇچى 130 تاشقى قىياپەت جەھەتتە قوغدىغۇچى 90 ۋە 110 بىلەن ئوخشاش لايىھە ئۇسۇلىنى داۋاملىق قوللانغان، لېكىن بۇ قېتىم ئاشكارىلانغان سۈرىتى قويۇق نىقابلانغان، لېكىن شۇنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەسكى، تېخنىكا تۇيغۇسى تولۇق يۇمىلاق چوڭ چىراغ گۇرۇپپىسى ساقلىنىپ قالغان، پەرق ئېتىش دەرىجىسى ناھايىتى يۇقىرى.

ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ جەھەتتە نۆۋەتتە لەند روۋېر ھېچقانداق ئۇچۇرىنى ئاشكارىلىمىدى، ئەمما سېتىلىۋاتقان قوغدىغۇچى 90 ۋە 110دىن قارىغاندا، قوغدىغۇچى 130غا 3.0Tلىق ئالتە سىلىندىرلىق مېخانىكىلىق بېسىم ئاشۇرغۇچلۇق ماتور، 5.0T V8لىق ماتور بىلەن تەمىنلەيدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە بارلىق تىپلىرىغا 48V يېنىك ئارىلاش ھەرىكەتلەندۈرۈش سىستېمىسى سەپلەنگەن، ھەرىكەت ئۇزىتىشتا 8AT تېزلىك ئۆزگەرتكۈچ ماسلاشتۇرۇلغان، بىراق يېڭى ئېنېرگىيەنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشىدىن قارىغاندا، لەند روۋېر يەنە كەلگۈسىدە توكقا چېتىلىدىغان شەكلىدىكى ئارىلاش ھەرىكەتلەندۈرۈش نۇسخىسى ۋە ساپ توك نۇسخىسىنى چىقىرىشى مۇمكىن.

发表评论

您的电子邮箱地址不会被公开。 必填项已用*标注