ۋولكسۋاگېن CCنىڭ 30 يىللىق خاتىرە نۇسخىسى بازارغا سېلىندى

‌بۇ يىل 5-ئاينىڭ 21-كۈنى يىچى ئاپتوموبىل گۇرۇھى ۋولكسۋاگېن پاي چەكلىك شىركىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 30 يىللىق خاتىرە كۈنى. شۇڭا يېقىندىن بۇيان يىچى ئاپتوموبىل گۇرۇھى ۋولكسۋاگېن ئاپتوموبىل شىركىتى قارمىقىدىكى ۋولكسۋاگېن CC، بورا، گولف، MAGOTAN قاتارلىق كۆپ خىل تىپتىكى ئاپتوموبىللىرىنىڭ 30 يىللىق خاتىرە نۇسخىسىنى بازارغا سالغان بولۇپ، ۋولكسۋاگېن CCنىڭ 30 يىللىق خاتىرە نۇسخىسىنىڭ سېتىلىش باھاسى 267 مىڭ 300 يۈەن ئىكەن.

ۋولكسۋاگېن CCنىڭ 30 يىللىق خاتىرە نۇسخىسىنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى ھازىرقى ئاپتوموبىل تىپى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، ئالدى يۈزىگە چوڭ رازمېرلىق خۇرۇم يالىتىلغان ھاۋا كىرىش سالاسۇنى ئىشلىتىلگەن. ئىككى تەرەپتىكى چوڭ چىراغ گۇرۇپپىسى، سالاسۇن بىلەن تۇتاشتۇرۇلغان.

ئاپتوموبىلنىڭ يان تەرىپى يەنىلا سىيرىلما شەكىللىك بولۇپ، سىپورت تۇيغۇسى كۈچلۈك.

قۇيرۇق قىسمىغا كۆتۈرۈلمە شەكىللىك لايىھە قوللىنىلغان بولۇپ، ئارقا كوزۇپنىڭ ئۈستى قىسمىغا قارا رەڭلىك كىچىك رازمېرلىق ھاۋا ئېقىمىنى تەڭشەش تاختىسى لايىھەلەنگەن. ئاستىنقى ئىككى تەرەپكە ئىككىدىن جەمئىي تۆت دانە گاز چىقىرىش تۇرۇبىسى ئىشلىتىلىپ، مودا ھەم سىپورت پۇرىقى ئالاھىدە گەۋدىلەنگەن.

ۋولكسۋاگېن CC ئاپتوموبىلى 30 يىللىق خاتىرە نۇسخىسىنىڭ ئىچكى بېزىكىگە يەنىلا جەمەت لايىھە ئۇسلۇبى قوللىنىلغان بولۇپ، ئاپتوموبىلغا ئۈچ بۆلەكلىك كۆپ ئىقتىدارلىق رول، تولۇق سۇيۇق كىرىستاللىق پىرىبور تاختىسى، ئىچىگە ئورنىتىلغان مەركىزىي كونترول ئېكرانى ۋە مېخانىكىلىق خوت سەپلەنگەن، ئومۇمىي لايىھە يەنىلا ناھايىتى كەڭتاشا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ جەھەتتە، يېڭى ئاپتوموبىلغا يۇقىرى قۇۋۋەتلىك 2.0T SI موتورى سەپلەنگەن بولۇپ، ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى 218 ئات كۈچى، ئەڭ چوڭ تولغىنىش مومېنتى 350 مېتىرغا يېتىدۇ. ھەرىكەت ئۇزىتىش سىستېمىسىغا بولسا يەتتە خوتلۇق قوش مۇفتىلىق سۈرئەت ئۆزگەرتكۈچ ماسلاشتۇرۇلغان.

发表评论

您的电子邮箱地址不会被公开。 必填项已用*标注