مەھەللىمىزگە بىر ئائىلە كىشىلىرى كۆچۈپ كەلدى، ئۇلارنى چوڭ قىزى يامان چىرايلىقكەن كاساپەت، ئۇنىڭ بىلەن تونۇشۇپ، دوست بولغۇم كېلىپ بىرەر مۇۋاپىق پەيتنىڭ كېلىشىنى كۈتتۈم.
كېلىشكەنمەن تولۇپ تاشقىچە،
بۈگۈن شوخلۇق مەندە باشقىچە.
ئۇتۇۋالاي كۆڭلىنى ئۇنىڭ،
باشقا يىگىت ئېلىپ قاچقۇچە.
كۈتكەن كۈنمۇ ئاخىرى يېتىپ كەلدى، قىزمۇ ئۆزى چىرايلىق، مىجەزى ئوڭلۇق، ئوچۇق-يورۇق، چىقىشقاق ئىكەن، ئۇنىڭ بىلەن تونۇشۇپ يېقىن دوستلاردىن بولۇپ قالدىم. بىر كۈنى قىز ماڭا تېلېفون ئۇردى.
ـــ بىزنىڭ ئۆيگە كىرىڭە، چوڭلار يوقتى.
ئاھ، مۇشۇ كەمگىچە بىرەر قىزنىڭمۇ قولىنىڭ ئۇچىنىمۇ تۇتۇپ باقمىغانتىم (بۇنداق دېسەم بېلىدىنلام تۇتامدىكىن دەپ قالماڭلار يەنە، ھى، ھى، ھى)، بۇ قىز ئادەمنى خىجىل قىلىپ نېمە دەيدىغاندۇ، دەپ بىردەم قالايمىقان خىيال سۈرۈۋالغاندىن كېيىن سورىدىم.
ـــ بۇنداق قىلساق قاملىشارمۇ، چوڭلار كېلىپ قالسا قانداق قىلىمەن؟
قىز دەرھال جاۋاب بەردى: ـــ ئۇلار كېلىپ قالسا بۇ يىگىت ئۆي تازىلاش شىركىتىدىن كەلدى، پۇل بېرىپ ئۆيدىكى دەرىزە، تورۇسنى سۈرتكۈزۈۋاتىمەن دەيمەن.
ـــ ۋاھ، ماقۇل ھازىرلا باراي!
تېلېفوننى قويۇپلا قىزنىڭ ئۆيىگە يۈگۈردۈم، ئۆيگە كىرىپ ئەمدى پاراڭ باشلاپ تۇرۇشىمىزغا قىزنىڭ ئۆيىدىكىلىرى كىرىپ قالدى.
ـــ بۇ يىگىت ئۆي تازىلاش شىركىتىدىن، دېرىزە، تورۇسنى سۈرتۈشكە چاقىرتقانتىم. ـــ دېدى قىز.
ئۆيىدىكىلەرنىڭ قاراپ تۇرۇشى بىلەن دېرىزە، تورۇسنى سۈرتۈپ پارقىرىتىۋەتتىم.
باشقا بىر كۈنى قىز يەنە مېنى ئۆيىگە تەكلىپ قىلدى، ئۆيگە كىرىپ ئەمدى پۇت-قولۇمنى سوزۇپ تۇرۇشۇمغا، قىزنىڭ ئۆيىدىكىلىرى يەنە كىرىپ قالدى. بۇ قېتىممۇ ئۆي تازىلاش شىركىتىنىڭ خادىمى بولۇپ گىلەم-پالازلارنى يۇيۇۋەتتىم.
تۈنۈگۈن ئىشتىن قايتىپ كېلىۋاتقىچە ئۇلار بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ مەھەللىدىكى تاش ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ پاراڭلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدىم، ئۇلار مېنى كۆرمىدى، ئۇلارنىڭ گەپلىرىنى ئېنىق ئاڭلىدىم.
قىزنىڭ دادىسى: ـــ قىزىم، ئۆينىڭ تاملىرى قارىداپ، مايلىشىپ بەك مەينەت بولۇپ كېتىپتۇ، ھېلىقى دارازا بالىنى چاقىرتىپ يەنە بىر تازىلىتايلى.
ـــ پەردىلەرنىمۇ يۇغۇزايلى! ـــ دېدى قىزنىڭ ئانىسى كۈلۈپ.
قىز: ـــ ماقۇلە، ئەتە يەنە تەكلىپ قىلاي، سىلەر يەنە تۇيۇقسىز كىرىپ قالغان بولۇڭلار...
ئاپلا، ساھىبجامالنىڭ ھىيلىسىگە ئالدىنىپتىمەن ئەمەسمۇ، نېمە ھەر قېتىم تۇيۇقسىز كىرىپ قالىدىكىن دەيمىنا …