ئۈچ ئەرۋاھنىڭ كەچۈرمىشلىرى (يۇمۇر)

بىر كۈنى ئۈچ ئەرۋاھ كەچۈرمىشلىرى توغرىلىق پاراڭلىشىپ قاپتۇ.

-ھايات ۋاقتىمدا،-دەپ سۆز باشلاپتۇ بىرىنچى ئەرۋاھ.

-تازىلىق ئىشچىسى ئىدىم، خىزمىتىم ھەقىقەتەن جاپالىق ئىدى، بىر كۈنى 30 نەچچە قەۋەتلىك بىر بىنانىڭ ئۈستىدە تازىلىق قىلىۋاتاتتىم ئېھتىياتسىزلىقتىن تېيىلىپ كەتتىم، «ئۆلۈپ كېتىدىغان بولدۇم» دەپ ئويلىدىم، قولۇم تۇيۇقسىز 13-قەۋەتنىڭ بالكونىغا ئىلىنىپ قالدى. «ھايات قالىدىغان بولدۇم» دەپ خۇشال بولۇپ تۇرۇشۇمغا بىرەيلەن قولۇمغا ئۇرۇۋەتتى، بەختىمگە يارىشا پەستىكى چېدىرنىڭ ئۈستىگىلا چۈشتۈم، بىراق ئەمدى ئورنۇمدىن تۇراي دېيىشىمگە ئۈستۈمگە بىر توڭلاتقۇ چۈشۈپ جىنىمدىن جۇدا بولدۇم.

-بىر ئىدارىدە ئىشلەيتتىم،-دەپ سۆز باشلاپتۇ ئىككىنچى ئەرۋاھ،-تۇرمۇشۇم ھەر ھالدا ياخشى ئۆتەتتى، ئايالىممۇ ناھايىتى چىرايلىق ئىدى، لېكىن ئۇنىڭ ئىستىلىدىن گۇمان قىلاتتىم، ئۆزۈمنىڭمۇ ئازراق يۈرەك كېسىلىم بولىدىغان. بىر كۈنى ئۆيگە كىرىپ ئايالىمنىڭ چۇۋۇقلۇق چېچىنى كۆرۈپ ئاچچىقىمدا ھەممە يەرنى ئاختۇردۇم، بىراق ھېچبىر ئەر زاتىنى تاپالمىدىم، ئاخىرى بالكونغا چىقتىم، بالكوندا چىڭ ئېسىلىۋالغان قولنى كۆردۈم-دە ئۇرۇپلا پەسكە چۈشۈرۈۋەتتىم، قارىسام ئۇ نەق چېدىرنىڭ ئۈستىگىلا چۈشۈپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۆلمەي قالمىسۇن دەپ ئۈستىگە توڭلاتقۇنى تاشلىدىم، بەك ھاياجانلىنىپ كەتكەچكىمۇ كېسىلىم قوزغىلىپ ئۆلۈپ قالدىم.

ئۈچىنچى ئەرۋاھ ئۇلارغا بىر قاراپ قويۇپ بايان قىلىپتۇ:

-گەرچە ھايات ۋاقتىمدا بىر بىكار تەلەپ بولساممۇ ناتوغرا ئىشلاردىن يىراق ئىدىم، بىر كۈنى ئاشنامنىڭ ئۆيىگە باردىم، ئۇزاق ئۆتمەيلا ئۇنىڭ ئېرى كېلىپ قالدى، دەماللىققا يوشۇرۇنغىدەك جاي تاپالمىدىم، ھېلىمۇ ياخشى ئۇلارنىڭ توڭلاتقۇسى خېلى چوڭ ئىكەن شۇنىڭغىلا كىرىۋالدىم. ھەيرانمەن ئۇنىڭ ئېرى توڭلاتقۇدا ئىكەنلىكىمنى قانداق بىلىۋالدىكىن، 13-قەۋەتتىن توڭلاتقۇنى تاشلىۋەتتى...

发布日期:
分类:يۇمۇر

发表评论

您的电子邮箱地址不会被公开。 必填项已用*标注