ياخشىمۇسىلەر دىلشىفادىكى بارلىق قىرىنداشلار
بالدۇر كېتىش ،نۇرغۇن ئەرلىرىمىز يولۇقۇپ باققان ھەم يولۇقۇۋاتقان مەسىلە ،ئۇنداقتا سىلەر ئاڭلاپ باققان بولىشىڭلار مۇمكىن،ئىسپىرمىنىڭ چىقىرىلىش ۋاقتىنى ئۇزارتىش ئۈچۈن كەيپىياتى ياخشى تۇتۇش كېرەك،ياكى باشقا ئىشقا دىققەتنى چېچېىش ، بىگىز بىلەن سىقىش ئۇسۇلى دېگەندەك ، ۋاقىتنى ئۇزارتىش ئۈچۈن كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ قىلمىغان ئىشى قالمىدى .

لىكىن نۇرغۇن تاكتىكا ئۇسۇللارنىڭ ئۈنۈمى يەنە دىگۈدەك ياخشى ئەمەس .لىكىن يەنىلا بەلگىلىك ئۈنۈمى بولىدۇ .
بۈگۈن ئەرلىرىمىزگە ۋاقىتنى ئۇزارتىش توغرىسىدا ئاساسى بولغان 5 خىل ئۇسۇلنى ئىلىپ كەلدۇق .
1. بەدەننىڭ ئىنكاسىنى كونترول قىلىش
مەشىق ئارقىلىق ئۆزىنىڭ بەدىنىنىڭ غىدىقلاشقا بولغان ئىنكاسىنى كونترول قىلغىلى بولىدۇ. بىر قەدەر كۆپ قوللىنىلىدىغان ئۇسۇل، قويۇپ بېرىش سېزىمى بولۇشتىن بۇرۇن، بەدەننىڭ غىدىقلىشىنى، ئاۋازنىڭ غىدىقلىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق غىدىقلاشلارنى توختىتىش، ئاندىن تاشقى دۇنيانىڭ غىدىقلىشىغا بولغان تەسىراتىڭىز تۆۋەنلىگەندىن كېيىن، يەنە بىر قېتىم داۋاملاشتۇرۇش . ئۇزۇن ۋاقىت، كۆپ قېتىم مەشىق قىلىش ئارقىلىق، بەدەن ۋە چوڭ مېڭىنىڭ قويۇپ بېرىش رېئاكسىيەسىنى تېخىمۇ ياخشى كونترول قىلىشىغا ئۈنۈملۈك ياردەم بېرىپ، قويۇپ بېرىش چەك قىممىتىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ.

2. بارماقنى سىقىش ئۇسۇلى
ئەزا قويۇپ بېرىدىغان ھاياجانلىنىش بولغاندا، ھەرىكىتىنى توختىتىدۇ ھەمدە ئەزانى تارتىپ چىقىرىپ، كۆرسەتكۈچ بارماق ۋە باش بارماق بىلەن بېشىنىڭ ئالدى كەينىنى بېسىپ تۇرىدۇ ھەمدە بېسىمنى سۈيدۈك يولى ئېغىزىنىڭ ئاستىدىكى كېسىشكەن ئورۇنغا مەركەزلەشتۈرىدۇ. بۇنىڭ پىرىنسىپى قاننى ئەزادىن سىقىپ چىقىرىش ئارقىلىق سەزگۈرلۈك دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىپ، قويۇپ بېرىش ئارزۇسىنى چەكلەشتىن ئىبارەت. لېكىن بۇ ئۇسۇلنى بىر قېتىمدا كۆپ قېتىم ئىشلىتىشنى تەۋسىيە قىلىنمايدۇ.

3. ئاياللارنى ئاۋۋال قانائەتلەندۈرۈش
ئالدىنقى غىدىقلاش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ ئالتۇن بارمىقى ۋە ياغلىما تىلى بىلەن ئايالنى ئالدى بىلەن يۇقىرى پەللىگە چىقىرىپ، ئۇنى ئاۋۋال قانائەتلەندۈرگىلى بولىدۇ، بۇنداق بولغاندا سىزدە ناھايىتى چوڭ روھىي بېسىم بولمايدۇ، ئەگەر بېسىم ۋە تەشۋىشتىن قۇتۇلسىڭىز، ئوغۇللارنىڭ ئەمەلىيەتتە ۋاقتى تېخىمۇ ئۇزىراپ كېتىدۇ.

4.قوشۇمچە ۋاقىت ئۇزارتىش مەھسۇلاتى ئىشلىتىش
بازاردىكى ئىستىمال قىلىدىغان ۋاقىت ئۇزارتىش كومۇلاچلىرىنى تەۋسىيە قىلىپ كەتمەيمىز ، چۈنكى ئۇنىڭ بەلگىلىك ئەكىس تەسىرى ھەم ماس كىلىدىغان كەلمەيدىغان ئوبىكتىپلىرى بولىدۇب ، سىرتىدىغان ئىشلىتىدىغان سەزگۈرلۈكنى تۆۋەنلىتىدىغان مەھسۇلاتلار بىرقەدەر بىخەتەر بولىدۇ .دىلشىفانىڭ دوستلىرىمىزغا تەۋسىيەسى ئەنتەيچى ۋاقىت ئۇزارتىش قەغىزى .ئاستىدىكى ئۇلانمىدىن كىرىپ كۆرۈپ باقساڭلار بولدۇ .(پەقەت قوشۇمچە تەۋسىيە قىلىپ قويدۇق)
5.ۋاقىت ئۇزارتىش گاندوملىرىنى تاقاش
بىخەتەرلىك قاپچۇقى ساتىدىغان نۇرغۇن سودىگەرلەر بىر خىل ۋاقىتنى ئۇزارتىش قاپچۇقى ئىشلەپچىقىرىدۇ، ئەمەلىيەتتە ناھايىتى قېلىن قاپچۇق بولۇپ، قېلىنلىتىش ئارقىلىق ئەزانىڭ بېشى بىلەن جىنسىي يولىنىڭ سۈركىلىشىنى توسۇپ، بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق ۋاقىتنى ئۇزارتىش رولىنى ئويناپ، سىزنى تېخىمۇ ئۇزۇنغا سوزۇۋېتىدۇ. بۇ خىل يۈرۈشلۈكنى ئىشلىتىش ناھايىتى يوشۇرۇن بولۇپ، ھەقىقەتەن ۋاقىتنى ئۇزارتتى.
بۇلارنىڭ ھەممىسى ۋاقىتنى ئۇزارتىدىغان كىچىك تېخنىكا، كىچىك تەسىراتلار، كېيىن بىز يەنە تېخىمۇ كۆپ ئۇسۇللارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىلمىي مەشىق ئارقىلىق ۋاقىتنى ئۇزارتىش ئۇسۇللىرىنى يوللاپ تۇرىمىز ، دىققىتىڭىز بىزدە بولسۇن.