
بۈگۈن (9-ئاينىڭ 3-كۈنى) بوللىۋودنىڭ كېلىشكەن ئەر ئارتىسى ۋىۋېك ئوبېروينىڭ 45 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنى.
ۋىۋېك ئوبېروي (Vivek Oberoi)، ئۇ 1976-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى ھىندىستان ھەيدەرئابادتا كىنوچىلىق ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ دادىسى سۇرېش ئوبېروي (Suresh Oberoi) بوللىۋودنىڭ پىشقەدەم ئارتىسى، نەۋرە ئىنىسى ئاكشاي ئوبېروي (Akshay Oberoi)مۇ ئارتىس.
ۋىۋېك 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 29-كۈنى كارناتاكا ئىشتاتىنىڭ مىنىستىرى جېۋاراج ئالۋا (Jeevaraj Alva)نىڭ قىزى پرىيانكا ئالۋا (Priyanka Alva) بىلەن توي قىلغان، ئۇلارنىڭ بىر قىز بىر ئوغلى بار.

سۈرەتتە: ۋىۋېك ۋە دادىسى
ئۇ 2002-يىلى رام گوپال ۋارما (Ram Gopal Varma)نىڭ كىنو شىركىتى ئىشلىگەن «ھىندىستان قارا گۇرۇھى» (印度黑帮) ناملىق كىنودا رول ئېلىپ كەسپىي ھاياتىنى باشلىغان ۋە بۇ كىنو ئارقىلىق ئەڭ ياخشى تۇنجى ئەسەر مۇكاپاتى ۋە ئەڭ ياخشى ئەر يانداش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. شۇ يىلى يەنە «Road» ۋە «توي» (婚姻) ناملىق ئىككى كىنودا رول ئالغان. «توي» ناملىق كىنوسى بېلەت كىرىمىدە زور مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ھەمدە ۋىۋېك ئەڭ ياخشى ئەر ئارتىس نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلگەن.

2005-يىلى ئاجەي دېۋگان ۋە جون ئابراھام قاتارلىقلار بىلەن «قاراۋۇل» (Kaal) ناملىق كىنودا رول ئالغان. 2007-يىلى كۆپ چولپان ھەمكارلاشقان «قوراللىق جەڭ» (枪战) ناملىق كىنودا قارا گۇرۇھنىڭ كاتتىبىشى مايا دولاس (Maya Dolas)نىڭ رولىنى ئالغان ۋە بۇ كىنودىكى سەلبىي رولى ئالقىشقا ئېرىشكەن.
2010-يىلى ئۇ «شاھزادە» (王子) ناملىق كىنودا رول ئالغان، گەرچە دەسلەپتە بېلەت كىرىمى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان بولسىمۇ لېكىن تاماشىبىنلارنىڭ ئىنكاسى ياخشى بولمىغان.

ئۇ 2011-يىلى «ھىندىستان سېرك ئويۇنى» (印度马戏) ناملىق كىنونىڭ ئىشلىگۈچىلىكىنى قىلغان.
بۇ كىنو 16-نۆۋەتلىك پۇسان كىنو بايرىمىدا قويۇلغان، پۈتۈن يەر شارىدىن پۇسان كىنو بايرىمىغا 3000 كىنو تاللانغان ۋە شۇ بايرامدا قويۇلغان 380 كىنو ئىچىدىن ئەڭ ياخشى كىنو تاماشىبىنلىرى تاللاش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
پۇسان شەھىرىنىڭ 16 يىللىق تارىخىدا بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن تۇنجى ھىندىستان كىنوسى ھېسابلىنىدۇ.
بۇ كىنو خەلقارا ئوبزورچىلار ۋە ھوللىۋودتىن كەلگەن مۇخبىرلار، ئۇنىۋېرسال سەنئەت ۋە خەلقئارا ئېكران مۇخبىرلىرىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن.

ۋىۋېك ئوبېروي سەلبىي رولنىمۇ ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئالىدۇ، «بۈركۈت ئوغلى كىرىشنا 3» (Krrish 3)، «قوراللىق جەڭ» (枪战)، «قۇملۇق جەڭچىسى راما» (Vinaya Vidheya Rama) ۋە «دانىش ئەپەندى» (智胜先师) قاتارلىق كىنولاردىكى سەلبىي روللىرى بىلەن داڭلىق.







































