سىزنى كۈلىۋالسۇن دەپ يۇمۇر ئېلىپ كەلدىم

* ياخشى باھا

تور تاللا بازىرىدىكى بىر كىيىمنىڭ ئاستىغا جەمئىي ئۈچ تاللا باھا يېزىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئىككىسى ناچار يەنى بىرى ياخشى باھا ئىدى.

ناچار باھانىڭ مەزمۇنى: «رەسىمدىكىگە ئوخشىمايدىكەن، رەڭ پەرقى چوڭكەن، ئۇچىغا چىقسىمۇ ياراشمايدىكەن».

ياخشى باھانىڭ مەزمۇنى: «ساۋاقدىشىمغا ئېلىپ بەرگەنىدىم، ئۇنىڭغا قەتئىي ياراشماپتۇ، شۇڭا بەكلا رازى بولدۇم!»

* سۈۋەرەك يوقىتىش

مەلۇم مۇنازىرە مۇنبىرىگە بىرى مۇنداق سوئال قالدۇرۇپتۇ: «سۈۋەرەك دورىسى بىلەن بىر تال سۈۋەرەكنى يوقىتىپ قويسا، باشقىلىرى نېمىشقا يوقىماقتا يوق ئەكسىچە كۆپىيىپ كېتىدۇ؟»

بىر تورداشنىڭ جاۋابى: «سىزنىڭمۇ ئۆيدىكىلىرىڭىز يوقاپ كەتسە، قالغىنىڭلار جىددىيلىشىپ تۇرالماي قالارسىلەر؟»

* چىدىيالمىدىم

ناتونۇش ئايالدىن كەلگەن تېلېفوننى ئالدىم، قارشى تەرەپ: «ياخشىمۇسىز! مۇبارەك بولسۇن سىز ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا يەنى سوممىسى 300 مىڭ يۈەنلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتىڭىز» دېمەسمۇ.

ئۇ تېخى ئېغىز ئېچىشىمنى ساقلاپ بولالمايلا ئۆزى قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى ۋە: « سەت بولدى ھە، بۇ ساھەگە تېخى ئەمدىلا قەدەم قويۇشۇم ھەم تۇنجى قېتىم ئادەم ئالدىشىم بولغاچقا ئۆزۈمنى تۇتالماي قالدىم» دېدى-دە، تېلېفوننى ئۈزۈۋەتتى.

* قورقۇتۇش

قانداقلىكى چاغدا ئاڭلىسا كىشىنى شۈركەندۈرىدىغان سۆزلەر:

كىچىكىمدە ئاپام دائىم مېنى: «بۆرە كەلدى!» دەپ قورقىتاتتى.

مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن، ساۋاقداشلىرىم: «مۇئەللىم كەلدى!» دەپ قورقىتىدىغان بولدى.

خىزمەتكە چىققاندىن كېيىن، خىزمەتداشلىرىم: «غوجايىن كەلدى!» دەپ قورقىتىدىغان بولدى.

ئەمدىلىكتە دوستلار يىغىلىشى بولسا، ئۇلار دائىم مېنى: «ئايالىڭ كەلدى!» دەپ قورقىتىدۇ.

* جۇغراپىيە دەرسى

بىر كۈنى جۇغراپىيە مۇئەللىم ئوقۇغۇچىلاردىن: «دەريا سۈيى قاياققا ئاقىدۇ؟» دەپ سورىدى.

بىر ئوقۇغۇچى دىككىدە ئورنىدىن تۇرۇپ: «دەريا سۈيى ئاقادۇ، يارىم ماڭا باقادۇ» دەپ ناخشىسىنى باشلاپلا كەتتى.

مۇئەللىم ئۇنىڭغا پىسەنتمۇ قىلماستىن، يەنە: «ئاسماندا قانچە تال يۇلتۇز بار؟» دەپ سورىۋىدى، ئۇ يەنە: «جىمىرلايدۇ يۇلتۇزلار كۆز قىسىشىپ ئۆزىچە» دەپ ناخشىسىنى ئېيتقىلى تۇردى.

مۇئەللىم ئاچچىقىدا: «چىقە ماڭ قانداق قاملاشمىغان قىلىق بۇ!» دېيىشىگە، ئۇ يەنە: « كەتسەڭ كېتىۋەر يارىم، مېنىڭ نېمە پەرۋايىم» دېۋىدى، مۇئەللىم ئامالسىزلىقتىن: «كېسىلى بارمۇ نېمە بۇنىڭ» دېسە، ئۇمۇ بوش كەلمەي: «سىزدە بارنىڭ ھەممىسى ئەلۋەتتە مەنمۇ بار» دېمەسمۇ...

发布日期:
分类:يۇمۇر

发表评论

您的电子邮箱地址不会被公开。 必填项已用*标注