تەۋسىيە
ئادەت مەزگىلىدىن باشقا ۋاقىتتىمۇ قان كېلىش بالىياتقۇ قانۇنىيەتسىز قاناش دېيىلىدۇ، بەزى-بەزىدە بىر-ئىككى قېتىم بالىياتقۇ قانۇنىيەتسىز قاناشنىڭ ئەنسىرەپ كېتىشنىڭ ئورنى يوق، لېكىن دائىم بۇنداق ئەھۋال كۆرۈلسە چوقۇم ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈش كېرەك، ئادەتتە بالىياتقۇ قانۇنىيەتسىز قاناش تۆۋەندىكى كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن بولىدۇ.

1. بالىياتقۇ بەز مۇسكۇلى كېسەللىكى
بالىياتقۇ بەز مۇسكۇلى كېسەللىكى بالىياتقۇ ئىچكى پەردە يۆتكىلىش كېسىلىنىڭ بىر خىلى بولۇپ، بۇنداق كېسەللىك پەيدا بولغاندا ئادەت مىقدارى كۆپىيىش، ئادەت ئاغرىتىپ كېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ، بالىياتقۇ مۇسكۇل بەز كېسەللىكى ئېغىر بولغاندا ئاياللاردىكى تۇغماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، تۇغۇش ئېھتىياجى يوق ئاياللار بالىياتقۇنى كېسىپ ئېلىۋېتىش ئارقىلىق ئاغرىپ ئازابىدىن ۋە قان ئازلىقتىن قۇتۇلالايدۇ.
2. بالىياتقۇ ئىچكى پەردە راكى ۋە قېلىنلاش
يېقىنقى بىر نەچچە يىللاردىن بۇيان بالىياتقۇ بوينى راكى ياشىرىشقا قاراپ ماڭدى، بالىياتقۇ راكى بىر كۈندىلا پەيدا بولۇپ قالمايدۇ، نورمال ھۈجەيرىلەرنىڭ راك ھۈجەيرىلىرىگە ئايلىنىشى ئۈچۈن خېلى ۋاقىت كېتىدۇ، قەرەللىك بالىياتقۇ بوينى تەكشۈرتۈشى قىلىپ تۇرغاندا راكنى بۇرۇن بايقىغىلى بولىدۇ.

3. ئىچكى ئاجراتمىلار قالايمىقانلىشىش
ئىچكى ئاجراتمىلار قالايمىقانلىشىش سەل مۇرەككەپ مەسىلە، بەدەننىڭ ئىچكى ئاجراتمىلىرى قالايمىقانلىشىپ كەتكەندە بالىياتقۇ قالايمىقان قاناش ئەھۋالى كۆرىلىدۇ، بۇ خىلدىكى كىشىلەر ھورمۇنلۇق دورىلار بىلەن داۋالانسا بولىدۇ.
4. بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىدە مونچاق گۆش پەيدا بولۇش
ئادەتتە بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىدە مونچاق گۆش پەيدا بولۇپ قالغاندا بالىياتقۇ قانۇنىيەتسىز قاناش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، ئوپېراتسىيە قىلىپ مونچاق گۆشنى ئېلىۋەتكەن تەقدىردىمۇ ئاسانلا قايتىلىنىدۇ.

5. بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى
بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى دائىم كۆرۈلىدىغان ئاياللار كېسەللىكلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، مۇسكۇل ئۆسمىسىنى ئوپېراتسىيە قىلىپ ئېلىۋېتىشكە بولىدۇ.
6. قان خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر
قان ئىشلەش سىستېمىسىنىڭ ئىقتىدارى بىنورمال بولۇشمۇ بالىياتقۇ تۇراقسىز قاناشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا كۆرۈنۈش كېرەك.
7. باشقا ئامىللار
بالا چۈشۈرگەندىن، بالىياتقۇنى قىرغاندىن كېيىن، بالىياتقۇغا ئۈزۈك سالغاندىن كېيىنمۇ بالىياتقۇ تۇراقسىز قاناش ئەھۋالى كۆرىلىدۇ، لېكىن بۇنداق ئەھۋالدا ئارتۇقچە ئەنسىرەپ كېتىشنىڭ ئورنى يوق، بۇ دەل بالىياتقۇنىڭ نورمال ئەسلىگە كېلىۋاتقان ۋاقتى ھېسابلىنىدۇ، لېكىن قاناش بىلەن قورساق ئاغرىش، قىزىش تەڭ پەيدا بولسا چوقۇم ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىش كېرەك.