«شاڭخەي ساھىلى»نىڭ قايسى نۇسخىسىدىكى شۈ ۋېنچياڭنى ئەڭ ياقتۇرىسىز؟

«شاڭخەي ساھىلى» (上海滩) ناملىق بۇ تىياتىرنى ئەينى چاغلاردا قاتتىق دەۋر سۈرگەن دېيىشكە بولىدۇ، تىياتىردىكى مۇتتەھەم شۈ ۋېنچياڭ ئوبرازىغا نۇرغۇنلىغان قىزلار مەپتۇن بولۇپ قالغان. شۈ ۋېنچياڭ قارىماققا لۈكچەكلەرگە خاس بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئۆزىنىڭ كۈچىگە تايىنىپ شاڭخەي ساھىلىنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى ئۆزگەرتمەكچى بولغان. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئەر باش پېرسوناژ بىردىنلا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كۆڭلىنى ئۇتىۋالغان. بۇ قېتىم كۆپچىلىككە شۈ ۋېنچياڭ رولىنى ئالغان تۆت چوڭ ئەر چولپاننى تونۇشتۇرىمىز، سىز قايسىسىنى ئەڭ ياخشى كۆرىسىز؟

1. خۇاڭ شىياۋمىڭ (黄晓明)

ئەمەلىيەتتە ئۇ بۇ تىياتىردا ھەقىقەتەن ناھايىتى ياخشى رول ئالغان، شۈ ۋېنچياڭنىڭ كېلىشكەن سالاپىتىنى ئىنتايىن ئوبرازلىق ئىپادىلەپ بەرگەن. بىراق ئۇ بەزى كۆرۈنۈشنى سۈرەتكە ئالغاندا رول ئېلىش ماھارىتى يېتەرلىك بولمىغاچقا، خۇددى قەستەن كېلىشكەن قىياپەتكە كىرىۋالغاندەك كۆرۈنۈپ قالغان، كىشىلەرگە بىردىنلا سۈنئىي تەسىر بەرگەن.

2. چېن جىنخوڭ (陈锦鸿)

بۇ نۇسخا جۇڭگو شياڭگاڭ رادىيو-تېلېۋىزىيە چەكلىك شىركىتىنىڭ قايتىدىن تەقلىد قىلىپ ئىشلىگەن نۇسخىسى، تىياتىردىكى شۈ ۋېنچياڭ باشقا نۇسخىدىكىلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ سالاپەتلىك كۆرۈنەتتى، ئەمما ئۇ بەك سىپايە بولۇپ شۈ ۋېنچياڭغا خاس بولغان زومىگەرلىكنى نامايان قىلالمىغان.

3. جاڭ گوروڭ (张国荣)

ئۇنىڭ رول ئالغىنى «شاڭخەي ساھىلى»نىڭ كىنو نۇسخىسى، بۇ كىنونىڭ تەشۋىقاتى يېتەرلىك بولمىغاچقا كۆپ ئادەم كۆرمىگەن، تارقىلىش دەرىجىسىمۇ يۇقىرى ئەمەس. لېكىن بۇ كىنونى كۆرگەنلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئۇ رول ئالغان كېلىشكەن، بىلىملىك، ئەمما ئېغىر-بېسىق شۈ ۋېنچياڭنى ياخشى كۆرەتتى. بىراق بەزى تورداشلار ئۇنى قارا جەمئىيەتنىڭ زومىگەرلىكىنى دورىيالماپتۇ دەپ سەل ئەپسۇسلانغان.

4. جوۋ رۇنفا (周润发)

بۇ نۇسخا ئەڭ كىلاسسىك نۇسخا ھېسابلىنىدۇ، باشقىلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ئاساسىدا تەقلىد قىلىنغان. جوۋ رۇنفا خۇددى مۇشۇ رول ئۈچۈن تۇغۇلغاندەك قىلاتتى. ئۇ قاراشتىنلا شۈ ۋېنچياڭنىڭ ئۆزىگە ئوخشايتتى، ئۇنىڭ ئەركىن، مۇتتەھەم مىجەزىنى ناھايىتى جايىدا ئىپادىلەپ بېرىلگەن.

سىلەر قايسى نۇسخىدىكى شۈ ۋېنچياڭنى ئەڭ ياخشى كۆرىسىلەر؟

发布日期:
分类:تاماشا

发表评论

您的电子邮箱地址不会被公开。 必填项已用*标注