دېڭىز قاراقچىسى شاھى: زورونىڭ دادىسى ئاشكارىلاندى!

«دېڭىز قاراقچىسى شاھى» (海贼王) رەسىملىك كىتابىنىڭ 1024-قىسىمى يېڭىلاندى، بۇ قىسىمنىڭ مەزمۇنى ناھايىتى ئېسىل، ئاساسىي جەھەتتىن ياماتو (大和)نىڭ ئەسلىمىسى. ياماتو سەككىز ياش ۋاقتىدا ئۈچ سامۇراي بىلەن بىر يەرگە قامالغان. ئودېن (御天) ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ۋاقىتدا، ياماتو دەل سەككىز ياشقا كىرگەن، مومونوسكى (桃之助) بىلەن تەڭ ياشتا ئىدى، بۇنىڭدىن قارىغاندا مومونوسكى بىلەن ياماتو كىچىكىدىن بىللە ئويناپ چوڭ بولغان بولۇشى مۇمكىن.

ياماتو سەككىز يېشىدا ئودېننىڭ ئۆلىمىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئىككىنچى ئودېنغا ئايلىنىشنى نىيەت قىلغان. ياماتو سەككىز ياش ۋاقتىدا شاھلىق زومىگەر كۈچى (霸王色霸气)نى ئىشلىتىپ كايدونىڭ ئادەملىرىنى ئايلاندۇرۇپ قويغان، لېكىن ئۆزىنىڭ ئىككىنچى ئودېن بولىدىغانلىقىنى ئېيتقاندا كايدو (凯多) قوشۇلمايدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن كايدو ياماتوغا ئەگەر ئودېن بولماقچى بولساڭ سەنمۇ بۇ سامۇرايلار بىلەن بىللە تۇر دەپ ئۆڭكۈرگە سولانغان ئۈچ سامۇراي بىلەن بىللە سولاپ قويۇپ كېتىدۇ.

ئۈچ نەپەر سامۇراي ئەمەلىيەتتە سامۇرايلار دۆلىتىنىڭ چوڭ ئەمەلدارلىرى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى كايدوغا تەسلىم بولۇشنى خالىمىغانلىقى ئۈچۈن ئۆڭكۈرگە سولىنىپ تاماقمۇ بېرىلمىگەن. ئودېن ئۆلگەندىن كېيىن، بەش نەپەر سامۇراينى كايدو ئۆلتۈرىۋەتكەن، ئۈچ نەپەر سامۇراي ئۆڭكۈرگە قامالغان. كايدو ئۆز قىزىنى ئۇلار بىلەن بىللە سولاپ قويۇپ، ئۆزىنى مەغلۇپ بولغاندەك ھېس قىلىپ، ئۇلارغا ئۆزىنىڭ قىلىچلىرىنى ۋە بىر كىشىلىك يېمەكلىك قالدۇرۇپ قويۇپ ئۇ يەردىن كېتىدۇ.

ياماتونىڭ دېيىشىچە، ئۇ ئۆزىنىڭ ئودېن ئىكەنلىكىنى ۋە كايدونىڭ قىزى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان، لېكىن ئۈچ نەپەر سامۇراي ئۇنى ئۆلتۈرمەي، ئەكسىچە كايدو قالدۇرۇپ قويغان يېمەكلىكىنى قورسىقى ئىنتايىن ئېچىپ كەتكەن ياماتوغا بەرگەن. بۇنىڭدىن ياماتو ئىنتايىن تەسىرلىنىپ، مەڭگۈ بۇ تاماقنى ئۇنتۇپ قالمايدىغانلىقىنى ئېيتقان. مەستانىلەر بۇنىڭ ئىچىدە بىر سامۇراينىڭ تەقى-تۇرقى زورو (索隆)نىڭ تەقى-تۇرقى بىلەن ئىنتايىن ئوخشايدىغانلىقى ھەمدە ئۇنىڭمۇ سول كۆزىدە تارتۇق بارلىقىنى بايقىغان شۇنداقلا بۇ زورونىڭ كەلگۈسىدىكى ۋاقتىمۇ؟ ياكى زورونىڭ دادىسىمۇ؟ دەپ پەرەز قىلغان.

ھەتتا ئېچىرو 1023-قىسىمدا كارتوندىكى كيۇگۇرو بىلەن كاۋاماتسىمۇ زورو بىلەن شىموتسۇكى بۈشىمارو (霜月牛丸)نىڭ تۇرقى ۋە قىلىچ ماھارەتلىرى ئوپمۇ-ئوخشاشكەن دىگەندەك پاراڭلار ئارقىلىق ئازراق بېشارەت بەرگەن. زورونىڭ دادىسىمۇ ئاشكارىلاندى، ئۇ سامۇرايلار دۆلىتىدىكى داڭلىق بولغان شىموتسۇكى جەمەتىنىڭ ئەۋلادى، شىموتسۇكى بۈشىمارو بەلكىم زورونىڭ دادىسى بولۇشى مۇمكىن، ئىككى يىل ئىلگىرى بروك (布鲁克)نىڭ سايىسىنى ئىشلەتكەن «قىلىچ پىرى» شىموتسۇكى ريۇما زورونىڭ ئەجدادى دەپ قارالماقتا. مېنىڭچە بۈشىمارو تۇتىۋالغان قارا قىلىچ سىلەرگە ئىنتايىن تونۇش تۇيىلىۋاتىدىغۇ دەيمەن، ئۇ قىلىچ دەل ئىككىنچى ئەۋلاد ئالۋاستى قىلىچى، زورونىڭ قولىدىكىسى بولسا ئۈچىنچى ئەۋلاد ئالۋاستى قىلىچى. ئەينى ۋاقىتدا ئالۋاستى قىلىچنىڭ زورونى تاللىشىمۇ ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس.

شۇنداق بولغاندا چىغ قالپاق دېڭىز قاراقچىلار ئەترىتىدىكىلەردىن رۇفى (路飞)نىڭ دادىسى ھەققانىيەتچىلەر قوشۇنىنىڭ ئاتامانى دراگون (龙)، سانجى (山治)نىڭ دادىسى پۈتۈن سېسىق نامى پۇركەتكەن رەزىل جېرما 66 پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى، ئۇسوپپۇ (乌索普)نىڭ دادىسى دۇنيادىكى بىرىنچى مەرگەن، فىرانكى (弗兰奇)مۇ دېڭىز قاراقچىسىنىڭ ئوغلى، پەقەت نامى (娜美)نىڭلا كەچۈرمىشى تېخى ئاشكارىلانمىغان. سىلەر نامىنىڭ كېلىپ چىقىشى قانداقراق بولار؟

发布日期:
分类:تاماشا

发表评论

您的电子邮箱地址不会被公开。 必填项已用*标注