
ئاكشاي كۇمار بوللىۋودنىڭ داڭلىق ھەرىكەتلىك كىنو ئارتىسى، ئۇنىڭ كىنوچىلىق ھاياتىدا ھازىرغىچە قويۇلغان باش رول ئالغان كىنونىڭ سانى 120گە يەتكەن، يەنە تېخى قويۇلۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان 10 پارچە كىنوسى بار، ئاكشاي كۇمار بوللىۋودتىكى يىللىق كىرىمى ئەڭ يۇقىرى ۋە يىلدا قويۇلىدىغان كىنو سانى ئەڭ يۇقىرى ئارتىسلارنىڭ بىرى، ئۇنىڭ كىنو ئىشلەش ۋە رول ئېلىشقا نىسبەتەن ھەقىقەتەن ئوت كۈيەر ناھايىتى ئالدىراش بىر ئارتىس، مەستانىلەر ھەر دائىم ئاكشاي كۇمارنى ۋاقتىدا دەم ئېلىشقا دىققەت قىلىپ سالامەتلىكىنى ئاسراشلىقىنى ئەسكەرتىپ تۇرىدۇ، ئۇ 2010~2000 يىللىرىغىچە كومېدىيەلىك كىنولاردا كۆپرەك رول ئالغان، لېكىن كۆپ ساندىكى كىنولىرىنىڭ باھاسى نورمال نەتىجىگە ئېرىشكەن، 2020~2010 يىللىرىغىچە رول ئېلىش ئۇسلۇبىغا ئازراق ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ ئالاھىدە خادىم، ساقچى، ھەربىي، كەشپىياتچى، چېلىشچى، سودىگەر قاتارلىق كۆپلىگەن سەرخىل ئوبرازلارنى ياراتقان، ئاكشاي كۇمارنىڭ كىنوچىلىق ھاياتىدىكى باھا نومۇرى 7.0دىن يۇقىرى كىنونىڭ سانى 21گە يەتكەن، تۆۋەندە ئاكشاي كۇمارنىڭ كىنوچىلىق ھاياتىدىكى باھا نومۇرى ئەڭ يۇقىرى 21 كىنونى كۆرۈپ چىقايلى:

1. «ئېزىقتۇرۇش تۇزىقى» (Hera Pheri)
ئېرىشكەن باھا نومۇرى: 8.2
قويۇلغان ۋاقتى: 2000-يىلى

2. «ۋاي ئانامەي!» (!OMG: Oh My God)
ئېرىشكەن باھا نومۇرى: 8.1
قويۇلغان ۋاقتى: 2012-يىلى

3. «قېچىش» (Airlift)
ئېرىشكەن باھا نومۇرى: 8.0
قويۇلغان ۋاقتى: 2016-يىلى

4. «قوزام پىلانى» (Baby)
ئېرىشكەن باھا نومۇرى: 8.0
قويۇلغان ۋاقتى: 2015-يىلى

5. «26 ئالاھىدە بۇلاڭچى» (Special Chabbis)
ئېرىشكەن باھا نومۇرى: 8.0
قويۇلغان ۋاقتى: 2013-يىلى

6. «ھىندىستانلىق شېرىك» (Padman)
ئېرىشكەن باھا نومۇرى: 7.9
قويۇلغان ۋاقتى: 2018-يىلى

7. «كېسارى» (Kesari)
ئېرىشكەن باھا نومۇرى: 7.4
قويۇلغان ۋاقتى: 2019-يىلى

8. «كۆز» (Aankhen)
ئېرىشكەن باھا نومۇرى: 7.4
قويۇلغان ۋاقتى: 2002-يىلى

9. «بىر تۇتاش ھەرىكەت» (Khakee)
ئېرىشكەن باھا نومۇرى: 7.4
قويۇلغان ۋاقتى: 2004-يىلى

10. «ئالتۇن مېدال» (Gold)
ئېرىشكەن باھا نومۇرى: 8.2
قويۇلغان ۋاقتى: 2012-يىلى

11. «سىرلىق ئوردا» (Bhool Bhulaiyaa)
ئېرىشكەن باھا نومۇرى: 7.3
قويۇلغان ۋاقتى: 2007-يىلى

12. «ھەربىيگە دەم ئېلىش يوق» (Holiday: A Soldier Is Never Off Duty)
ئېرىشكەن باھا نومۇرى: 7.2
قويۇلغان ۋاقتى: 2014-يىلى

13. «ھاجەتخانا قەھرىمانى» (Toilet - Ek Prem Katha)
ئېرىشكەن باھا نومۇرى: 7.2
قويۇلغان ۋاقتى: 2017-يىلى

14. «قانۇن سېپىدىكى يېڭىياچى 2» (Jolly LLB 2)
ئېرىشكەن باھا نومۇرى: 7.2
قويۇلغان ۋاقتى: 2017-يىلى

15. «تۆت قېرىنداش» (Khiladi)
ئېرىشكەن باھا نومۇرى: 7.2
قويۇلغان ۋاقتى: 1992-يىلى

16. «ئۈچ پاي ئوقنىڭ سىرى» (Rustom)
ئېرىشكەن باھا نومۇرى: 7.1
قويۇلغان ۋاقتى: 2016-يىلى

17. «گاببار قايتىپ كەلدى» (Gabbar Is Back)
ئېرىشكەن باھا نومۇرى: 7.1
قويۇلغان ۋاقتى: 2015-يىلى

18. «ياخشىمۇ سىز! لوندون» (Namastey London)
ئېرىشكەن باھا نومۇرى: 7.1
قويۇلغان ۋاقتى: 2007-يىلى

19. «ئېزىقتۇرۇش تۇزىقى 2» (Phir Hera Pheri)
ئېرىشكەن باھا نومۇرى: 7.1
قويۇلغان ۋاقتى: 2006-يىلى

20. «ياخشى كۈيئوغۇل» (Welcome)
ئېرىشكەن باھا نومۇرى: 2007-يىلى
قويۇلغان ۋاقتى: 7.0 نومۇر

21. «چوڭ سۇيىقەستچى» (Mohra)
ئېرىشكەن باھا نومۇرى: 7.0
قويۇلغان ۋاقتى: 1994
ئاكشاي كۇمار مەزكۇر كىنودا نەسىرۇددىن شاھ، سۇنىل شېتتي، راۋېنا تاندون ۋە پارېش راۋال قاتارلىق ئارتىسلار بىلەن ھەمكارلاشقان، مەزكۇر كىنو ئاكشاي كۇمارنىڭ كىلاسسىك ھەرىكەتلىك كىنوسى، ئاكشاي كۇمار رول ئالغان رازۋېدچىك ئامار ساكسېنا ئوبرازىمۇ ناھايىتى ئالقىشلانغان.