قويۇلغىلى ئۇزۇن بولمايلا كۆرۈلۈشى شىددەت بىلەن ئېشىۋاتقان ياپونىيە كارتونى «توكيو قىساسكارلىرى» (东京复仇者)دا كۆپلىگەن ئالاھىدە پېرسوناژلار بار. بىز بۈگۈن بارلىق دۈشمەنلىرىنى پەقەت بىر پەشۋا ئارقىلىقلا مەغلۇپ قىلىدىغان تەڭداشسىز مايكى بىلەن تەڭ ئورۇندا تۇرالايدىغان رەقىبلىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى.

ﺋﯩﺴﻤﻰ: كۇروكاۋا ئىزانا (黑川伊佐那)
ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﻛﯜﻧﻰ: 1987-ﻳﯩﻠﻰ 8-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 30-ﻛﯜﻧﻰ
ﺑﻮﻱ ﺋﯧﮕﯩﺰﻟﯩﻜﻰ: 165 ﺳﺎﻧﺘﯩﻤﯧﺘﯩﺮ
ﺋﯧﻐﯩﺮﻟﯩﻘﻰ: 58 ﻛﯩﻠﻮﮔﺮﺍﻡ
ﻗﺎﻥ ﺗﯩﭙﻰ: ﺗﯩﭙﻠﯩﻖ
ياقتۇرىدىغان ﻣﻮﺗﺴﯩﻜﻠﯩﺘﻰ: CBR400F
ﺳﺎﻻﮪﯩﻴﯩﺘﻰ: قارا ئەجدىھا گۇرۇھىنىڭ سەككىزىنچى ئەۋلاد ئاتامانى، تېنجىكۈ گۇرۇھىنىڭ قۇرغۇچىسى

ئىزانا ئېما (艾玛)نىڭ ئۆز ئاكىسى ۋە مايكى (mikey)نىڭ ئاتا بىر ئانا باشقا ئاكىسى دەپ قارالغان بولسىمۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە ھېچقانداق قانداشلىقى يوق. شۇڭا ئۆز سىڭلىسى دەپ ئاتالغان ئېمانى ئۆلتۈرۈشكە قارشى چىقمايدۇ. ئىزانا كىچىك ۋاقتىدا پاراۋانلىق ئورنىغا ئاپىرىۋېتىلگەن، پەقەت شىنئىچىرو (真一郎)لا ئۇنى يوقلاپ تۇرىدۇ، شۇ سەۋەبتىن ئىزانا شىنئىچىرونى ناھايىتى ھۆرمەتلەيدۇ. 13 يېشىدا ئۆسمۈرلەر ساناتورىيەسىگە كىرىپ، توكيو مانجىكاي بەشىنچى ئەترەت باشلىقى مۇتو (武藤) قاتارلىق كىشىلەر بىلەن تونۇشقان، ئۇلار ئەينى ۋاقىتتا «S62 دەۋر»نىڭ كىشىلىرى دەپ نام چىقارغان. ئۇنىڭ شىنئىچىروغا يازغان خېتىدىن مايكىغا ئىنتايىن ئۆچلىكى چىقىپلا تۇرىدۇ. ئۆسمۈرلەر ساناتورىيەسىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، قارا ئەجدىھا گۇرۇھىنىڭ سەككىزىنچى ئەۋلاد ئاتامانى بولغان، ئۇنىڭ باشلامچىلىقىدىكى قارا ئەجدىھا گۇرۇھى ئىنتايىن رەزىل تەشكىلاتقا ئايلانغان. كېيىن تېنجىكۈ (天竺) ناملىق گۇرۇھنى قۇرۇپ چىقىپ توكيو مانجىكاي گۇرۇھى بىلەن ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىدۇ، ھەتتا تەڭداشسىز دەپ ئاتالغان مايكىنى قېيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ.

كاكۇچو (鹤蝶) خۇددى مايكى بىلەن دراكېنغا ئوخشاش ئىزانانىڭ ئەڭ ئىشىنىدىغان ئادىمى، كىچىكىدە تاكېمىچى بىلەن بىللە ئويناپ چوڭ بولغان، تاكېمىچى بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغاندىن كېيىن ئىزانا بىلەن تونۇشۇپ ئىزچىل تۈردە كۈچلىنىپ ماڭغان. ئەمەلىي كۈچى دراكېن بىلەن تەڭ ئورۇندا، تېنجىكۈ گۇرۇھىدىكى ئىزانادىن قالسىلا ئەڭ كۈچلۈك ئادەم.

ھايتانى ئاكا-ئۇكىلارمۇ ئىزانانىڭ ئادىمى، ئەمەلىي كۈچى كۈچلۈك، لېكىن توكيو مانجىكاي تۆتىنچى ئەترەت مۇئاۋىن باشلىقى ئانگرى (angry)نىڭ ھەقىقىي كۈچى ئويغىنىپ تېنجىكۈ گۇرۇھىدىكى تۆت ئەترەت باشلىقىنىڭ ھەر بىرىنى بىر مۇشت ئارقىلىقلا مەغلۇپ قىلىدۇ.