
بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرى 1980-يىلى جۇڭگو شياڭگاڭنىڭ سىمسىز تېلېۋىزىيەسىدە تۇنجى بولۇپ قويۇلغان، ئەينى يىلى تىياتىر قويۇلغاندىن كېيىن دۆلىتىمىزنىڭ ھەممە يېرىدە تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ ۋەقەلىكى قىزغىن مۇلاھىزە نۇقىتىسىغا ئايلانغان، ھەمدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىردىكى ئوبرازلارنى ۋە سۆز ھەرىكەتلىرنى تەقلىد قىلىش مودا ئېقىمغا ئايلانغان.

گەرچە «شاڭخەي ساھىلى» (上海滩) كۆپ قېتىم قايتا ئىشلەنگەن بولسىمۇ، بىراق 1980-يىلى ئىشلەنگەن نۇسخىسىدىن ئېشىپ كېتەلمىگەن، شۇڭا بۇ نۇسخىسى كىلاسسىك ھېسابلىنىدۇ، شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى بۇ نۇسخىسىدىكى «شاڭخەي ساھىلى» نەچچە ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ ئەسلىمىسىگە ئايلانغان، ھازىرغىچە بۇ تىياتىر جۇڭگو تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى ھېسابلىنىدۇ، بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرى قويۇلۇشى بىلەنلا تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ۋە ياخشى بولغان باھالىرىغا ئېرىشكەن.

بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرى قويۇلغىنىغا 41 يىل ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، تىياتىردىكى ھەر قايسى ئارتىسلارمۇ مۇنەۋۋەر بولغان كىنولىرىنى تاماشىبىنلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندى، تۆۋەندە بىز بىرلىكتە بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرىدىكى ئارتىسلار بىلەن تونۇشۇپ چىقىمىز:

1.جوۋ رۇنفا (周润发)
جوۋ رۇنفا بۇ تىياتىردا شۈ ۋېنچياڭ (许文强)نىڭ رولىنى ئالغان بولۇپ، شۈ ۋېنچياڭ ئوبرازى تىياتىردىكى مەركىزى ئوبرازلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ، ئەينى يىلى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ پىلانىدا بۇ ئوبرازغا شۇ ۋاقىتلاردا تاماشا ساھەسىدە ناھايىتى ئالقىشلىنىۋاتقان چولپانلاردىن جېڭ شاۋچيۇ (郑少秋)نى رول ئېلىشقا تەكلىپ قىلغان، بىراق جېڭ شاۋچيۇ يېڭى ئەسىرى «چۇ ليۇشياڭ رىۋايىتى» (楚留香传奇)نىڭ سۈرەتكە ئېلىش خىزمىتىنى يېقىندىلا ئاخىرلاشتۇرۇپ بىر مەزگىل دەم ئېلىش ئۈچۈن بۇ ئوبرازنى رەت قىلىۋەتكەن، ھەمدە سۈرەتكە ئېلىش گۇرۇپپىسىغا جوۋ رۇنفانى تەۋسىيە قىلغان، گەرچە جوۋ رۇنفا «شاڭخەي ساھىلى» (上海滩)نى سۈرەتكە ئېلىشتىن ئىلگىرى ئاز بولمىغان ئوبرازلارنى ياراتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ تاماشا ساھەسىدە نامى تېخىمۇ چىقارغىنى يەنىلا شۈ ۋېنچياڭ ئوبرازى بولدى، مۇشۇ سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن جوۋ رۇنفا ھازىرغىچە بەزى ئۇنىۋېرسال پىروگراممىلاردا جېڭ شاۋچيۇغا رەھمىتىنى بىلدۈرگەن.

گەرچە جېڭ شاۋچيۇ 1980-يىلدىكى «شاڭخەي ساھىلى»دا رول ئېلىش پۇرسىتىنى كەتكۈزۈپ قويغان بولسىمۇ، ئەمما چېن جىنخوڭ (陈锦鸿) رېژىسسورلۇقىنى قىلغان «يېڭى شاڭخەي ساھىلى» (新上海滩)دىكى يۈ جىنخەي (于镇海) رولىنى ئالغان، بەلكىم بۇ ئوبراز ئۇنىڭ ئەينى يىلى رەت قىلىۋەتكەن ئەپسۇسنارلىقىنى تولدۇرغان بولۇشى مۇمكىن.

ئەينى يىلى جوۋ رۇنفا تېلېۋىزىيە تىياتىرىدىكى شۈ ۋېنچياڭ ئوبرازىنى ياخشى ئۆزلەشتۈرۈش ۋە رولنى ياخشى ئېلىش مەقسىتىدە 20-ئەسىرنىڭ 20-30-يىللاردىكى شاڭخەي تارىخىنى ئۆگىنىپ چىققان، گەرچە جوۋ رۇنفانىڭ «شاڭخەي ساھىلى» ئەسىرىگە 41 يىل ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، ئۇ يەنە «قەھرىماننىڭ ئەسلى ماھىيىتى» (英雄本色)، «ئالاڭنىڭ ھېكايىسى» (阿郎的故事) قاتارلىق ھەر بىر ئەسەرلىرىدە كىلاسسىك ئوبرازلارنى ياراتتى.

جوۋ رۇنفا كىشىلىك تۇرمۇش جەھەتتە 1987-يىلى چېن خۇيليەن بىلەن توي قىلغان، بىز جوۋ رۇنفانىڭ يېڭى ئەسەرلىرىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتىمىز.






2.جاۋ ياجى (赵雅芝)
جاۋ ياجى جۇڭگو شياڭگاڭدا تۇغۇلغان، 1975-يىلى تۇنجى تېلېۋىزىيە تىياتىرى «دولقۇن يېرىپ ئالغا ئىلگىرىلەش» (乘风破浪) ئەسىرى بىلەن تاماشا ساھەسىگە رەسمىي قەدەم قويغان، ئەينى يىلدىكى جاۋ ياجى تېخى دېگۈدەك نام چىقىرالمىغان بولۇپ، 1980-يىلى «شاڭخەي ساھىلى»دىكى فېڭ چېڭچېڭ (冯程程) ئوبرازى تاماشا ساھەسىدە تېخىمۇ ئالقىشلىنىشقا ئاساس سالغان، ھەمدە بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرى قويۇلغاندىن كېيىن تاماشا ساھەسىدىكى رول ئېلىش پۇرسىتى كۆپەيگەن، قىسقىغىنا بەش يىل ئىچىدە جۇڭگو شياڭگاڭدىكى داڭلىق چولپانلار قاتارىدىن ئورۇن ئالغان، ھەمدە بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرىغا تايىنىپ «20-ئەسىر سىمسىز تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىكى ئۇنتۇلغۇسىز باش رول ئايال ئارتىس» نامىغا ئېرىشكەن، 97-يىلىدىن تارتىپ ئۇ ئېكراندىن ئاستا ئاستا يىراقلىشىپ، كۆپرەك زېھنىنى ئائىلىسى ۋە پەرزەنتىگە قاراتقان، بۇنىڭدىن سىرت ئۇ رول ئالغان «مۇكەممەل بولمىغان ئۇ» (不完美的她)، «چۇ ليۇشياڭ رىۋايىتى» (楚留香传奇) قاتارلىق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ۋە ياخشى باھالىرىغا ئېرىشكەن، ئۇ ھازىرمۇ جامائەت پاراۋانلىقى ، پائالىيەت ۋە پىروگراممىلارغا قاتنىشىدۇ.




3. لۈ لياڭۋېي (吕良伟)
تېلېۋىزىيە تىياتىرىدىكى دىڭ لى (丁力) ئوبرازىنى لۈ لياڭۋېي ئالغان بولۇپ، تىياتىردىكى دىڭ لى ئوبرازى بولسا مۇھەببىتىگە سادىق، لېكىن ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى كەمچىل ئوبراز، ليۇ لياڭۋېي 1970-يىلى مەلۇم تەربىيەلەش سىنىپىدىن تەربىيەلىنىپ چىقىپ، ئىككى يىلدىن كېيىن دىڭ لى ئوبرازىغا ئېرىشكەن، بۇ ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم رول ئېلىشقا قاتناشقان تىياتىرى بولغاچقا، تورداشلارنىڭ قارىشىچە بۇنداق ياخشى تىياتىردا رول ئالغانلىقى ئۇنىڭ تەلىيى ھېسابلىنىدىكەن، مۇشۇ سەۋەبلەردىن لۈ لياڭۋېي رول ئالغاندا يارلانسىمۇ، يارا ئېغىزىنى بىر تەرەپ قىلىۋېتىپ ھېچ ئىش بولمىغاندەك رول ئېلىشنى داۋاملاشتۇرغان، بۇ تىياتىردىن كېيىن ليۇ لياڭۋېي يەنە «بىرىنچى تىپتىكى خەتەر » (第一类型的危险)، «دوسلاردىن ئۇرۇلغان مۇزىكا ئەترىتى » (Friend过打Band) قاتارلىق ئەسەرلىرىدە رول ئالغان، 1989-يىلى ليۇ لياڭۋېي ئەسەرلىرىنىڭ يۈكسەك پەللىسى ھېسابلىنىدۇ.




4.ليۇ دەن (刘丹)
ليۇ دەن تىياتىردىكى فېڭ جىڭياۋ (冯敬尧) رولىنى ئالغان، ئەسەردىكى سەلبىي ئوبرازلارنىڭ بىرى، ليۇ دەن بولسا داڭلىق چولپان ليۇ كەيۋېي (刘恺威)نىڭ دادىسى، ليۇ دەن «سۈي ۋە تاڭ سۇلالىسىدىكى بوران چاپقۇن» (隋唐风云)، «ئەزمەت ياش ئاققۇزمايدۇ» (英雄无泪) قاتارلىق داڭلىق ئەسەرلەردە قوشۇمچە رول ئالغان، 1980-يىلدا «شاڭخەي ساھىلى» ئەسىرىگە تايىنىپ تاماشا ساھەسىدە نام چىقارغان، تىياتىردىكى فېڭ جىڭياۋ ئوبرازى بولسا مەنپەئەت ئۈچۈن ۋاسىتە تاللىمايدىغان رەزىل كىشى بولسىمۇ، بىراق قىزىغا نىسبەتەن مىھرى ئىسسىق ئاتا، تۇرمۇشتىكى ليۇ دەن بولسا زېھنىنى ئائىلىسى، نەۋرىسىگە قاراتقان ياخشى ئاتا ۋە بوۋا.
ئاخىردا نۇرداشلارغا بىر سوئال قويۇپ قويدۇق، بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى كۆرگەن نۇرداشلار ھازىر نەچچە ياشقا كىردى؟