يۇمۇرىستىك ئاياللارنىڭ قىزىقارلىق سۆزلىرى

* ئالدىنىش

كەچلىك تاماقتىن كېيىن مېھمانخانىدا گېزىت كۆرگەچ ئايالىمدىن:

-چىنە-قاچىلارنى يۇيۇۋەتتىڭمۇ؟-دەپ سورىدىم. ئاياللىم قاپاقلىرىنى تۈرگىنىچە:

-ئەسلى مەندىن: «قەدىرلىكىم، بۈگۈن چىنە-قاچىلارنى مەن يۇيۇۋېتەي» دېسىڭىز، مەنمۇ: «بولدى قەدىرلىكىم، مەن ئاللىقاچان يۇيۇپ بولدۇم دېسەم، قاراڭ، ئاڭلىماققا نېمىدىگەن يېقىشلىق-ھە» دېدى.

شۇنىڭ بىلەن: «قەدىرلىكىم، چىنە-قاچىلارنى مەن يۇيۇۋېتەي» دەپتىكەنمەن، ئايالىم ئېغىزىمدىن چىقىپ بولغۇچە:

-ھە بېرىڭە، پاكىزراق يۇيۇڭ جۇمۇ،-دېمەسمۇ....

* قورساق ئېچىش

ئايالىم بىلەن تېلېۋىزور كۆرۈپ ئولتۇراتتۇق. قورسىقىم ئەيتاۋۇر كۇر-كۇر ئاۋاز چىقارغىلى تۇردى. ئايالىم شۇ ھامان:

-قورسىقىڭىز ئاچقان ئوخشىمامدۇ؟-دەپ سورىدى.

مەن بېشىمنى لىڭشىتتىم. ئايالىم ماڭا قاراپ كۆيۈنگەن قىياپەتتە:

-قەدىرلىكىم، قورسىقىڭىز ئاچسا تېزدىن ئۇخلىۋېلىڭ، بۇ يەردە ئولتۇرىۋەرسىڭىز بەدەن سەرپىياتىڭىز تېخىمۇ ئېشىپ كېتىدۇ،-دېدى...

* قىلتاق

چۈشتە ئايالىم شىركەت بىناسىنىڭ ئالدىدا ئىشتىن چۈشۈشۈمنى ساقلاپ، مەن چىققاندىن كېيىن 40 يۈەن خەجلەپ چۈشلۈك تاماق ئېلىپ بەردى ۋە قايتقاندا 10 يۈەننى پورتمالىمغا سالغاچ: «ئۇششاق-چۈشەك يەرسىز» دەپلا مائاش كارتامنى يانچۇقىغا سېلىپ كەتتى.

باشلىنىشىدىلا بۇنىڭ بىر قىلتاق ئىكەنلىكى كۆڭلۈمگە ئايان ئىدى.

* ئۆچ ئېلىش

ئايالىم بىلەن ئۇرۇشۇپ قالدىم ۋە يەنە بىر ياتاق ئۆيگە كىرىپ يېتىۋالدىم. ئۇ قايچىنى ئېلىپ، مەن ياتقان ئۆيدىكى پاشا توسۇقىنى كېسىپ يوغان تۆشۈك ئېچىپ قويدى ۋە:

-پاشىلار تازا چاقسۇن،-دەپ چىقىپ كەتتى.

بىر سائەتتىن كېيىن ئۇ پىلاستېر ئەكىرىپ، بايا كېسىۋەتكەن يەرنى قايتا چاپلاپ قويدى. بۇنى كۆرۈپ شۇنچىلىك تەسىرلەندىم، ئايالىمنىڭ ئېغىزى قاتتىق بولغىنى بىلەن كۆڭلى پاختىدەك يۇمشاق، يەنىلا كۆڭلىنىڭ بىر يەرلىرىدىن ماڭا ئىچ ئاغرىتىدۇ دەپ ئويلاپ ئېغىزىمنى ئاچاي دەپ تۇرسام، ئۇ غۇدۇڭشىغىنىچە:

-بۇ كەمگىچە پاشىلارمۇ خېلى كىردى، تېز چاپلىۋەتمىسەم قاچۇرۇپ قويماي،-دېمەسمۇ.

* قۇرۇق قول ئىگىلىك تىكلەش

ئايالىم يەنە بىر مۇنچە كىيىم-كېچەك سېتىۋاپتۇ.

-قەدىرلىكىم بۇنچىلىك بەدخەجلىك قىلمىسىڭىز بولاتتى، نۇرغۇنلىغان بايلار «تاما-تاما كۆل بولار» دېگەندەك ئاز-ئازدىن يىغىپ ئىگىلىك تىكلىگەنغۇ،-دېدىم.

ئايالىم بېشىنى لىڭشىتىپ تۇرۇپ:

-توغرا دەيسىز، بىراق بۇ پۇللارنى خەجلىۋەتمىسەم، سىزگە نەدىكى قۇرۇق قول ئىگىلىك تىكلەش پۇرسىتىدىكەن ئۇ؟ بىلسىڭىز مېنىڭ پۇل خەجلىشىم سىزگە پايدىلىق قەدىرلىكىم.

* كومپىيوتېر بۇزۇلۇپ قالدى

ئايالىم كومپىيوتېرنى بۇزۇلۇپ قالدى دەپ تېلېفون ئۇردى ۋە مېنى تېزدىن ئۆيگە قايتىپ ئوڭشاپ بېرىشىمنى ئېيتتى. مەن ئۇنىڭدىن قەيىرى بۇزۇلۇپتۇ دېسەم، ئۇ: «f1 كۇنۇپكىسىنى بېسىش ئەسكەرتمىسى چىقىۋالدى، بىراق شۇنچە باسساممۇ ئىنكاس يوق» دەيدۇ.

ئۆيگە قايتىپ ئايالىم ماڭا قانداق باسقانلىقىنى كۆرسىتىپ قويماقچى بولۇپ، كومپىيوتېر ئەسكەرتىش چىقارغاندا بىر بارمىقىنى f ھەرپىگە يەنە بىرىنى 1گە توغرىلاپ تۇرماسمۇ...

* تاماق ئېتىش

ئايالىم تاماق ئېتىشنى بىلمىسىمۇ، بىراق ئۆگىنىش ئۈچۈن خېلىلا تىرىشىۋاتاتتى. بىر كۈنى ئۇ دۇفۇ قورۇمىسى تەييارلاپتۇ.

ھەي... تەمىنى دېمەيلا قوياي...بىر كۈنى ئۇنىڭ خاتىرىسىنى مەقسەتسىزلا ئاختۇرۇپ قالدىم، ئۈستىگە مۇنۇلار يېزىلغانىدى: «بۈگۈن يولدىشىمغا دۇفۇ قورۇمىسى تەييارلىدىم، رەڭگى كۆرۈمسىز، تەمى تۇزلۇق، دۇفۇ ئازراق كۆيگەننى ھېسابقا ئالمىغاندا ھەممىسى كۆڭۈلدىكىدەك بولدى، يەنىمۇ تىرىشاي!»

* تاماقنى ئوغرىلىقچە يەۋېلىش

بىر كۈنى كەچتە ئاشپۇزۇلدا ئۈگرە ئىچىۋاتساق توك توختاپ قالدى. شۇ ھامان ئايالىمدىن:

-قورقتىڭىزمۇ؟-دەپ سورىدىم ۋە ئارقىدىنلا:

-قورقماڭ، مەن يېنىڭىزدا،-دېدىم. بىراق ئايالىم تاماق قاچىسىنى قولىدا چىڭڭىدە تۇتۇۋېلىپ:

-سىز بولغاچقا قورقۇۋاتىمەن. مەن كۆرمىگەندە ئۈگرىنىڭ گۆشىنى ئوغرىلاپ يەۋالسىڭىز قانداق قىلىمەن،-دېدى.

发布日期:
分类:يۇمۇر

发表评论

您的电子邮箱地址不会被公开。 必填项已用*标注