
ياخشى بەدەن چەكمىسى خۇددى بىر سەنئەت بۇيۇمىغا ئوخشايدۇ. ئۇ سىز ئۈچۈن چوڭقۇر مەنا ۋە ھېكايىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن، سىز ئۈچۈن ھەرگىزمۇ ئادەتتىكى نەرسە ئەمەس. كۆپىنچە كىشىلەر گۈزەللىكتىن زوقلىنىش سەۋەبىدىن ھەرخىل مېۋە-چېۋە، گۈل-گىياھ ياكى ھايۋاناتلارنى بەدەن چەكمىسى قىلىۋالىدۇ، بەزىدە سۆيگەن يارىنىڭ ئىسمىنى بەدىنىگە چېكىۋالىدۇ، بۇ مۇھەببەتنىڭ سىمۋولى ھېسابلىنىدۇ، نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزىنىڭ بەدىنىگە بىراۋنىڭ ئىسمىنى چېكىۋېلىشنى ئويلىسىلا بىئاراملىق ھېس قىلىدۇ، ئۇلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا بۇ بىر چوڭ ۋەدە. ھالبۇكى بوللىۋودتىكى بەزى داڭلىق چولپانلار خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، ھەمراھلىرىنىڭ ئىسمىنى مۇھەببەتنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە بەدىنىگە چەكمە قىلىپ چېكىۋالغان. تۆۋەندە سۆيگەن مەشۇقىنىڭ ئىسمىنى بەدىنىگە چەكمە قىلىۋالغان بوللىۋود چولپانلىرىنى كۆرۈپ چىقايلى:

1. رىتىك روشان

رىتىك روشان بىلەن سۇساننا خاننىڭ ئۇزۇن يىللىق مۇناسىۋىتىدە رىتىك روشان ئايالىغا بولغان مۇھەببىتىنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە سول بىلىكىگە «سۇساننا» دەپ چېكىۋالغان. سۇساننا خان بىلەن رىتىك روشان ئاجرىشىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ كونا بىر جۈپلەر يەنىلا دوستانە ۋە ئۆز-ئارا ھۆرمەتلىشىپ ئۆتمەكتە.

2. دېپىكا پادۇكون
ئىلگىرى بوللىۋودتىكى داڭلىق چولپان دېپىكا پادۇكون بىلەن رانبىر كاپۇرنىڭ مۇھەببەتلىشىشى بوللىۋودتىكى ئەڭ قىزىق نۇقتىغا ئايلانغان. «ئوم شانتى ئوم» (Om Shanti Om)دا تونۇلغان دېپىكا ئەينى ۋاقىتتا ئوغۇل دوستى رانبىر كاپۇرنىڭ ئىسمىنىڭ باش ھەرىپى «RK»نى بويۇن قىسمىغا چېكىۋېلىشنى قارار قىلغان، ئەمما كېيىن رانبىر بىلەن دېپىكا ئايرىلىپ كەتتى. ھازىر دېپىكا رانۋېر سىڭنى تېخىمۇ ياخشى كۆرۈپ قالغاندەك كۆرىنىدۇ، ئىككەيلەن بەختلىك تۇرمۇش قۇرۇپ ناھايىتى ئىجىل-ئىناق ئۆتۈۋاتىدۇ، رانبىرمۇ ئالىيە بات بىلەن مۇھەببەتلىشىۋاتىدۇ، قارىماققا بۇ ئىككەيلەن تېخىمۇ ماس كېلىدىغاندەك قىلىدۇ.

3. پراتېك باببار

ياش ئارتىس پراتېك باببارنىڭ سول بېلىكىدە «Mera Pyaar Meri Amy» دېگەن چەكمىنى بايقايسىز، بۇ سۆزنىڭ مەنىسى «مېنىڭ سۆيۈملۈكۈم ئېيمى» دېگەن مەنىدە، ئېيمى دەل پراتېكنىڭ سابىق قىز دوستى ئېيمى جېكسوننى كۆرسىتىدۇ، ھازىر قارايدىغان بولساق بۇ بەكمۇ ئاقىلانىلىك قارار ئەمەس.

4. ئاكشاي كۇمار
بوللىۋودنىڭ ھەرىكەتلىك كىنو چولپىنى ئاكشاي كۇمار سول مۈرىسىگە قەدىمكى يېزىق ئۇسلۇبىدا «تىنا» دەپ چېكىۋالغان. بۇ ئۇنىڭ رەپىقىسى ۋە ئايال غوجايىنى تۋىنكىل كاننانىڭ كىشىلەر تازا بىلىپ كەتمەيدىغان ئەركىتىلمە ئىسمى.

5. شىبانى داندېكار

تونۇلىۋاتقان مودا ناخشىچى شىبانى داندېكار ئوغۇل دوستى فەرخان ئەختەرگە بولغان مۇھەببىتىنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن بوينىغا فەرخان ئەختەرنىڭ ئىسمىنى چېكىۋالغان، شىبانى داندېكارنىڭ بوينى سۆيگۈنىنىڭ ئىسمى «فەرخان» بىلەن تولۇق بېزىلىپ كەتكەن.

6. سەيىف ئەلى خان
توي قىلغاندىن بۇيان شاھزادە ۋە مەلىكىدەك تۇرمۇش كەچۈرىۋاتقان سەيىف ئەلى خان بىلەن كارېننا كاپۇر ھەر دائىم ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا ئۆزلىرىنىڭ مۇھەببەتلىك تۇرمۇشىنى ھەمبەھىرلەپ تۇرىدۇ، بۇ ئىككەيلەن بىر قېتىملىق ئۇچرىشىش جەريانىدا سۈرەتكە تارتىۋېلىنغان، سۈرەتتە سەيىف ئەلى خاننىڭ سول بېلىكىدە ھىندى يېزىقىدىكى «كارېننا» دېگەن تەن چەكمىسى بايقالغان.

7. مانياتا دات

سانجاي دات بىلەن مانياتا دات ھەقىقەتەنمۇ كۆپ جاپا-مۇشەققەت تارتقان بوللىۋود بىر جۈپلىرى، مانياتا دات يولدىشى سانجاي داتنىڭ ئاممىۋى سەتچىلىك ئىشلىرىغا قارىتا يولدىشىنى ئىزچىل قوللاپ كەلگەن، بۇنى سانجاي داتنىڭ ھاياتى تەسۋىرىلەنگەن، رانبىر كاپۇر باش رول ئالغان كىنو «سانجۇ» (Sanju)نى كۆرگەنلەر ئېنىق بىلىدۇ، مانياتا دات يولدىشىنىڭ ئىسمىنى نامسىز بارمىقىغا چېكىۋالغان.

8. ئېيمى جېكسون

ئېيمى جېكسونمۇ پراتېك باببارغا ئوخشاش «Mera Pyaar Mera Prateik» دەپ بېلىكىگە چېكىۋالغان، چەكمىنىڭ مەنىسى «مېنىڭ سۆيۈملۈكۈم پراتېك»، خەۋەرلەرگە قارىغاندا ئىككىسى ئايرىلىپ كەتكەندىن كېيىن ئېيمى ئۆزىنىڭ بۇ «بەختسىز چەكمىسى»دىن قۇتۇلغان، بەلكىم بۇ يېڭى ھاياتىنىڭ باشلانغانلىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر.
سىز ئۆز ھەمراھىڭىزنىڭ ئىسمىنى بەدىنىڭىزگە چېكىۋېلىشقا جۈرئەت قىلالامسىز؟ ئىنكاس رايونىدا كۆرۈشەيلى.