
1. بايا تاماق بۇيرۇتىۋېتىپ تۇيۇقسىز 50 كىلودىن ئېشىپ كەتكىنىم يادىمغا يەتتى-دە، يۈزۈمگە بىر كاچات ئۇرۇۋەتتىم، تاماق بۇيرۇتقاندىمۇ دىققەتنى چاچقان بارمۇ؟
2. چېنىقىش سارىيىنىڭ كارتىسىنى بىجىرگىنىمگە يەتتە ئاي بوپتۇ، بىراق بەدىنىمدە قىلچە ئۆزگىرىش يوق، بۇدا ئۆزەم بىر بېرىپ سوراپ باقمىسام، زادى قەيەردىن مەسىلە كۆرۈلدىكىن؟
3. كىشىلىك ھاياتتا جاسارەت بىلەن ياشىغۇلۇق، بەدىنىڭىز چىرايلىق بولمىسا بىرىپ چېنىقىڭ، بىلمىگىنىڭىزنى ئۆگىنىڭ، ئىش خۇشياقمىسا سۈرەت بولسىمۇ كىرىشتۈرۈپ ياساڭ، ھازىرقى تور دۇنياسىدا سىزنىڭ ئۇتتۇرۇپ قويۇشىڭىزنى قىلچە خالىمايمەن.
4. بۈگۈن بازاردا بۇرۇنقى ساۋاقدىشىمنى ئۇچرىتىپ قالدىم، كىمنىڭ خىيالىغا كەلگەن دەيسىز ئۇنىڭ بۇنچە غۇربەتچىلىكتە ياشاۋاتقىنىنى، قاراپ تۇرۇپ قاچامغا ئاران بىر تال تەڭگە تاشلاپ قويۇپ كېتىۋاتىدۇ...
5. مائاشىمنى بەرسىلا ماڭا ئەتكەنچاي ئېلىپ بېرىمەن دەۋاتقىنىڭغا شۇنچە ئۇزاق بولدى، ھېچبىر ئەمەلىيىتىڭ يوق، ئەنسىرەپ قالدىم، ئىشتىن بوشىتىلمىغانسەن-ھە!

6. بۇندىن كېيىن گەپ بولسا ئوچۇق دەۋەرگىنە، ھە دېسىلا بارمۇ، بارمۇ دەپلا سورايدىكەنسەن، ئامانچىلىقنى بەرسە نەچچە ئون يىلغىچە ئىشقىلىپ مەن بار.
7. سىلەرنىڭ ئېيتقىنىڭلاردەك چولپان پېڭ يۈيەن (彭于晏) ئاشۇنچىۋالا كېلىشكەنمۇ؟ مەنچىغۇ يامان ئەمەسلا، بەلكىم بەك ئۇزاق بىللە بولغاچقىمۇ ئۇنىڭغا نىسبەتەن تازا قىزىقمايمەنغۇ تاڭ!
8. ساياھەتكە پۇلىڭىز ھەم ۋاقتىڭىز بولمىسا، ئەڭ ياخشىسى گلوبۇستىن بىرنى سېتىۋېلىڭ. شۇندىلا دۇنيانىڭ نەقەدەر چوڭلىقىنى ھېس قىلىسىز، ھەممە جاينى كۆرۈپلا قالماي، تېخى خاتىرجەم ئايلىنالايسىز.
9. دائىم تۈنەيدىغان كىشىلەرنىڭ: بىرىنچىدىن خىيالىي تۇيغۇسى كۆپ بولىدۇ؛ ئىككىنچىدىن ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى تۆۋەنلەيدۇ؛ تۆتىنچىدىن سانلارنى توغرا تونىيالمايدۇ؛ ئالتىنچىدىن كاللىسى جايىدا ئەمەس. كۆپچىلىك مۇشۇ توققۇز نۇقتىنى ئېسىڭلاردا چىڭ تۇتۇڭلار جۇمۇ!