
شۇ جاي ۋاقتى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى سەھەر سائەت 3 تە ناخشا مۇنبىرىدىكى گىگانت چولپان مادوننا (Madonna) نيۇيورك مانخاتتاندىكى دەۋر مەيدانىدا پەيدا بولدى، ئۇ ئۆتكۈزۈلۈش ئالدىدا تۇرغان «MTV» مۇزىكا مۇكاپاتىنىڭ مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى ئۈچۈن تەشۋىقات فىلىمىنى سۈرەتكە ئالغان، ئىگىلىنىشىچە بۇ فىلىمنى سۈرەتكە ئېلىشقا 3 سائەتكە يېقىن ۋاقىت كەتكەن. شۇ ۋاقىتتىكى مادوننا ئۇچىسىغا ئەترەڭ ئوزۇن چاپان كىيىپ، چېچىنى ئاق رەڭدە بويىغان، قېنىق قىلىنغان گىرىمى يۈز قىسمىنى سەل-پەل قېتىپ قالغاندەك كۆرسىتىپ قويغان بولسىمۇ لىكىن 63 ياشلىق مادوننانىڭ لاتاپىتىگە ئانچە چوڭ تەسىر كۆرسىتەلمىگەن.

بۇ يىل 63 ياشقا كىرگەن مادوننا پات ئارىدا يەنە بىر قېتىم «MTV VMA» مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدا پەيدا بولىدۇ، بۇ ھەقىقەتەن مەستانىلەرنى ھاياجانغا سالىدىغان خەۋەر. 37 يىل ئىلگىرى مادوننا تۇنجى نۆۋەتلىك «MTV VMA»نىڭ مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدا پەيدا بولغان، شۇ چاغدا ئۇ ئۆزىنىڭ ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن «يۈزى ئېچىلمىغان قىز» (like a Virgin)نى ئورۇنداپ زور زىلزىلە پەيدا قىلغان. بۈگۈنكى كۈندىكى مادوننا ئاللىبۇرۇن 60 ياشتىن ئاشقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ مۇزىكا ساھەسىدىكى چاقىرىق كۈچى يەنىلا ناھايىتى يۇقۇرى، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەيلى كىيىنىش ۋە ياكى سەھنىدە ئىپادىلەش كۈچى بولسۇن، ھەممىسىنى ھاياتى كۈچكە تولغان دېيىشكە بولىدۇ.

مادوننا ئىلگىرىكى بىر قېتىملىق زىيارەتتە ئۆزىنىڭ ياش ۋاقتىدا ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىنىڭ يوقلىقىنى، پۈتۈنلەي ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ ئالدىنقى قاتارغا ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ھازىرقى ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرى دەۋرىدىكى مادوننا ئوخشىمايدۇ، ئۇ ھەر كۈنى ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا ئۆزىنى كۆرسىتىشنى ياخشى كۆرىدۇ.

گەرچە مادوننا ياشىنىپ قالغان بولسىمۇ ئەمما ئۇ ھېچقاچان ياشىنىپ قالغىنىغا تەن بەرگەن ئەمەس، ئۇ ھېلىھەم مودا مۇزىكا ساھەسىدە ئۆز يېشىدىن ھالقىپ كەتكەن قىزغىنلىق بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كەلمەكتە، بۇ ھالىتى دەل ئۇ ئۆزى ئېيتىپ ئۆتكەن «ياش پەقەت مەن ئۈچۈن بىر سان خالاس» دېگەن جۈملىسىدە ناھايىتى روشەن ئەكىس ئەتكەن. لېكىن يىللار بەك رەھىمسىز، ئۇ ئەزەلدىن بىزگە باققان ئەمەس، ئۇنىڭ يېقىنقى سۈرەتلىرىگە قارايدىغان بولساق يىللار ئۇنىمۇ بوش قويىۋەتمىگەن، يۈزى يۇمىلاق ھەم قېتىپ قالغاندەك كۆرۈندىغان بولۇپ، سۈنىئي ئۇسۇلدا ساقلاپ قېلىنغان گۈزەللىكنىڭ ئىزنالىرى بىلىنىپ تۇراتتى، بولۇپمۇ كۆز ئەتراپى سەل قارىداپ ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن.

ئۇنىڭ بىر نەچچە كۈن بۇرۇن ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا ئېلان قىلغان سۈرەتلىرىگە قايتا قارايدىغان بولساق پەرق بەكلا چوڭ، ئىككى پارچە سۈرەتنىڭ بىر ئادەم ئىكەنلىكىنى ئايرىۋېلىشمۇ بىر ئاز تەسكە توختايدۇ، گەرچە ھازىر سۈرەت گۈزەللەشتۈرۈش پۈتۈن دۇنيا خاراكتېرلىك ئىشقا ئايلانغان بولسىمۇ، مادوننانىڭ بۇ سۈرەتلىرى بىر ئاز مۇبالىغىلەشتۈرۋېتىلگەن.

ئەلۋەتتە ئۇنىڭ بۇنداق سۈرەت گۈزەللەشتۈرۈشىنىڭمۇ سەۋەبى بار، چۈنكى ئۇنىڭ ھازىرقى ئوغۇل دوستى ئۆزىدىن 27 ياش كىچىك ئۇسسۇلچى ۋېليامس، ئۇلار ھەر كۈنى بىر-بىرىدىن ئايرىلالمايدىغاندەك بىللە ياشايدۇ.