ئېمران ھاشىمى: سۆيۈشۈش كۆرۈنۈشلىرىدىن جاق تويدۇم، كۆڭلۈم ئېلىشىدۇ

ئېمران ھاشىمى بوللىۋودنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ئارتىسلىرىنىڭ بىرى، كىنو ساھەسىگە كىرگىلى 18 يىل بولدى، ئەگەر ئېمران ھاشىنى رول ئالغان ھەر بىر كىنودا ئوخشاش دېگۈدەك بىر ئىش بار دېيىلسە، ئۇ دەل دادىللىق بىلەن سۆيۈشۈش كۆرۈنۈشى.

ئۇنىڭ كىنوچىلىق ساھەسىدە «زەنجىرسىمان سۆيۈشكۈچى» دەپ نامى بار، ئۇنى سۆيۈشۈش كۆرۈنۈشىنى ھەقىقىي ئوتتۇرىغا قويغۇچى ۋە راۋاجلاندۇرغۇچى دېيىشكە مۇۋاپىق، ئۇنىڭ بۇ شانلىق «تاج»ىنى ھېچكىم تارتىۋالالمايدۇ.

ئېمران رول ئالغان كۆپىنچە كىنولىرىدا سۆيۈشۈش كۆرۈنۈشلىرى بار، ئايال باش پېرسوناژلارنى سۆيگەن، ھەتتا بۇ سۆيۈشۈش كۆرۈنۈشلىرى راۋاجلىنىپ…. بەزىبىر «نەس باسقۇر» ئاقىۋەتلەرنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئۇ ئىلگىرى سەمىمىيلىك بىلەن ئېتىراپ قىلىپ بىر ئايال ئارتىس بىلەن «ئەتىگەنلىك نەپەسنىڭ كىلاسسىك دېلولىرى» يۈز بەرگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان.

كىنو ئىشلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ ئېمران ھاشىمى «كىنولاردىكى ئايال پېرسوناژلارنى سۆيگۈچى قەھرىمان» دېگەن بۇ «ماركا»نىڭ ئۆزىگە ئۇزاق مۇددەت چاپلىشىپ يۈرىشىدىن ناھايىتى بىزار بولدى.

ئېمران ھاشىمىنىڭ «مەجبۇرىي» ھالدا سۈرەتكە ئالغان يېڭى كىنوسى قويۇلىۋاتىدۇ، ئۇنىڭ بۇنداق كىنولاردا رول ئېلىشىدىكى سەۋەب شۇكى، ئۇ ھىندىستاندىكى ئاشۇنداق روللارنىڭ «ئوبراز ئەلچىسى»!

ئېمران ھاشىمى زىيارەت قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «كىنوچىلىق ھاياتىمدىكى ئالدىنقى 10 يىلدا ئىزچىل مۇشۇنداق كىنولاردا رول ئالدىم، <ئازابلىق> يېرى شۇكى مەن ئۆزۈم قىلدىم، بۇ ۋەكىل خاراكتېرلىك <بەلگە> ئۆزۈمگە ئۆزۈم سوۋغا قىلغان بىر يۇمۇر بولدى، لېكىن بۇ يۇمۇر كېيىن ئاخبارات ۋاستىلىرىدا <پارتلاپ> كەتتى، ھەر خىل تارقىتىش ۋاستىلىرى ئارقا-ئارقىدىن ئۈزۈلدۈرمەي ھەر خىل يازما ۋە خەۋەرلەرنى قىلىشقا باشلىدى، لېكىن ئوبزورچىلارنى ئىنكاسلىرى بۇ خەۋەرلەرنى پۈتۈنلەي بېسىقتۇردى، ئەمەلىيەتتە بۇ بىر ئىلغار ئىش-ئىزلار ھېسابلىنىدۇ، چۈنكى سىز جىنسىي ھەۋەسنىڭ ئېكراندا تەسۋىرلىنىشى سەۋەبلىك مەلۇم بىر دۆلەتكە مەپتۇن بولۇپ قالىسىز. ئېسىمدە قېلىشىچە ئەينى ۋاقىتتا 2003-يىلىدىن باشلىغان، ئەمەلىيەتتە ئەينى يىلىدىكى كۆرۈنۈش ئەر پېسوناژنىڭ ئايال باش پېرسوناژنى سۆيۈشى «ئەھھە» دەپ بولغىچە ئۆتۈپ كېتىدىغان دەقىقە ئىدى، لېكىن بۇ <ئەر باش پېرسوناژ بارلىق ئايال قەھرىمانلارنى ھەممىنى سۆيىدۇ> دەپ قىزىق پاراڭ تېمىسىغا ئايلىنىپ قالدى.»

ئۇ يەنە تولۇقلاپ مۇنداق دېدى: «لېكىن ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، مەن مۇنداق بىر نۇقتىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتىم، يەنى بۇ ئىشتىن ئاللىقاچان بىزار بولدۇم ۋە ھاردىم، چۈنكى ماڭا بۇ ئىشلار «شۇ مۇھىتقا ھەقىقىي بارغاندەك» تۇيغۇ ئاتا قىلاتتى، لېكىن مەن لېق تويۇنۇش نۇقتىسىغا يەتتىم، يەنە كېلىپ بۇ كىنولارنىڭ بېلەت كىرىمىمۇ ناھايىتى ياخشى بولدى، مېنىڭ ھېس قىلىشىمچە تېنىمدىكى يەنە باشقا بىر <ئارتىس> تېخىمۇ كۆپ بولۇشنى ئارزۇلايدۇ، مەن ئۆزۈم بىر پىشىپ يېتىلىۋاتقان ئارتىس، مەن بۇنداق سېنارىيەلەرنى ناھايىتى ئامالسىز تاللايمەن، لېكىن چوقۇم تاللىمىسام بولمايدۇ، چۈنكى بۇ قىلمىشىمنىڭ كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمى ۋە پايدىسى بولاتتى، بىزنىڭ كەسپىمىزدە ھەممەيلەننىڭ ئېرىشىشنى خالايدىغىنى دەل بىر <كۆپەيتىش ماشىنىسى>، ئەمما مەن ھېچقانداق ئىجادىي قانائەت، مۇۋەپپەقىيەت ۋە رېئاللىققا ئېرىشەلمىدىم.»

بۇ ئارتىسمۇ ئاجايىپ قىزىقكەن، 10 نەچچە يىلدىن بۇيان ئۇياقتىن بىر بۇياقتىن بىر سۆيۈپ، قىلىدىغاننى قىلىۋېلىپ، بوللىۋودتىكى كۆپ قىسىم ئايال ئارتىسلارنىڭ تەمىنى تېتىۋېلىپ، ياشايدىغاننى ياشاپ، سۆيۈدىغاننى سۆيۈۋېلىپ، ئەمدىلىكتە ئارمانسىز دەرمانسىز يېشى 50دىن ئاشقاندا ۋاي ئانامەي تويدۇمەي، زېرىكتىم، ھاردىم، كۆڭلۈم ئېلىشىدۇيەي دەپ يۈرۈيدىغان. ئۇنىڭ ئورنىدا سىز بولسىڭىزمۇ قىلىدىغاننىڭ ھەممىنى قىلىپ بولغاندا ئەمدى توختاي دەيسىزدە ئەلۋەتتە!

يېقىندا رۇمى جافرى رېژىسسورلۇق قىلغان، ئامىتاب باچچان بىلەن ئېمران ھاشىمى باش رول ئالغان كىنو «چىراي» (Chehre) قىزغىن قويۇلىۋاتىدۇ.

«مەن شۇنى ھېس قىلدىمكى: مەن زېرىكتىم، مەن ھاردىم»-ئېمران ھاشىمى.

发布日期:
分类:تاماشا

发表评论

您的电子邮箱地址不会被公开。 必填项已用*标注