نادىر تىياتىر «مېنىڭ قوغدىغۇچۇم» تولۇق تۈگىدى، كۆرۈپ باقتىڭىزمۇ؟

دىېلشىفادا ھەقسىز قويۇلۇپ زور ئالقىشقا ئېرىشكەن تىياتىر «مېنىڭ قوغدىغۇچۇم» 106-قىسىمغىچە تولۇق يېڭىلاندى، تىياتىر تۈگىگىچە قىزغىنلىق ئىلكىدە كۆرگەن تورداشلارغا رەھمەت ئېيتىمىز، شۇنداقلا بۇ تىياتىرنى تېخى كۆرۈپ باقمىغان تورداشلارنىڭمۇ كۆرۈپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز!

بۈگۈن دىېلشىفادا قويۇلغان نادىر كورېيە تىياتىرى «مېنىڭ قوغدىغۇچۇم»نى تونۇشتۇرۇپ ئۆتمەكچىمەن، گېپىمىزنى باشلاشتىن بۇرۇن كورېيە تىياتىرلىرىنىڭ سابىق كۆرگۈچىسى بولغان قىزلار ھەققىدە ئازراق مۇلاھىزە قىلىپ توختالساق، بەلكىم ئەتراپىمىزدا كورېيە تىياتىرلىرىنى كۆرۈشنى خالىمايدىغان قىزلار ناھايىتى ئاز بىر قىسىم بولسا كېرەك، كورېيە تىياتىرلىرىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ۋەقەلىكى ئادەتتە بىر قەدەر رومانتىك بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قىزلاردا تۇغما رومانتىك قەلب بار، شۇڭا كورېيە تىياتىرلىرىنى كۆرگەندە ئۆزىنىڭمۇ كورېيە تىياتىرلىرىدىكىدەك رومانتىك مۇھەببەتكە ئېرىشىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ، بەزى تىياتىرلارنىڭ مەزمۇنىمۇ تۇرمۇشقا يېقىن، ئوغۇللار ئامراق جىددىي ئۇرۇش مۇشلىشىش ۋەقەلىكلىرىدىن يىراقراق، شۇڭا كورېيە تىياتىرلىرىنى كۆرۈشنى ياخشى كۆرىدىغانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئاساسەن قىزلار، بۇ قېتىممۇ قىزلارنىڭ مۇشۇ تىياتىرنى قولدىن بەرمەي بىر كۆرۈپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن (ھى ھى).

مېنى بېسىپلا كۆرۈڭ

«مېنىڭ قوغدىغۇچۇم» ناملىق بۇ تىياتىرنى كورېيە KBS تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئىشلىگەن، 2018-يىلى قويۇلغان. تىياتىردا چوي سۇجوڭ (崔秀钟)، كىم يۇجىن (金宥真)، ئى جاڭۋو (李章宇)، يون جىنى (尹真伊)، نەھ يېمى (罗惠美)، پاك سۇنخون (朴成勋) قاتارلىق چولپانلار رول ئالغان. ئايال باش رولچى كىم يۇجىن تۇغۇلۇپ ئۇزۇن بولمايلا، دادىسى بۇلاڭچىلىق قىلىپ ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بىلەن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدۇ، ئانىسىمۇ كېسەل سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتىدۇ. دادىسىنىڭ بۇرۇن دارىلئېتامدا ياردەم قىلىپ كۆيۈنگەن بىر ئاغىنىسى بار بولۇپ، ئۇ ئاغىنىسى كىم يۇجىننى كۆتۈرۈپ تۈرمىگە ئۇنىڭ دادىسىنى يوقلاپ بارىدۇ، ۋە كىم يۇجىننىڭ دادىسىغا كىم يۇجىننى دارىلئېتامغا ئاپىرىپ بېرىشكە بولمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ، كىم يۇجىننى بېقىۋېلىشنى قارار قىلغانلىقىنى ئېيتىدۇ ھەمدە ئۆيىگە قايتىپ كېلىپ، ئايالىغا كىم يۇجىننىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئۆزىگە ياردەم قىلغان يېقىن دوستىنىڭ قىزى ئىكەنلىكىنى، ھازىر باش-پاناھسىز قالغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ دوستىغا جاۋاب قايتۇرۇش ئۈچۈن، ئۇنى بېقىۋېلىشنى قارار قىلغانلىقىنى ئېيتىدۇ، ئايالى تازا خالاپ كەتمەيدۇ، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، كىم يۇجىن ھېچقانداق ئەھۋالنى بىلمىگەن ئەھۋالدا چوڭ بولىدۇ، تۇرمۇشىدا بولسا بالدۇر تۇغۇلۇپ قالغان، تېنى ئاجىز ئۆگەي سىڭلىسى ئۆگەي ئانىسىنىڭ بەكرەك ئەتىۋارلىشىغا مۇيەسسەر بولىدۇ، نېمىلا دېگەن بىلەن ئۆگەي ئانىسىنىڭ ئۆز بالىسى ئەمەسمۇ.

مېنى بېسىپلا كۆرۈڭ

شۇنىڭ بىلەن ئۇنى بېقىۋالغان بۇ ئۆگەي دادىسى ھەر قېتىم ئۇنىڭ ئۆز دادىسىنى تۈرمىگە يوقلاپ بارغاندا كۆرۈشۈشى رەت قىلىنىدۇ، لېكىن ئۆگەي دادىسى ئۇنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانى تەپسىلىي بايان قىلىنغان خەت-چەك ۋە سۈرەتلەرنى توختىماي تۈرمىگە ئەۋەتىپ تۇرىدۇ، ئۆز دادىسى تۈرمىدە تاپشۇرۇپ ئېلىپ ھەممىنى يىغىپ ساقلاپ قويىدۇ، 27 يىلدىن كېيىن ئۆز دادىسى تۈرمىدىن ئالاھىدە كەچۈرۈم قىلىنىپ، قويۇپ بېرىلىدۇ ھەمدە ئىسىم-فامىلىسىنى باشقىغا ئۆزگەرتىپ غايىب بولىدۇ. چوڭ بولغان كىم يۇجىننىڭ ئارزۇسى تەپتىش ئەمەلدارى بولۇش بولۇپ، ئۆيدىكىلەردىن يوشۇرۇنچە تەرەپ-تەرەپتە قوشۇمچە ئىشلەپ ئوقۇش پۇلى تاپىدۇ، ئۆگەي سىڭلىسىنىڭمۇ داڭلىق دىكتور بولۇش ئارزۇسى بار بولۇپ، نەچچە قېتىم رىياسەتچىلىككە تاللىنالمايدۇ، ئۇ ئۆگەي سىڭلىسىنىڭ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن، بىر كۈنى قوشۇمچە ئىشلەپ تاپقان پۇللىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆگەي ئانىسىغا بېرىپ، ئۆگەي سىڭلىسىنى چەتئەلگە ئوقۇشقا ئەۋەتىشكە تەييارلىق قىلىدۇ، ئۆگەي ئانىسى بۇ پۇلنىڭ يەتمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، ئۇنىڭدىن يەنە بار-يوقلۇقىنى سورايدۇ، ئۆگەي دادىسى ئۇنىڭ ئەستايىدىل ئۆگىنىش قىلماي ئىشلەپ يۈرگەنلىكىنى بىلىپ ئۇنى ئەيىبلەيدۇ ھەمدە ئايالىنىڭ ئۇنىڭ پۇلىنى ئىشلىتىشىگە يول قويمايدۇ.

مېنى بېسىپلا كۆرۈڭ

بىر كۈنى ئۆگەي دادىسى ئۆز ۋاقتىدا ئۇنىڭ ئۆز دادىسىنىڭ ئۆي ئىگىسى بولغان موماينىڭ ئۆز ئۆيىنىڭ يېنىدا تۇرىدىغانلىقىنى بايقايدۇ، مومايمۇ ئۇنىڭ كىم يۇجىننى بېقىۋالغان ئادەم ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىدۇ، بۇ چاغدا ساقچىلارمۇ ئۆگەي دادىسىنى ئىزدەپ كېلىپ، كىم يۇجىننىڭ ئۆز دادىسىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىدۇ، ئۆگەي دادىسى ناھايىتى تىت-تىت بولۇپ، ئۆيىنى سېتىپ ئۇنى چەتئەلگە ئوقۇشقا چىقىرىپ بىر مەزگىل مۆكۈنۈپ تۇرۇشنى پىلان قىلىدۇ، ئۆينى سېتىشنى ئاڭلاپ ناھايىتى ئاچچىقلانغان ئۆگەي ئانىسى ئۇنىڭ ئۆز قىزى ئەمەسلىكىنى ئېيتىدۇ، ئۇ بۇ ئىشنى ئاڭلاپ ھاڭ-تاڭ قېلىپ، ئۆيدىن يۈگۈرەپ چىقىپ كېتىدۇ، ئۆگەي دادىسى ئۇنىڭدىن ئەنسىرەپ كەينىدىن قوغلاپ چىقىپ ماشىنا ۋەقەسىدە ۋاپات بولىدۇ، ئۆگەي ئانىسى بۇ پاجىئەلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ كاساپىتىدىن بولدى دەپ قاراپ، ئۇنى ئۆيدىن قوغلاپ چىقىرىدۇ.

ئۆز دادىسى زادى نېمە ئۈچۈن غايىب بولغاندۇ؟ دادىسى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئەپۇ قىلىشىغا ئېرىشەلەرمۇ؟ كىم يۇجىننىڭ كېيىنكى تەقدىرى قانداق بولار؟ ئۇنىڭ ئەڭ قىزىق نۇقتا بولغان مۇھەببەت تۇرمۇشىچۇ؟ ۋەقەلىككە، تىياتىرنىڭ مەزمۇنىغا قىزىقسىز دىققىتىڭىز دىېلشىفادا بولسۇن!

发表评论

您的电子邮箱地址不会被公开。 必填项已用*标注