تەۋسىيە
توۋتياۋ تورى خەۋىرى، دىېلشىفا تەرجىمىسى:
ئەرلەر ھەر كۈنى بىر نەچچە تال زەنجىۋىل يېيىشنى داۋاملاشتۇرۇپ بەرسە، تۆۋەندىكى ئۈچ مەسىلىنىڭ ياخشىلىنىشىغا ياردىمى بولىدۇ.
1. مېڭە تېخىمۇ سەگەكلىشىدۇ: نۇرغۇن كىشىلەر گەرچە بىر كېچە قېنىپ ئۇخلىغان بولسىمۇ، لېكىن ئويغانغاندىن كېيىن يەنىلا ئۇيقۇسىراپ، بەدىنىدە ئازراقمۇ ھاياتىي كۈچ يوقتەك ھېس قىلىشىدۇ، بۇ چاغدا بىر نەچچە تال زەنجىۋىل يەپ قويسا ئالاھىدە ئۈنۈم بېرىدۇ. زەنجىۋىلنىڭ تەركىبىدە كۇركۇمىن ماددىسى مول بولۇپ، بەدەندىكى ھۈجەيرىلەرنى تېز ئويغىتىدۇ ھەمدە بەدەننىڭ قان ئايلىنىشىنى تېزلىتىپ، بەدەننىڭ ماددا ئالمىشىش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە مېڭىنى روھلاندۇرۇش رولىنى ئويناپ، مېڭىنى تېخىمۇ سەگەكلەشتۈرىدۇ، ئەرلەرنىڭ زېھنىي قۇۋۋىتىنى تېخىمۇ ئۇرغۇتىدۇ.

2. بەدەندىكى توكسىننى ھەيدەشكە ياردەم بېرىدۇ: زەنجىۋىلنى تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ، چۈنكى زەنجىۋىل مۆتىدىل تىپىدىكى يېمەكلىك ماتېرىيالى بولۇپ، كۆپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە سوغۇقنى ھەيدەپ، بەدەننى ئىسسىق ساقلايدۇ، بەدەندىكى ھۆل سوغۇقنى ھەيدەشكە پايدىلىق. بۇنىڭدىن باشقا زەنجىۋىلنىڭ تەركىبىدە زەنجىۋىل ئاچچىق ماددىسىمۇ بىر قەدەر مول بولۇپ، زەنجىۋىلنى كۆپ ئىستېمال قىلغاندا بەدەندىكى ئەزا توقۇلمىلارنى تېخىمۇ ياخشى غىدىقلاپ، بەدەننىڭ ماددا ئالماشتۇرۇش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ، بۇ بەدەندىكى توكسىن ئەخلەتلىرىنىڭ چىقىرىلىشىغا تېخىمۇ پايدىلىق، ئادەتتە زەنجىۋىلنى كۆپ يېگەن ئەرلەرنىڭ بەدىنىدىكى توكسىن ئەخلەتلىرى تېخىمۇ ئاز بولىدۇ، كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىمۇ تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ.

3. مەزى بېزى مەسىلىسىنى ياخشىلايدۇ: مەزى بېزى كېسىلى نۇرغۇن ئەرلەرنىڭ باش قېتىنچىلىقى، كۆپ قىسىم ئەرلەر مەلۇم ياشقا بارغاندا مەزى بېزى كېسىلى ئاسانلا قوزغىلىدۇ. مەزى بېزى ئەرلەرگە نىسبەتەن بىر قەدەر مۇھىم، شۇنداقلا بىر قەدەر ئاجىز ئورۇن، ئەگەر ياخشى ئاسرىمىغاندا، مەزى بېزى ياللۇغى ياكى باشقا مەزى بېزى كېسەللىكلىرى پەيدا بولۇشى مۇمكىن. ئەرلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەگەر مەزى بېزى كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئالماقچى بولسىڭىز، زەنجىۋىلنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ بېرىڭ، زەنجىۋىلنىڭ ئەسلىدىنلا باكتېرىيە ئۆلتۈرۈش، ياللۇغ قايتۇرۇش رولى بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە زەنجىۋىل بەدەندىكى توكسىننىڭ چىقىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ئەخلەتلەرنىڭ چىقىرىلىشىمۇ باكتېرىيەلەرنىڭ كۆپىيىشىنى ئازايتىدۇ. مەلۇم دەرىجىدە مەزى بېزى ياللۇغىنىڭ پەيدا بولۇشىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

يۇقىرىقىلار ئەرلەر ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندىن كېيىن ئاچ قورساققا بىر نەچچە تال زەنجىۋىل يېسە، بەدەنگە ئېلىپ كېلىدىغان ئۈچ خىل پايدىسى، ئەگەر سىزدە بۇ ئۈچ جەھەتتىكى مەسىلە كۆرۈلسە، زەنجىۋىلنى كۆپرەك ئىستېمال قىلسىڭىز بۇ مەسىلىلەرنى ياخشىلىيالىشىڭىزغا ياردىمى بولۇشى مۇمكىن.