«ئەجدىھا جەمەتى»نىڭ سۈرەتكە ئېلىش مەيدانىدىكى كۆرۈنۈشلەر

تارىخىي داستان دەرىجىلىك ئامېرىكا تىياتىرى «ھوقۇق ئويۇنى» (权力的游戏)نىڭ تۇغۇندى تىياتىرى «ئەجدىھا جەمەتى» (龙之家族) نۆۋەتتە جىددىي سۈرەتكە ئېلىنىۋاتىدۇ. يېقىندا «ئەجدىھا جەمەتى»نىڭ سۈرەتكە ئېلىش مەيدانىدىكى كۆرۈنۈشلەر ئاشكارىلىنىپ تورداشلارنىڭ قىزغىن مۇنازىرىسىنى قوزغىدى.

«ئەجدىھا جەمەتى» جورجى R. R مارتىننىڭ 2019-يىلى نەشردىن چىققان «قان ۋە ئوت: تارگارىيان شاھلىقىنىڭ تارىخى» (血与火:坦格利安王朝史) ناملىق ھېكايىسىنى ئاساس قىلغان، ۋەقەلىكى «مۇز ۋە ئوت ناخشىسى» (冰与火之歌) ناملىق يۈرۈشلۈك رومان ۋەقەلىكى باشلىنىشتىن 300 يىل بۇرۇن يۈز بەرگەن. تىياتىردا تۆمۈر شاھلىق ئورنىنىڭ قۇرغۇچىسى، رىۋايەتتىكى ئەجدىھا شاھى ئېگوننى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، تارگارىيان شاھلىقىنىڭ تارىختىكى پادىشاھلىرىنىڭ گۈللىنىش ۋە خارابلىشىش تارىخى بايان قىلىنغان.

«ئەجدىھا جەمەتى»نى رەسمىي سۈرەتكە ئېلىش باشلىنىشى بىلەنلا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى ۋە ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى. بۇ تىياتىر ۋاقتىنچە 2022-يىلى HBO Max تورىدا قويۇلۇشقا بېكىتىلدى.

«ئوت ۋە قان» رومانىنىڭ بىر پۈتۈن ئۇسلۇبى تارىخىي رومان يۆنىلىشىدىن چەتنەپ كەتكەن، شۇڭا مەزمۇنىنىڭ «ھوقۇق ئويۇنى» بىلەن ئانچە مۇناسىۋىتى يوق، لېكىن روماندا كۆپلىگەن ۋەھىمىلىك، ھاياجانلىق ۋە قايناق ھېسسىياتقا تولغان ۋەقەلىكلەر بار.

«ھوقۇق ئويۇنى»نىڭ تۇغۇندى تىياتىرى بولغان «ئەجدىھا جەمەتى»نىڭ سۈرەتكە ئېلىنىشىغا قارىتا كۆپ قىسىم تورداشلار تەقەززا بولغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە بۇ تىياتىرنىڭ «ھوقۇق ئويۇنى» بىلەن بەك كۆپ پەرقلىنىپ كەتمەسلىكىنى ئۈمىد قىلدى، يەنە بەزى تورداشلار ئورگان تەرەپنىڭ «ھوقۇق ئويۇنى»نىڭ 8-بۆلۈمىنى قايتا سۈرەتكە ئېلىش-ئالماسلىقنى بىلمەكچى بولدى.

«ھوقۇق ئويۇنى»نىڭ 8-بۆلۈمىدە ئاريانىڭ تۈن شاھىنى بىر پىچاق بىلەنلا ئۆلتۈرۋەتكەنلىكى، جون سىنوۋنىڭ ئەجدىھا ئانىنى ئۆلتۈرگەنلىكى كىشىگە تاسادىپىيلىق ھېس قىلدۇرىدۇ. شۇ سەۋەبلىك مەستانىلەر بىر مەھەل «8-بۆلۈمنى قايتا سۈرەتكە ئېلىش» تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

بۇ تىياتىرنىڭ ئارتىسلار سېپى «ھوقۇق ئويۇنى»غا پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ، يېڭى ئارتىسلار سېپى چوقۇم تاماشىبىنلارغا باشقىچە خۇشاللىق ئېلىپ كېلىدۇ.

发布日期:
分类:تاماشا

发表评论

您的电子邮箱地址不会被公开。 必填项已用*标注