
8-ئاينىڭ 20-كۈنى رۇيخۇ 5x ئاپتوموبىلىنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى قەھرىمان نۇسخىسى رەسمىي بازارغا سېلىندى، يېڭى ئاپتوموبىل جەمئىي تۆت خىل سەپلىمىلىك تىپتا چىقىرىلغان، سېتىلىش باھاسى دائىرىسى 78 مىڭ 900 يۈەندىن 100 مىڭ 900 يۈەنگىچە بولغان.

ئورگان تەرەپ يەنە ئاپتوموبىل سېتىۋالغۇچىلارنى نەق پۇل سوۋغىسى، پۇل مۇئامىلە سوۋغىسى، ئالماشتۇرۇش سوۋغىسى، خاتىرجەملىك سوۋغىسى، تور ئېقىم مىقدارى سوۋغىسىدىن ئىبارەت جەمئىي بەش خىل ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش سوۋغىسى بىلەن تەمىنلەيدۇ. يېڭى ئاپتوموبىل يېڭى نۇسخىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، لايىھەلەش، سەپلەش قاتارلىق كۆپلىگەن جەھەتلەردە دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ، پۈتۈن ئاپتوموبىلنىڭ سپورت پۇرىقى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن.



تاشقى قىياپىتىدىن قارىغاندا، يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ پۈتكۈل ياسىلىش شەكلى سپورت تۈسىگە ئىگە بولۇپ، ئالدى يۈزىگە كۆپ تەرەپلىك ھاۋا كىرىش سالاسۇنى ئىشلىتىلگەن، پەنجىرىسىمان ئوتتۇرا تور ماسلاشتۇرۇلغان، تېخىمۇ نەپس كۆرۈنىدۇ. ئىككى تەرىپىدىكى چوڭ چىراغ گۇرۇپپىسى سالاسۇن بىلەن بىرلىشىپ، بىر گەۋدىلەشكەن لايىھە ھاسىل قىلىپ، ئىككى تەرەپتىكى قوش قەۋەتلىك LED كۈندۈزلۈك ھەيدەش چىرىغى ماسلاشتۇرۇلۇپ، ئالدى يۈزىنىڭ قىياپىتى كۈچەيتىلگەن.


ئىچكى بېزەكتىن قارىغاندا، يېڭى ئاپتوموبىلغا قىزىل، قارا قوش رەڭ كىرىشتۈرۈش قوللىنىلغان. لەيلىمە شەكىلدىكى مەركىزىي كونترول ئېكرانىغا D شەكىللىك ئۈچ بالداقلىق رول ماسلاشتۇرۇلغان بولۇپ، قوللىنىشچانلىقى بولۇپلا قالماي، يەنە تېخنىكا تۈسىمۇ بار. سەپلىمە جەھەتتە شيوڭشى جىيۈن Lion سىستېمىسى سەپلەنگەن.


ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ جەھەتتە يېڭى ئاپتوموبىلغا ھازىرقى رۇيخۇ 5xنىڭ ھەرىكەتلەندۈرۈش سىستېمىسى قوللىنىلغان، ئۇنىڭغا 1.5Lلىق ۋە 1.5Tلىق ماتور سەپلەنگەن، 1.5Lلىق ماتورنىڭ ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى 116 ئات كۈچى 5MT ۋە CVT تېزلىك ئۆزگەرتكۈچ ماسلاشتۇرۇلغان؛ 1.5Tلىق ماتورنىڭ ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى 156 ئات كۈچى، توققۇز خوتلۇق CVT توققۇز ئۆزگەرتكۈچ ماسلاشتۇرۇلغان.