كىچىكىمىزدە ياقتۇرۇپ كۆرىدىغان بۇ كارتون يېقىندا قويۇلىدۇ

شاڭخەي گۈزەل-سەنئەت كىنو ئىستۇدىيەسى (上海美术电影制片厂)نىڭ ئەسەرلىرى تىلغا ئېلىنسا، كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىغا «ئەرشنى مالىمان قىلىش» (大闹天宫)، «نېجانىڭ دېڭىزنى مالىمان قىلىشى» (哪吒闹海)، «ئەپەندىمنىڭ ھېكايىسى» (阿凡提的故事)، «قارا مۈشۈك ساقچى باشلىقى» (黑猫警长)،«قاپاق بالا» (葫芦娃) قاتارلىق كىلاسسىك ئەسەرلەر كېلىدۇ، بۈگۈنكى كۈندە شاڭخەي گۈزەل-سەنئەت كىنو ئىستۇدىيەسىنىڭ قۇرۇلغىنىغا 64 يىل بولدى، بۇ مەزگىلدە نۇرغۇن كىلاسسىك ئوبرازلار ۋە كىلاسسىك كارتون فىلىملەر بارلىققا كەلدى، «يوغان قۇلاق تۇتۇ» (大耳朵图图) ناملىق كارتون فىلىممۇ بۇ ئىستۇدىيەنىڭ ۋەكىللىك ئەسەرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

جەمئىي بەش بۆلۈم 130 قىسىملىق كارتون فىلىم «يوغان قۇلاق تۇتۇ»نى 1990-يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغانلارنىڭ ئورتاق ئەسلىمىسى دېيىشكە بولىدۇ، ھەتتا بۇ كارتون فىلىمنى كۆرگەن دوستلارنىڭ كۆپىنچىسى ھازىر ئاللىقاچان ئۆي-ئوچاقلىق بولۇپ بولدى، بالىلىقتىكى ئەسلىمىلەرنى قايتىدىن ئەسلەپ تۇرۇشمۇ ئادەمگە خۇشاللىق ئاتا قىلىشى مۇمكىن.

يېقىندا، «يوغان قۇلاق تۇتۇ: تىراننوزاۋر ھەرىكەتتە» (大耳朵图图之霸王龙在行动) ناملىق كىلاسسىك كارتون فىلىم قايتىدىن ئېكرانغا چىقماقچى. ئىشىنىمىزكى، نۇرغۇن دوستلارنىڭ كۆز ئالدىغا بۇ كارتوننى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە كۆرگەندىكى بالىلىق ئەسلىمىلىرى قايتىدىن كېلىشى مۇمكىن.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ كارتون فىلىم بۇ يىل 10-ئاينىڭ 1-كۈنى قويۇلىدىكەن.

发布日期:
分类:تاماشا

发表评论

您的电子邮箱地址不会被公开。 必填项已用*标注