تەۋسىيە
ۋاڭيى تورى خەۋىرى، دىېلشىفا تەرجىمىسى:
ئەنگلىيە لوندون خان جەمەتى مەكتىپىنىڭ بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئەنگلىيەدە 3/5 ئەر ئىچ كىيىمىنى كۈندە ئالماشتۇرمايدىكەن، دۆلەت ئىچىدىكى مېدىتسىنا مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، پەقەت 1/5 ئەر كىشى ئىچ كىيىمىنى كۈندە ئالماشتۇرىدىكەن، چەتئەلدىكى مەلۇم ئىچ كىيىم ياساش شىركىتى 1000 ئادەمگە قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندا، ئەرلەرنىڭ بىر ھەپتە ئىچىدە ئىچ كىيىم ئالماشتۇرماسلىق نىسبىتى ئاياللارنىڭكىگە قارىغاندا 2.5 ھەسسە كۆپ بولىدىكەن، دېمەك ئەرلەر ئىچ كىيىمى قانچە مەينەت، كونىراپ كەتسىمۇ ئالماشتۇرماي كىيىۋېرىدۇ.

ئەرلەرنىڭ ئىچ كىيىمى زادى قانچىلىك مەينەت؟
بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن دۇنيادىكى بىيولوگىيە ئالىملىرى مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارغان، ئۇلار بىر تال ئىچ كىيىمدە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 0.1 گىرام گەندە قالدۇقى بولىدىغانلىقىنى بايقىغان، گەندە قالدۇقىدا كۆپ مىقداردا زىيانلىق باكتېرىيەلەر بار بولۇپ، بۇ باكتېرىيەلەرنى كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمىغان بىلەن يەنىلا سالامەتلىككە زىيان يەتكۈزىدۇ.
ئەرلەر ئىچ كىيىمنى قانچىلىك ۋاقىتتا بىر قېتىم ئالماشتۇرۇش كېرەك؟
مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتچىلارنىڭ دېيىشىچە، بەدەنگە چاپلىشىپ تۇرىدىغان ئىچ كىيىملەرنى ئەڭ ياخشىسى يېرىم يىلدا بىر قېتىم يېڭىلاپ تۇرۇش كېرەك، بولۇپمۇ ئىچ كىيىملەردە شەكلى ئۆزگىرىش، ساغىرىپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلگەندە ئىچ كىيىملەرنى ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇش، ئىچ كىيىملەرنى ھەر كۈنى بىر ئالماشتۇرۇپ پاكىزلاش كېرەك، بولۇپمۇ ياز كۈنلىرى چوقۇم بىر كۈندە بىر يېڭى ئىچ كىيىم ئالماشتۇرۇش لازىم.
كۆپ ئىچ كىيىملەرنى بىللە يۇيۇشقا بولامدۇ؟
ئادەتتە كۆپ ئىچ كىيىملەرنى بىللە يۇيغاندا ئۆز-ئارا يۇقۇملىنىش ئەھۋالى كېلىپ چىقىدۇ، شۇڭلاشقا ئىچ كىيىملەرنى يۇيغاندا چوقۇم باشقا كىيىملەردىن ئايرىپ يۇيۇش، شارائىت يار بەرسە ئىچ كىيىملەرنىمۇ ئايرىپ يۇيۇش كېرەك.
ئىچ كىيىملەرنى كىرئالغۇدا يۇيۇشقا بولامدۇ؟
ئادەتتىكى ئەھۋالدا ئىچ كىيىمنى ئامال بار قولدا يۇيۇش كېرەك، ئىچ كىيىملەرنى كىرئالغۇدا يۇيغاندا كىرئالغۇدىكى مىكروبلار ئىچ كىيىمگە چاپلىشىپ قېلىپ ئىچ كىيىملەرنى بۇلغاپ قويىدۇ.
ئەرلەر ئىچ كىيىمىنى قانداق تاللاش كېرەك؟
ئەرلەر ئىچ كىيىم تاللىغاندا پاختىلىق، ئازادە، ئوچۇق رەڭلىك ئىچ كىيىملەرنى تاللاش كېرەك.