كادىلاك LYRIQ ئاپتوموبىلى بۇ يىل ئاخىرىدا تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىدۇ

يېقىندا، كادىلاك LYRIQ ئاپتوموبىلىنىڭ تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلغان نۇسخىسى ئامېرىكىدا رەسمىي بازارغا سېلىندى. تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، كادىلاك قارمىقىدىكى بۇ ساپ توكلۇق ئوتتۇرھال تىپلىق SUVنىڭ باھاسى 58 مىڭ 785 دوللار بولۇپ، خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا تەخمىنەن 381 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا ئىكەن.

خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ ئاپتوموبىل ئۇزۇنغا قالماي دۆلىتىمىزدە تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىدىغان بولۇپ، شاڭخەي ئاپتوموبىل گۇرۇھى ھەممىباب شىركىتى (上汽通用) ئىشلەپچىقىرىشنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدىكەن.

كادىلاك قارمىقىدىكى بۇ ساپ توكلۇق SUV ھەرگىزمۇ ئاددىي ھالدىكى «ماي يېقىلغۇلۇق ئاپتوموبىلنىڭ موتور قىسمىنىلا ئۆزگەرتىپ توكلۇق ئاپتوموبىلغا ئۆزگەرتىلگەن» ئاپتوموبىل بولماستىن، بەلكى ھەقىقىي ساپ توكلۇق ئاپتوموبىل لايىھەسى قوللىنىلغان SUV ئاپتوموبىلى ھېسابلىنىدۇ. بېنىز، BMW، مازدا، ۋولۋو، خوندا قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ماركىلارنىڭ ھەممىسى «ماي يېقىلغۇلۇق ئاپتوموبىلنىڭ موتور قىسمىنىلا ئۆزگەرتىپ توكلۇق ئاپتوموبىلغا ئۆزگەرتىلگەن» توكلۇق ئاپتوموبىللارنى بازارغا سالغان، لېكىن كادىلاك بۇ ئاپتوموبىلغا پۈتۈنلەي يېڭى بولغان توكلۇق ئاپتوموبىل لايىھەسى قوللانغان.

تاشقى كۆرۈنۈش جەھەتتە، يېڭى ئاپتوموبىلغا پەرق ئېتىشچانلىقى ناھايىتى ياخشى بولغان LED چوڭ چىراغ لايىھەسى قوللىنىلغان بولۇپ، چوڭ چىراغ گۇرۇپپىسى تۇمان چىرىغى رايونىغىچە كېسىپ ئۆتىدۇ. ئوتتۇرا تور زىچ گۈگۈسۈنسىمان كىچىك چىراغدىن پايدىلىنىپ كۆرۈش سېزىمى ناھايىتى چىرايلىق بولغان ئوتتۇرا تورنى شەكىللەندۈرگەن ھەمدە ئوتتۇرىسى كاربون تالالىق تاختىدا بېزەلگەن،شۇنداقلا ئوتتۇرىسىغا كادىلاكنىڭ يېڭى ئاپتوموبىل بەلگىسى چۈشۈرۈلگەن.

ئاپتوموبىلنىڭ قۇيرۇق قىسمىغا كادىلاكنىڭ ئەڭ يېڭى لايىھە تىلى قوللىنىلغان بولۇپ، قۇيرۇق قىسىمىدا سىممېتىرىك «L ھەرپى» شەكلىدىكى قۇيرۇق چىرىغى ساقلىنىپ قېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، قۇيرۇق چىرىغى ئارقا شامال توسۇش ئەينىكىنىڭ ئىككى تەرىپىگىچە سوزۇلغان بولۇپ ئاستى تەرىپىدىكى ئىككى دانە دائىرە چىرىغىنىڭ لايىھە ئۇسلۇبى قۇيرۇق چىراغ ئۇسلۇبىغا ماسلاشتۇرۇلغان. ئاپتوموبىلنىڭ قۇيرۇق قىسىمى لايىھەسىنى ھازىرقى ساپ توكلۇق ئوتتۇرھال تىپتىكى SUV ئاپتوموبىللار ئىچىدە لايىھەسى ئەڭ قالتىس ئاپتوموبىل دېيىشكە بولىدۇ.

ئىچكى بېزىكى جەھەتتە، يېڭى ئاپتوموبىلغا پۈتۈنلەي يۇمىلاق كۆپ ئىقتىدارلىق ئۈچ شادىلىق رول سەپلەنگەن، پىرىبور تاختا ئېكرانى بىلەن مەركىزىي كونترول ئېكرانى بىر گەۋدىلەشكەن 33 دىيۇملۇق ئەگرى يۈزلۈك چوڭ ئېكران قىلىپ لايىھەلەنگەن. مەركىزىي كونترول ئېكراننىڭ ئاستى تەرىپىدە سېزىمچان كۇنۇپكا لايىھەسى قوللىنىلغان بولۇپ، پۈتۈن ئاپتوموبىلنىڭ ئىچكى بېزەك لايىھەسى ئۇسلۇبىدا كۈچلۈك كەلگۈسى تۇيغۇسى ۋە پەن-تېخنىكا تۇيغۇسى گەۋدىلەنگەن.

ئۇنىڭدىن باشقا خوت دەستىسى رايونىغا ئېلېكتىرونلۇق بۇرىما شەكىللىك خوت دەستىسى، ئىككى مۇستەقىل ئىستاكان جازىسى لايىھەلەنگەن. ئېلېكتىرونلۇق بۇرىما شەكىللىك خوت دەستىسى لايىھەسى قوللىنىلغاچقا، خوت ئورنىنىڭ ئاستى تەرىپىدىكى نەرسە-كېرەك ساقلاش بوشلۇقى بىرقەدەر چوڭ.

بۇ ئاپتوموبىلغا بىرقانچە مۇستەقىل ياڭراتقۇ سەپلەنگەن ھەمدە ئارقا رەتتىمۇ مۇستەقىل ھاۋا تەڭشىگۈچ شامال چىقىش ئېغىزى بار. سۈرەتتىن قارىغاندا ئورۇندۇقنىڭ لايىھەلىنىشى بىر قەدەر قېلىن ھەم ئادەم بەدىنى قۇرۇلۇش ئىلىمىگە ناھايىتى ماس كېلىدۇ.

يېڭى ئاپتوموبىلغا پۈتۈن كۆرۈنۈشلۈك تۈڭلۈك لايىھەسى قوللىنىلغان. ئەڭ مۇھىم بىر نۇقتا شۇكى، ئىچكى بېزىكى ئاق رەڭلىك بېزەكنى ئاساس قىلغان بولۇپ، سۈپەت تۇيغۇسى ناھايىتى كۈچلۈك. ئارقا ئىشىكىگە ئىككى كىچىك ئۈستەل سەپلەنگەن بولۇپ، راھەتلىكى ۋە ئەمەلىي قوللىنىشچانلىققا ناھايىتى ياخشى.

ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ جەھەتتە، يېڭى ئاپتوموبىلغا ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى 255kW، ئەڭ چوڭ تولغىنىش مومېنتى 440 نىيۇتون مېتىر بولغان ئېلېكتىر موتور سەپلىنىدىكەن.

باتارېيە جەھەتتە، يېڭى ئاپتوموبىلغا 100kWhلىق، ئۇدا يۈرۈش مۇساپىسى 483 كىلومېتىرغا يېتىدىغان باتارېيە گۇرۇپپىسى سەپلىنىدىكەن.بۇنىڭدىن باشقا، يەنە ئارقا چاق قوزغىتىش ۋە تۆت قوزغىتىش ئىككى خىل قوزغىتىش شەكلى بىلەن تەمىنلەيدىكەن. 190 كىلوۋاتلىق تۇراقلىق توكتا 10 مىنۇت توك قاچىلىسا تەخمىنەن 122 كىلومېتىر يول يۈرەلەيدىكەن.

بۇ ئاپتوموبىلنىڭ ئاساسلىق رىقابەتچىلىرى بېنىز EQC، تېسلا Model Y ۋە BMW ix3 بولۇپ، ئەڭ يېڭى لايىھە تىلى قوللىنىلغان ۋە باھاسى مۇۋاپىق بۇ SUVنى ھەر قايسى جەھەتلەردە «رىقابەتچىلىرىگە ئۇتتۇرۇپ قويمايدۇ» دېيىشكە بولىدۇ.

发表评论

您的电子邮箱地址不会被公开。 必填项已用*标注