
2-سېنتەبىر داڭلىق ئارتىس ياۋ چېن (姚晨)نىڭ خىزمەت ئىشخانىسى مىكرو بىلوگىغا ئۇنىڭ مەلۇم بىر ژۇرنالنىڭ مۇقاۋىسى ئۈچۈن چۈشكەن ئەڭ يېڭى سۈرەتلىرىنى ھەمبەھىرلىدى، سۈرەتتە ياۋ چېن ئۆزىنىڭ تەنناز بەدەن شەكلىگە، گۈزەل رۇخسارىغا تولىمۇ ماس كەلگەن مودا پاسوندىكى كىيىملەرنى كىيىپ بەكلا گۈزەل بولۇپ كەتكەن.

ياۋ چېن 1979-يىلى 10-ئاينىڭ 5-كۈنى تۇغۇلغان، 2001-يىلى تاماشا ساھەسىگە كىرگەن ھەمدە ئاز بولمىغان مۇكاپاتلارغا ۋە شان-شەرەپلەرگە ئېرىشىپ تورداشلارنىڭ ياقتۇرىشىغا ۋە ئىزچىل قوللىشىغا ئېرىشكەن، لېكىن مۇھەببەت ئىشى كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغان، كېيىن كەسپىنىڭ ئالتۇن ۋاقتىدا ھازىرقى يولدىشى ساۋ يۈ (曹郁) بىلەن تونۇشۇپ قېلىپ توي قىلغان ھەمدە بىر ئوغۇل ۋە بىر قىز پەرزەنتلىك بولغان، تويدىن كېيىن ياۋ چېن ئۆزىنىڭ ۋاقتىنى ئائىلىسىگە كۆپرەك قاراتقان، ئاخىرىدا ياۋ چېننىڭ ئائىلىسىگە بەخىت تىلەيمىز.









