ياڭ مىنىڭ مودا ئوبرازى تورداشلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى

4-سېنتەبىر ئاخبارات ۋاستىلىرى «مودا خانىشى» (时尚女王)دەپ نام ئالغان دۆلىتىمىز تاماشا ساھەسىدىكى داڭلىق چولپان ياڭ مى (杨幂)نىڭ ئايرودۇرۇمدىكى ئەڭ يېڭى مودا ياسانغان سۈرەتلىرىنى ئاشكارىلىدى.

سۈرەتلەر تارقىلىشى بىلەن تەڭ گۈزەل چولپان ياڭ مىنىڭ مودا ئوبرازى تور دۇنياسىدا قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى.

ياڭ مى دۆلىتىمىز تاماشا ساھەسىدىكى ئەڭ ئالدىنقى ئورۇندىكى داڭلىق چولپان بولۇپلا قالماي، يەنە دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىغا داڭلىق، نۇرغۇنلىغان مەستانىلىرى ۋە قوللىغۇچىلىرى بار. ئۇ تاماشا ساھەسىگە گىرگەندىن تارتىپ ھازىرغىچە ئۆزىنىڭ قالتىس رول ئېلىش ماھارىتى بىلەن نۇرغۇنلىغان تورداشلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا، قوللىشىغا ۋە ھەقىقىي ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىپ، ئۆز ئالىدىغا شىركەت قۇرۇپ كۆپلىگەن مۇنەۋۋەر ئارتىسلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقتى.

بۇ قېتىم ئاشكارىلانغان سۈرەتلەردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدىكى، گەرچە ياڭ مى 30 ياشتىن ئاشقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ يەنىلا شۇنچىلىك جەلپكار ۋە نازاكەتلىك، سۈرەتلەردە ئۆزىنىڭ خاسلىقى ۋە ئالاھىدىلىكى تولۇق گەۋدىلەنگەن بولغاچقا تور دۇنياسىدا قىزىق نۇقتىغا ئايلانغان.

发布日期:
分类:تاماشا

发表评论

您的电子邮箱地址不会被公开。 必填项已用*标注