
ماۋ شياۋتوڭ(毛晓彤)، ئۇ 1988-يىلى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى تيەنجىندا تۇغۇلغان، تاماشا ساھەسىدىكى ئالقىشلىنىۋاتقان ئارتىسلارنىڭ بىرى، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىن «جېن خۇەن ھەققىدە قىسسە» (甄嬛传)، «ئىستىداتلىق ئايال ۋېيياڭ» (锦绣未央)، «30 ياش خالاس» (三十而已) قاتارلىق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ۋە ياخشى باھالىرىغا ئېرىشىش بىلەن بىرگە، ياخشى كۆرۈلۈش نىسبىتى ياراتقان. 9-ئاينىڭ 5-كۈنى ماۋ شياۋتوڭ ئۆزىنىڭ مىكرو بىلوگىدا ھازىر تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشىپ قويۇلىۋاتقان تېلېۋىزىيە تىياتىرى «چياۋ ئائىلىسىنىڭ پەرزەنتلىرى» (乔家的儿女)دىكى ئوبرازى بىلەن چۈشكەن يېڭى سۈرەتلىرىنى ھەمبەھىرلىگەن بولۇپ، بۇ سۈرەتلەر تورداشلارنىڭ قىزغىن مۇلاھىزىسىنى قوزغىغان، تۆۋەندە بىرلىكتە ئۇنىڭ بۇ سۈرەتلىرىنى كۆرۈپ چىقايلى:













