ئاشىق-مەشۇقلار بىرگە بولغان ۋاقىتتا، قايناق ھېسسىياتنى كونترول قىلىش تەس بولسا قارشى تەرەپنىڭ تېنىگە« كىچىك بۆلجۈرگەن» نى چىقىرپ قويۇشدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. ئەمەلىيەتتە كىچىك بۆلجۈرگەنمۇ ھېسسىياتنى ئىپادىلەشنىڭ سىمۋولى.
كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى قارشى تەرەپنىڭ بوينىغا ئىز چىقىرپ قويۇشنى ياخشى كۆرىدۇ،ئەمما بوينىمىزدىكى تېرە بىر قەدەر نېپىز بولغاچقا ، ئاسانلا ئىز قالدۇرۇپ قويىدۇ، كۆپىنچە قىزلار ھەمراھىنى ياخشى كۆرگەنلىكدىن ئىگىلىك ھوقوقىنى ئىسپاتلاش مەقسىتىدە شوراپ ئىز قالدۇرۇپ قويۇشنى ياخشى كۆرىدۇ .

ئەمما بوينىدا قىزىل، سۆسۈن داغلار بولغان ۋاقىتتا، خىزمەت ۋە تۇرمۇشتا قولايسىزلىقلاردىن خالىي بولغىلى بولمايدۇ. كىچىك بولسا خىزمەتداشلىرى ۋە دوستلىرى تەرىپىدىن مەسخىرە قىلىنسا، چوڭ بولسا خىزمەتكە تەسىر يېتىشى مۇمكىن. قانداقلا بولمىسۇن بوينىدا ئىز قالغان ھالەتتە سىرىتقى تۇرمۇش بىلەن ئۇچرىشىش ئادەمنى ئوڭايسىز ئەھۋاللارغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ .
نورمال ئەھۋالدا، سۆيۈشۈش ئىزى بىر ھەپتە ئەتراپىدا ئۆزلۈكىدىن يوقاپ كېتىدۇ، ئۇنداقتا ئەگەر سىز سۆيۈشۈش ئىزىنى تېخىمۇ تېز سۈرئەتتە يوقىتىشنى ئويلىسىڭىز قانداق قىلىسىز؟ بۈگۈن دىېلشىفا قىز سىلەرگە بىرنەچچە تۈرلۈك تاكتىكلارنى سۆزلەپ بېرىدۇ ،ئۈگۈنىۋىلىڭ ھەم ساقلىۋىلىڭ ، ھەمراھىڭىز بىلەن بىرگە بولغاندا ئەنسىرىمەي كىچىك بۆلجۈرگەن تېرىۋەرسىڭىز بولىدۇ .
1. ئىسسىق سۇدا يۇيۇنۇش + ئىسسىق ئۆتكۈزۈش
ئىسسىق سۇ قان ئايلىنىشنى تېزلىتىپ، قاننىڭ يىغىلىپ قېلىشىنى ئۈنۈملۈك تۈگىتىدۇ. شۇڭا ئىسسىق سۇدا يۇيۇنغاندا، بولۇپمۇ سۆيۈشكەن ئورۇننى كۆپرەك يۇيۇش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا قول بىلەن مۇۋاپىق تۈردە يېنىك ئۇۋۇلاپ بېرىش كېرەك.
يۇيۇنۇپ بولغاندىن كېيىن، ئەڭ ياخشىسى ئىسسىق لۆڭگە تەييارلاپ سۆيۈشكەن ئىزغا ئىسسىق ئۆتكۈزۈش كېرەك. ياكى ئىككى دانە ئىسسىق تۇخۇم تەييارلاپ، قىزىقىدا شاكىلىنى سويۇپ، تۇمشۇقىنىڭ ئىزى بار ئورۇنغا قويۇپ دومىلىتىپ، سوۋۇغاندىن كېيىن بىرنى ئالماشتۇرۇش كېرەك. شۇنداق قىلىپ 2، 3 كۈندىلا ئاساسىي جەھەتتىن ئەسلىگە كىلىدۇ .
2. مۇز تېڭىش
سوغۇق ئۆتكۈزۈش قان تومۇرلارنىڭ قىسقىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەلۇم دەرىجىدە ئىششىقنى ياندۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ، شۇڭا كالپۇك ئىزى ئانچە روشەن كۆرۈنمەيدۇ. مۇز خالتىسى ياكى سوغۇق قوشۇق تەييارلاپ، ئېغىز ئىزى بار جايغا قويۇش، ھەر قېتىمدا ئەڭ ياخشىسى 10 مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەسلىك، ئىككى سائەتتىن كېيىن يەنە بىر قېتىم مۇز تېڭىش كېرەك. ئۇزۇن ۋاقىت مۇز چاپلىماڭ، سالامەتلىككە زىيانلىق. 2 ~ 3 كۈن مۇز سۈركەش ئارقىلىق كالپۇك ئىزىنى ئۈنۈملۈك ئاجىزلاتقىلى بولىدۇ.
ئەمما مۇز بىلەن ئىسسىق ئۆتكۈزۈشنى بىللە ئىشلەتمەسلىك كېرەك.
3. ئۇۋلاپ بېرىش
ئەگەر ئىسسىق ئۆتكۈزۈش، مۇز چاپلاش شارائىتى بولمىسا، پەقەت ئۇۋۇلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق يېنىكلەتكىلى بولىدۇ. دىققەت قىلماي، يېنىك ئۇۋىلاپ، بارماق بىلەن چەمبىرەك سىزىڭ، كۈچىمەڭ، بولمىسا سۆيۈشۈش دائىرىسى كېڭىيىپ كېتىدۇ. بىر نەچچە سائەتتە بىر قېتىم ئۇۋۇلىسا بولىدۇ، ھەر قېتىملىق ئۇۋۇلاش ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك. بۇنداق بولغاندا سۆيۈش ئىزىنى يوقىتىش سۈرئىتىنى سەل تېزلەتكىلى بولىدۇ.

4. ئېگىز ياقىلىق كىيىملەرنى كىيىش
بۇ ئۇسۇلنىڭ ئوبيېكتىپ شارائىت چەكلىمىسى بار، يازدا ئامال يوق. ئېگىز ياقىلىق كىيىم كىيسىمۇ، شارپا تاقىسىمۇ بولىدۇ. ئالدى بىلەن بىر، ئىككى كۈن يېپىپ قويۇش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىسسىق ئۆتكۈزۈش ئۇسۇلىنى ماسلاشتۇرۇپ ئىشلەتكەندە، ئاساسىي جەھەتتىن ناھايىتى تېزلا يوقاتقىلى بولىدۇ.
5. دورىلىق چاپلاق چاپلاش
كالپۇك ئىزىنى تېز سۈرئەتتە يېپىپ تۇرۇش ئۈچۈن دورىلىق چاپلاق چاپلاشقا بولىدۇ، ئەلۋەتتە ئادەتتىكى كىشىلەر بۇ چاپلاقنىڭ كىچىك بۆلجۈرگەن ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، لىكىن يەنىلا ئاز تولا پايدىسى بار
6. گىرىم بۇيۇملىرى ئارقىلىق توسۇش
ھازىرقى گىرىم بۇيۇملىرى ئىنتايىن يامان، بەزى ئۇپا-ئەڭلىك، ئارتۇقچىلىقلارنى توسۇش مەلھەملىرى بىلەن ناھايىتى تېز ياپقىلى بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تېخنىكىسى ياخشى بولسا، ئۇنى ئاساسەن كۆرگىلى بولمايدۇ. بۇ ئۇسۇلنى كىيىم بىلەن ياپقاندىن باشقا، ئۈنۈمى ئەڭ تېز بولىدىغان ئۇسۇل دېيىشكە بولىدۇ. ئەلۋەتتە، ئالدىنقى شەرت سىز ياكى سىزنىڭ ئايالىڭىز نىڭ گىرىم بۇيۇملىرى ۋە تېخنىكىلار بولۇشى كېرەك.