
بىر ئادەم ئايروپىلانغا چىقسىلا كۆڭلى ئېلىشىدىكەندە بىر كۈنى ئۇنىڭ يەنە ئايروپىلاندا كۆڭلى ئېلىشىپ قاپتۇ. بۇنى كۆرگەن ھاۋاخان (ئايرو خانقىز) بىرتال خالتا ئەكىلىپ بېرىپتۇ. ئۇ ئادەم بىرلا ياندۇرۇپتىكەن، خالتا توشۇپ قاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ھاۋاخان:
-ئەپەندىم! بىر ئاز چىداپ تۇرۇڭ، مەن يەنە بىر تال خالتا ئەكېلەي،-دەپ كېتىپ سەل تۇرۇپ كېلىپ قارىسا ھەممە يەر قۇسۇق بىلەن بۇلغىنىپ كەتكەن، ھاۋاخان بۇنى كۆرۈپ قايناپلا كېتىپتىغۇ،-ئەپەندىم بۇ نېمە قىلغىنىڭىز؟ بىر ئاز چىداپ تۇرۇڭ دېسەم ھەممە يەرنى بۇلغاپ بوپسىزغۇ!؟-دېسە ھېلىقى كىشى:
-خانقىز مەن چىداپ تۇرغان قارىسام خالتا توشۇپ كېتىپتۇ، مەن خالتا تېشىپ كەتمىسۇن دەپ خالتىدىكى قۇسۇقۇمدىن ئازراق ئىچىۋەتكەنتىم ئەتراپىمدىكىلەر بۇنى كۆرۈپلا...

ئەدەبىيات مۇئەللىمى ئەنۋەرنى «س» ھەرپى بىلەن باشلانغان «سۆز ئويۇنى» تۈزۈپ بېقىشقا بۇيرۇپتۇ. ئەنۋەر:
-سامساق سۈيى سېلىنغان سودا سۈيىنى سۈمۈرۈپ سېلىپ سوغۇقتا سىڭلىڭىز سانىيەنى سۆيۈپ سالدىم...
مۇئەللىم:-يوغان ئىش قىپسەن...ئولتۇرە...

بۈگۈن ئىشتىن خېلىلا كەچ كەلدىم، ھېرىپ ھالىم قالمىغان ئىدى. ئايالىمغا دېدىم:
-خوتۇن مەن ھازىر ئۇخلايمەن، ئەتە سەھەر بەك مۇھىم يىغىنىم بار، مەن ئويغانمىسام مېنى ئويغىتىپ قوي، شاپىلاق ئۇرۇپ بولسىمۇ مېنى چوقۇم ئويغات. سائەت ئالتىدە ھە، چوقۇم ئويغات، شاپىلاق ئۇرۇپ بولسىمۇ ئويغات...
سەھەردە كۆزۈمنى لاپپىدە ئاچتىم «دەددەڭنى!» تاڭ يورۇپ كېتىپتۇ، سائەتكە قارىسام 10 بولۇپ كېتىپتۇ، ئايالىم ياندا ماڭا قاراپ تۇرۇپتۇ. مەن رەنجىپ كەتتىم:
-ھەي نېمىشقا ئويغاتمايسەن؟؟؟ مەن شاپىلاق ئۇرۇپ بولسىمۇ ئويغات دېگەنغۇ...
ئايالىم:
-ۋاي ئويغاتتىم، چاقىرسام تۇرمىغانتىڭ شۇڭا كېلىپ ياقاڭدىن تۇتۇپ بىر شاپىلاق سالدىم، سەل ئېغىر كەتتىمۇ، تۆت سائەت ھوشۇڭدىن كەتتىڭ، ھەرقانچە قىلىپمۇ ھوشۇڭغا كەلتۈرەلمىدىم.-شۇنىڭ بىلەن ئايالىمنىڭ بازغاندەك مۇشتىغا، بوراندەك چىقىۋاتقان ئاۋازىغا قاراپ، ئۇنىڭ مېنى ئويغىتالمىغىنىغا ئىشەندىم...

مەن ئادەتتە ئۈندىداردا تېرە ئاسراش مەھسۇلاتلىرى ساتىمەنچۇ، بۈگۈن بىر خېرىدارىم: «يۈز چاپلاقتىن 200تال دەك سېتىۋىلىپ قىز دوستۇمغا سوۋغا قىلاتتىم» دەپ گەپ قىپتۇ. ئۆزۈمنى ئالىيجاناب سودىگەردەك كۆرسىتىش ئۈچۈن بۇنچە جىق چاپلاق سېتىۋېلىشنىڭ ھاجىتى يوقلىقىنى، ئازراق ئەپ تۇرۇپ تۈگىسە يەنە بۇيرۇتسا مەن ھەر ۋاقىت ئەۋەتىپ بېرىدىغانلىقىمنى، ھەمدە ئالدىمىزدا پائالىيەت ئۆتكۈزۈپ قالسام ئەرزان ئالالايدىغانلىقىنى دەپ كەسپى نۇقتىدىن بىر توقاي قىلىپ سەت چۈشەندۈرۈپ خەت يېزىۋاتسام، تۆت يەرنىڭ ئادرېسىنى يوللاپ قالدى. ئۆزۈمنى بۇنچە كەمسىتمىگىلى ئۇزۇن يىللار بوپتىكەن. ھېلىمۇ ياخشى يازغان چۈشەندۈرۈشلىرىمنى يوللاپ سالماپتىمەن... (دەردمەنلەرچە گەپ قىلىپ باقاي مەنمۇ)